رابىيە قادىر : يېڭى قانۇن لاھىيسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە ئۈچۈن بېسىلغان يەنە بىر قەدەم

تۈنۈگۈن ئامېرىكا   دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا    » ئۇيغۇرلارنى مەجبۇر ئەمگەكتىن ساقلاش قانۇن لايىھىسى» تەستىقتىن ئۆتتى. بۇ ، شەرقى تۈركىستاندا  نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بېسىلىۋاتقان يەنە بىر قەدەمدۇر. چۈنكى خىتاينىڭ نەچچە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنى لاگىر ئىچى-سىرتىدىكى زاۋۇت فابرىكىلاردا مەجبۇرى ئىشقا سېلىشى، شۇ ئەمگەككە سېلىنغۇچىلارنى  جىسمانىي ۋە روھىي  جەھەتتىن خورىتىپلا قالماستىن؛ يەنە ئۇلارنى كۆپىيىش) ئەۋلاد قالدۇرۇش( ۋە مەۋجۇتلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بۆشۈكى بولغان ئائىلىسىدىن ئايرىپ تاشلىدى.  ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە بېقىشسىز قالغان جورىلىرى ۋە پەرزەنتلىرىمۇ، نورمال ھاياتتىن -خاتىرجەملىكتىن ئايرىلىپ،  روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام يېتىشىش ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش ئىمكانىدىن مەھرۇم قالدى.  بۇ ئەلۋەتتە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى پىلانلىق يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ مېتودلىرىدىن بىرى بولغان – قان چىقارماي تۇرۇپ يەر يۈزىدىن يوقىتىش تەدبىرى ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى مانا  بۇ رەزىللىكنى، بۇ ۋەھشىيلىكنى تونۇپ يەتتى ۋە بۇ قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشنىڭ قەدەملىرىدىن بىرىنى  باستى.  بۇ قەدەم يالغۇز ئىنساندارچىلىق  نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش قەدىمىلا ئەمەس؛ يەنە خىتايغا ھەددىنى بىلدۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچىقلىقى ئۈچۈن بېسىلىۋاتقان بىر قەدەمدۇر.
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ   مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسىگە سەزگۈر ۋە مەسئۇلىيەتچان مۇئامىلىدە بولغان ۋە مەزكۇر لاھىيەگە ئەجىر سىڭدۈرگەن، جەيمىس مىكگاۋېرن ، كرېست سمىت قاتارلىق بارلىق دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن ۋە بۇ لايىھەنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېڭەش پالاتىسىدنمۇ ئۆتۈپ  تېزدىن قانۇنغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى : رابىيە قادىر

 

Leave a Comment

*

*