رابىيە قادىر: تىك ۋە مەغرۇر ياشايمىز، قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

گەرچە 3مىليوندىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز لاگىر ۋە تۈرمىلەردە تېخىچە كويزا-كىشەنلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ؛ گەرچە، بىر مىليوندىن ئارتۇق يۈرەك پارىمىز خىتاينىڭ ئاتالمىش پەرىشتىلەر مەكتىپى نامىدىكى دارىلتاملاردا ئاتا-ئانا مېھرىمدىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقان بولسىمۇ؛ گەرچە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتە ئانا ۋەتەن ھەسرىتىدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، قۇربان ھېيتىمىزغا مۇبارەك بولسۇن! چۈنكى بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتىمىز، دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە بالاسى ئاپەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە بۇ تونۇشىنى ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە يېتىپ كەلدى. بۇ قۇربان ھېيت دۇنيادا تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ئۇيغۇر سىياسىي قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاپ؛ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ يولىنى ھازىرلاۋاتقان بىر مەزگىلدە يېتىپ كەلدى. بۇ قۇربان ھېيت؛ خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ دېگەندەك، » خىتاي ئالدىنى توسقىنى بولمايدىغان بىر كۈچ » ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىشقا باشلىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. مانا بۇ سەۋرنىڭ تېگى ئالتۇن ئىكەنلىكنىڭ بىر ئىشارىتى؛ مانا بۇ، زالىمغا قارشى، ئادالەتسىزلىككە قارشى ئىزچىل ۋە قەتئىي كۈرەشنىڭ ئۇلۇغ ئاللا تەرىپىدىن مۇكاپاتسىز قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر سىگنالى. خىتاي بىزنى مانا مۇشۇ سىگناللاردىن مەھرۇم قالدۇرۇشنىڭ كويىدا. خىتاي لاگېرلار ئارقىلىق بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارغا » سەن بىر كۈنمۇ بېشىڭنى تىك تۇتماسلىقىڭ كېرەك؛ بىر مىنۇتمۇ قاقاقلاپ كۈلمەسلىكىڭ كېرەك!» دەۋاتىدۇ. ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىكى پۈتۈن شەرقى تۈركىستان خەلقى ئاسارەتكە چۈشكەندىن بۇيان خىتاينىڭ بۇيرۇق ۋە چاقىرىقلىرىغا بويۇن ئەگمەي كەلدى. خىتاينىڭ لاگىر ئارقىلىق بېرىۋاتقان بۇ بۇيرۇقىغىمۇ بويۇن ئەگمەيدۇ. شۇڭا بىز بۇ بايرامنى تەبرىكلەيمىز! بۇ بايرامدا تىك ياشايمىز؛ خىتايغا قارشى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەتلەرگە ئۆتۈش ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلايمىز! ھېيتىڭلار مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*