ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەتلىرى ئارىسىدا تېرورچىلار يوق

 

» شىنجياڭ گېزىتى» تارقاتقان خاتا خەۋەرگە رەددىيە

«شىنجاڭ گېزىتى » ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا » › دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى › تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەر تارقاتقان ۋە خەۋەردە ماڭا ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاۋاز نەقىللىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق ئەيىپلىمىسىنى دەلىللىمەكچى بولغان. ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، مەن سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى زۇلۇمدىن قېچىپ چىققان ۋە شەرقى تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن چىقىش يولىدا ئىزدەۋاتقان مۇھاجىرلار دەپ قارايمەن. شۇنداق قارىغانلىقىم ئۈچۈن، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەن مەزگىللەردە، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ئاشكارا چاقىرىق ئېلان قىلغان ۋە بۇ چاقىرىقىمنى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا ئىزچىل يەتكۈزۈپ تۇرۇۋاتقان بىر پائالىيەتچىمەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا سەپنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان، مەركىزى ۋە غوللۇق تەشكىلاتلىرىمىزدۇر. نۇزۇگۇم جەمىيىتىمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان ياراملىق بىر خەير-ساخاۋەت ئورگىنىمزىدۇر. دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەت ۋە خەلقلەردە بولغىنىدەك، بىزنىڭ – ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا، بەزى مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىمىز بار، ئەمما دۈشمىنىمىز بىر ؛ غايىمىز ئورتاق. شۇڭا بۇ تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىدەك بۇنداق جىددىي مەسىلىدە پىكىر ۋە مەيدان ئىختىلابىمىز يوق.
خىتاي تەرەپ مەزكۇر گېزىتتە ماڭا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېلان قىلغان ئاۋاز خاتىرىسى پۈتۈنلەي مونتاژ قىلىنغان، يەنى بەزى كىشىلەر بىلەن شەخسىي سۆھبەتلىرىمدىكى گەپلىرىم ئوغۇرلۇنۇپ، ئۆزگەرتىلىپ، بۇرمىلىنىپ ياساپ چىقىلغان.
خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى تېخنىكىلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ياساپ چىققان بۇ ساختا ۋە خاتا پاكىتلىرى ئارقىلىق، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قارىلاش، شەرقى تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا نىزا پەيدا قىلىشقا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنغان. مەن بۇ پۇرسەتتە شۇنى تەكىتلەيمەنكى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ياكى تېررورلۇقنى تەشەببۇس قىلغانلار كۆرۈلۈپ باقمىدى. شەرقى تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھەققانىي كۈرەشنى تېررورلۇق قالپىقى بىلەن قارىلاش ۋە ئۇجۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، خىتاي ئالدىراپ ۋاز كېچەلمەيدىغان بىر ئاسان يول.
شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتنى، خىتاينىڭ بۇنداق ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىققا؛ مېنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پىكرىم ۋە مەيدانىمنى بىلىشكە قىزىقسا، خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتلىرىمنى ئوقۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلىمەن. (http://www.iuhrdf.org/content/uyghurs-syria-need-be-guided-and-protected)

ئۇيغۇر مىللى ھەركىتى رەھبىرى – رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*