مەزلۇم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى نامىدىن ب د ت دا ھەقنى ياقىلىغان 39 دۆلەت ۋەكىلىگە رەھمەت ئېيتىمەن

تۈنۈگۈن ب د ت دا كۆپچىلىكى غەرب دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن 39 دۆلەت ۋەكىلى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي زوراۋانلىقىغا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىدى. بۇ دۆلەت ۋەكىللىرى 21 ‏-ئەسىردە داۋام قىلىۋاتقان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئىنسانىي مەيداندا تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇردى؛ زوراۋاننىڭ، پايدا-مەنپەئەتنىڭ يېنىدا ئەمەس؛ ھەقىقەتنىڭ، ئادالەتنىڭ مەزلۇمنىڭ تەرىپىدە ئورۇن ئالدى. مەن ئائىلە-جەمەتىدىن 39 كىشى لاگېرلارغا سولانغان چارىسىز بىر ئانا ، قوۋم-قېرىنداشلىرىدىن 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى لاگېرلاردا جان تالىشىۋاتقان جاپاكەش بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەزكۇر 39 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىدىن كۆڭلۈم تەسەللى تاپتى؛ دۇنيادا «ئىنسانىيەت چوڭ بىر ئائىلە» ، » ئىنسانلار كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئالىسى» دېگەن شوئارلارنىڭ قۇرۇق شوئار ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەندەك بولدۇم. ئىشىنىمەنكى ، بۈگۈن تاشقى دۇنيادىن تامامەن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان) ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى( خەلقى بۇ ھەققانىي سادادىن خەۋەر تاپقان كۈنلىرى سۆيۈنچىدىن كۆزلىرىگە ياش ئالىدۇ؛ مەزكۇر 39 دۆلەت ۋەكىللىرىگە، رەھبەرلىرىگە ۋە خەلقىگە رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. مەن بۈگۈن ئەنە شۇ مەزلۇم خەلقىمىزگە ۋاكالىتەن مەزكۇر 39 دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

ئەلۋەتتە بۇ پۇرسەتتە خىتاينىڭ كۈچىدىن قورقۇپ، خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلمەي؛ مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاھۇ زارىغا قۇلاق يوپۇرغان ۋە نومۇسسىزلارچە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللىغان دۆلەت ۋەكىللىرىگە لەنەت ئوقۇيمەن. بۇرۇن دېگىنىمدەك كۇبانىڭ، شىمالىي كورېيەنىڭ، ۋېنازۇللانىڭ بىزگە قارشى خىتايغا يان بېسىشىغا ھەيران قالمايمەن. ئەمما ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما ئاللاھتىن ئەمەس شى جىنپىڭدىن قورقىدىغان، دىنىي قېرىنداشلىرىنىڭ يىغىسىغا ئەمەس، خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابلىرىدىكى يالغانلىرىغا ئىشىنىدىغان؛ مۇقەددەس كىتابلاردىكى ئەقەللىي چاقىرىقلارغا ئەمەل قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى دەپسەندە قىلىدىغان ۋە زالىمغا يانتاياق بولۇشقان ئاتالمىش مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىگە ھەممىدىن بەك لەنەت ئوقۇيمەن.
ئاخىرىدا، خىتاينىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئېغىر چەكلىمىلىرى ۋە قانلىق باستۇرۇشلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرۇپمۇ، لاگېرلاردا ھاياتىدىن ئايرىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇپمۇ مىللىي كىملىكىدىن ، ئېتىقادىدىن ۋاز كەچمەيۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەقەدەر دۇرۇس ۋە سەمىمىي ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى، دۇنيا خەلقىنىڭ سەمىگە سېلىپ ئۆتىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*