رابىيە قادىر : دىسنېي فىلم شىركىتى » مۇلان » فىلمىنى ئىشلەشتە ئامېرىكىنىڭ ئوبرازىغا خاس ئىش قىلمىدى

مەن 1990 ‏-يىللىرى  فوربىس ژۇرنىلىدا ئىسمىم تىلغا ئېلىنغان بىر سابىق مىليونېر ۋە كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  شۇنى كېسىپ دىيەلەيمەنكى ، كۆپ پۇل تېپىش، كاتتا كارخانا ساھىبى بولۇش تەس ئىش ئەمەس؛ تەس بولغىنى بۇ پۇلنى، بۇ كاتتىلىقنى ئەخلاق چىگرىسىدىن چىقماي تۇرۇپ، قانۇنسىز يوللارغا ماڭماي تۇرۇپ تېپىشتۇر. مەن دېسنىي شىركىتىنى ئامېرىكىدەك ئەركىن جەمىيەتتە ۋە قانۇن دۆلىتىدە قۇرۇلغان ۋە تەرەققىي قىلغان بىر شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يالغۇز پۇل تېىپىشتىلا ئەمەس، بەلكى ھەق ئادالەتنى ياقلاشتا،  ئاجىزلارنىڭ ھەققىنى يېمەسلىكتە ۋە زالىمغا يان باسماسلىقتىمۇ  دۇنيادا بىر ئۈلگە بىر شىركەت دەپ قارايتتىم. ئەمما ئۇنىڭ «مۇلان»  فىلمىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان ۋىلايىتىدە سىنغا ئېلىشى ۋە بۇ جەرياندا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرماسىقى، ئەكسىنچە فىلم ئاخىرىدا قاتىل بىر ھاكىمىيەتنىڭ قوللىرى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۈلۈمى ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىشى، دىسنينىڭ نامى ئۈچۈنلا ئەمەس ئامېرىكا دۆلىتى ۋەئامېرىكا خەلقىنىڭ ئوبرازىغا داغ   چۈشەردى.  مەلۇمكى فىلم ئىشلىگۈچىلەر فىلم سىنغا ئېلىنغان ئەتراپتىكى – فىلم ئىكرانىدىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان   ئۇ قورقۇنچلۇق لاگېرلارغا كۆز يۇمغان؛ ئۇ لاگىر قورۇسىدا قوراللىق ھاۋالاندۇرىلىۋاتقان، كۆزلىرى تېڭىق ھالەتتە بىنادىن بىناغا يۆتكىلىۋاتقان تۇتقۇنلارغا پەرۋا قىلمىغان؛ شۇ كۈنلەردە خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى، سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان لاگىر قۇرۇلۇشلىرى ۋە كۆزى تېڭىلغان ھالەتتە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىگىمۇ پەرۋا قىلمىغان. نامرات بىر دۆلەتنىڭ ئاجىز بىر شىركىتى بولغان بولسا، بۇ بىپەرۋالىقنى، بۇ پۇلغا تەسلىم بولۇشىنى مەلۇم دەرىجىدە  چۈشىنىشكە بولاتتى؛ دىسنيدەك دۇنياۋى نام-ئاتاققا ئىگە بىر شىركەتنىڭ پۇل ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ھاكىمىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇشى ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن تولىمۇ يىرگىنچلىك بىر سەھنە.

مەن  مەزكۇر  فىلمنىڭ مەزمۇنى- رايوندىكى خىتاي شوۋىنىزىمىغا بېرىۋاتقان ئىلھامى ھەققىدە توختالمايمەن، بۇ نۇقتىمۇ چوقۇم تارىخچىلارنىڭ ، فىلىم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تېگىشلىك ئىنكاسىنى قوزغايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.

مەن بۇ يەردە پەقەت دىسنېي فىلىم شىىركىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن مەزكۇر فىلىمىنى قويۇشنى توختىتىشقا، دىسنىينىڭ خىتاي بىلەن شىرىكچىلىكىدىن  يۈرىكى زەربە يېگەن ئۇيغۇر خەلقىدىن ئەپۇ سوراشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*