رابىيە قادىر: ئۇيغۇر خەلقى دونالد ترامپ ۋە ئائىلىسىدىن ھال سورايدۇ

 

بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن قايغۇرۇۋاتقان ۋە ئۇنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقانلار يالغۇز ئامېرىكىدىلا ئەمەس، ئامېرىكىدىن مىڭلارچە كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى شەرقى تۈركىستاندا-ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىمۇ بار. خىتاينىڭ ئادالەتسىز يوللار بىلەن ئېرىشكەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئامېرىكا خەلقىنى زاۋۇت-فابرىكىلىرىدىن ئايرىپ تاشلىغان، دۇنيادىكى بىر قىسىم تېررىتورىيە مەسىلىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن، ب د ت دەك بىر ئورگاننى پارىخورلۇققا يېتەكلىگىنىدەك ، ئۇيغۇر خەلقىنىمۇ لاگېرلار ئارقىلىق ئۈن-تىنسىز بىر قىرغىنچىلىققا مۇپتىلا قىلدى. خىتاينىڭ بۇ تەھدىتىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكانى دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىدىن ئېلىپ تاشلاپ، دۇنياغا ئۆزى خوجا بولۇش قەستىنى ئەڭ بالدۇر تونۇپ يەتكەن ۋە تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان ھۆكۈمەت ترامپ باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولدى.
ترامپ بىر قاتار ئىقتىسادىي جازالىرى، بولۇپمۇ خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى ئېنىق مەيدانى ۋە كەسكىن پوزىتسىيىسى ۋە خىتاي زوراۋانلىقىنى تىزگىنلەش پىلانى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى سۆيۈندۈرگەن ۋە كېلەچىكىدىن ئۈمىدلەندۈرگەن ئىدى.
خىتاي دۇنياغا ۋابا تارقىتىپ بىر مىليونچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ئۈستىگە ئالغىنى يوق؛ قۇرغان ۋە كېڭەيتىۋاتقان لاگېرلىرى ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى يەر شارىدىن يوق قىلىۋېلىش ۋە يەر ئاستى-ئۈستى بايلىقىلىرنى يىللارچە تالان-تاراج قىلىپ كەلگەن شەرقى تۈركىستاننى ئەبەدىي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش؛ شۇنداقلا بۇ گۆھەر زېمىننى » ئەبەدىي ئەمىنلەشتۈرۈش ئارقىلىق » بىر يول بىر بەلۋاغ » نامى ئاستىدىكى دۇنياغا كېڭەيمىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كەچكىنى يوق.
خىتاينى بۇ رەزىل نىيەتلىرىدىن، دونالد ترامپقا ئوخشاش قەتئىي ئىرادىلىك، كەسكىن تەبىئەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرىلا ۋاز كەچتۈرەلەيدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خىرىس قىلىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرالايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى دونالد ترامپ ۋە ئائىلىسىدىن ھال سورايدۇ ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر
10-04-2020 ۋاشىنگتون

Leave a Comment

*

*