س ن ن گە تەلەپ ۋە تەۋسىيە
ھۆرمەتلىك س ن ن تەھرىر ھەيئەتلىرى، مەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، 4 قېتىملىق نوبېل تىنچلىق نامزاتى رابىيە قادىر بولىمەن. مەن ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ مېنىڭ ئانا ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستاندا) ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا( يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان تراگېدىيىلىك ۋەزىيەتكە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانقىنىڭلار ئۈچۈن، ئانا ۋەتىنىمدە لاگېرلاردا يېتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇنلار نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. يېقىندىن بۇيان ئىشلىگەن خەۋەرلىرىڭلەردە كۆپ قېتىم خىتاي تەرەپنىڭ خادىملىرىغا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز پۇرسىتى بەردىڭلار؛ لېكىن ، مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە بەك كۆپ پۇرسەت بېرىلمەي قالدى، بەلكىم، ئامېرىكادىكى سانىمىز كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ۋەزىيەتتىن مەلۇمات بېرىشتە لاياقەتلىك كىشىلەرنى تېپىشتا قىينالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن.
مەن ئەينى يىللاردا خىتايدىكى 11 مىليونېردىن بىرى بولۇش ۋە خىتايدا 6 يىل تۈرمىدە ياتقان بىر سىياسىي مەھبۇس بولۇش ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە 15 يىلدىن بۇيان يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان بىر رەھبەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى كۆپىنچە سوئالىڭلارغا، كۆزىتىشلىرىم ۋە باشتىن كەچۈرگەنلىرىمگە ئاساسەن، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلەيمەن دەپ قارايمەن. ئەگەر ئالاھىدە كەسپىي ساھەدىكى سوئاللىرىڭلار بولسا لاياقەتلىك كىشىلەرنى سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ بېرەلەيمەن.
شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خىتاي تەرەپنىڭ پىكرىنى ئالغان ۋە ياكى ئۇلارنى ئېكرانغا تەكلىپ قىلغان ۋاقتىڭلاردا بىز-ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگىمۇ سۆز پۇرسىتى بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ۋە بۇ جەھەتتە سىلەرنىڭ زىيارىتىڭلارنى قوبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن.

ھۆرمەت بىلەن،
رابىيە قادىر
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى

Leave a Comment

*

*