رابىيە قادىر : خەلقئارا جامائەتنى پىداكار ياش مىرادىل ھەسەننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىرىمەن

خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدە تۇرۇپ، شەرقى تۈركىستاندىكى ئېغىر سىياسىي ۋەزىيەتنى يوتۇب قانىلى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان، ئۇيغۇر ئوغلانى مىرادىل ھەسەن ئىككى كۈندىن بېرى تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلدى، ئىز-دېرىكى مەلۇم ئەمەس. مىرادىل ھەسەننىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە باياناتلىرى ۋە يوتۇبەر شادمان ماخمۇت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇمكى، ئۇ لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قېچىپ كىرگەن؛ ئەمما تېلېفون قوللانماسلىق قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن، خىتاي ساقچىلىرىغا تۇتۇلماي لاگېردىن ئامان قالغان بولسىمۇ؛ ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى، ئۇنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە 2 يىلدىن بۇيان ئىشسىز ۋە كوچىدا قېلىشقا سەۋەب بولغان. ئېچىنىشلىقى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى غەرب شىركەتلىرىمۇ، خىتاينىڭ بېسىمدىن قورقۇپ ئۇنى بىر ياكى بىر نەچچە كۈندىن ئارتۇق ئىشلىتەلمىگەن. دېمەك مىرادىل ھەسەننىڭ كەچمىشى تىپىك بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشىدۇر؛ ئۇنىڭ ساداسى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىدۇر.
مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن پۈتۈن قاتلاملىرىنى كۆرگەن ۋە كۆزەتكەن بىر پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىرادىل ھەسەننى خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق كونترروللۇقى ئاستىدىمۇ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ يۈرەلىگەن ۋە خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدىمۇ خىتايغا قارشى خىتاينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئىسيان كۆتۈرەلىگەن مىسالى ئاز ئۇچرايدىغان بىر قەھرىمان دەپ قارايمەن. مىرادىل ھەسەننىڭ كەچمىشى ۋە ئۇنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىنىڭ ئۆزى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ لاگېرغا ئېلۇپ كېتىلسە ئامان چىقمايدىغانلىقىنى، لاگىر سىرتىدا ئۇزۇن مەزگىل ياشاپ بولالمايدىغانلىقىنى، ئاخىرى چوقۇم يەنە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ ، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئۈن-تىنسىز غايىپ بولىدىغانلىقىنى ئالدىن تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي ئىچىدە تۇرۇپ خىتايغا قارشى خۇددىي مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇردەك ئېنىق سىياسىي مەيداندا بايانات ئېلان قىلغان. چۈنكى، ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە 3 خىل تىلنى بىلگەن مىرادىل ھەسەن، سىياسىي ۋەزىيەتنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپ ئىنچىكە كۆزەتكەن، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا پەيلىنى تولۇق چۈشەنگەن؛ شۇڭا ئۇ خىتايغا قارشى تۇرسىمۇ -تۇرمىسىمۇ، قاتتىق گەپ قىلسىمۇ- يۇمشاق گەپ قىلسىمۇ، بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاقىۋىتىنىڭ ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى يەنى تۈرمىدە چىرىپ تۈگەش بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتايغا قارشى شىكايەت باياناتىدا، ئۆزىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئارزۇسىنى قىلچە يوشۇرمىغان.

مەن مىرادىلنىڭ باياناتلىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا ھەيران قالمىدىم ، چۈنكى ئۇ، مەن كۆرگەن، مەن ئازابىنى چەككەن قىلمىشلار؛ مېنى ئەجەبلەندۈرگىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئىگە چىقالمىغانلىقى يەنى ئۇنىڭغا ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئىمكانى يارىتىپ بېرەلمىگەنلىكى، توغرىسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دۆلىتىگە ئاڭسىز ھالدا ھەمكارلاشقانلىقى….. مەن بۈگۈن خەلقئارا جامائەتنى بولۇپمۇ خىتايدىكى ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنى ، خەلقئارا ئاخباراتچىلارنى مىرادىل ھەسەننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*