رابىيە قادىر: تارىخىمىزنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدە ھەقنى ياقلىغان فىرانسىيەدىن مىننەتدارمىز!

— فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانيۇل ماكرون ئەپەندىگە ئوچۇق خەت

ھۆرمەتلىك ئېممانيۇل ماكرون ئەپەندىم، ئۇيغۇرلار ھەققىدە 6 ‏-سېنتەبىر فىرانسىيە پارلامېنتىغا يوللىغان مەكتۇپىڭىز، 22 ‏-سېنتەبىر ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويغان چاقىرىقىڭىز بىلەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە خەلقئارا ئادالەت ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتتىن ئۈمىد بەردىڭىز. خىتايغا 21 ‏-ئەسىردە يىغىۋېلىش لاگېرى تەسىس قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش جاسارىتىنى بەرگەن نەرسە- يالغۇز خىتاي دۆلىتىنىڭ تەبىئىتىدىكى ياۋۇزلۇق-دىكتاتورلۇقلا ئەمەس، دۇنيادىكى كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ بۇ ۋەھشىيلىككە سۈكۈت قىلىشىدۇر.
خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ، دۇنيادىكى ئاجىز دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۈز يېنىغا تارتقىنىدەك؛ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىمۇ ، سودا ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ،ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. سىز يۇقىرىقى ئىككى مەيداندا، خىتايغا قارشى مەيدانىڭىزنى ئوچۇق ۋە كەسكىن ئىپادىلەپ، ئەركىنلىك سۆيەر فىرانسىيە خەلقىنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە ۋە مەدەنىيىتىگە خاس بىر پوزىتسىيىنى نامايان قىلدىڭىز، بۇ ئارقىلىق خىتايغا ئازراق بولسىمۇ ھەددىنى بىلدۈردىڭىز ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە تېخى دۇنيادا ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ يوقالمىغانلىقىدىن بېشارەت بەردىڭىز.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە قىلغان بۇ سۆزلىرىڭىزنى ئۇيغۇر خەلقى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. مەن بىر پېشقەدەم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئانا ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستاندا لاگىر ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان 35 جاننىڭ ئانىسى ۋە مومىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سان جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ، ھەقنى ياقلىغانلىقى، ئادالەت ئۈچۈن تىك تۇرغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم، بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇش ئارقىلىق مەنپەئەت تەمەسىدە بولۇۋاتقان ۋە مەنپەئەتلىنىۋاتقان ب د ت دىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئويغا سالىدۇ ۋە نومۇس قالدۇرىدۇ دەپ پەرەز قىلىمەن. بۇ نۇقتىدىن، يۇقىرىقى ئىككى مەيدان سۆزىڭىز، ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنساندارچىلىق قىممەت قارىشىنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈنمۇ يۈكسەك قىممەتكە ئىگىدۇر.
سىزگە ئوخشاش سەزگۈر ۋە ھەققانىيەتچى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىزچىل ۋە قەتئىي چاقىرىقلىرى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلىرى ، مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىميىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى يەر شارىدىن ئۈن-تىنسىز يوق قىلىۋېتىش قەستىنى بەربات قىلالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن ۋە سىزگە خەلىقمىز نامىدىن تەكرار رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*