رابىيە قادىر : « 26 ‏-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» نى ئۇنتۇيالمايمىز!

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى | رابىيە قادىر ...

2009 ‏-يىلى 6 ‏-ئاينىڭ 26 ‏-كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى شۈرۈى ئويۇنچىلىق فابىرىكىسىدا، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق ۋەقەلەردىن بىرى يۈز بەرگەن ۋە بۇ ۋەقەدە قەشقەر توققۇزاقتىن كەلگەن يۈزلەرچە ئۇيغۇر ئىشچى فابرىكىدىكى مىڭلارچە خىتاي ئىشچى تەرىپىدىن كالتەكلەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرلگەن ۋە يارىلاندۇرۇلغان ؛ بۇ پاجىئەگە خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى كۆز يۇمۇپ تۇرغان ئىدى.
بىز، “ 26 ‏-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى“نى ئۇنتۇمايمىز، چۈنكى بۇ قانلىق ۋەقە ئۇچۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پەقەت بىر ئىزاھات تەلەپ قىلىپ 7 -ئاينىڭ 5 -كۈنى ئۈرۈمچىدە توپلانغان مىڭلارچە قېرىندىشىمىز جاۋاپسىز قالدۇرۇلغان ۋە تېرورلۇق بىلەن ئەيىپلىنىپ قانلىق باستۇرۇلغان؛ ۋەقەدىن ئامان قالغان ئىماممەمەتكە ئوخشاش مىڭلارچە تۇتقۇن ئىز-دېركسىز غايىپ قىلىۋېتىلگەن ۋە نامايشنىڭ يېتەكچىلىرىدىن دەپ قارالغان گۈلمىرە ئىمىنگە ئوخشاش مىڭلارچە قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن ئىدى.
بىز بۇ ۋەقەنى ئۇنتۇيالمايمىز، چۈنكى ”شاۋگۈەن ۋەقەسى“دە ئۆلگەنلەرنىڭ ۋە 5″ ‏-ئىيۇل“دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلارنىڭ ھېسابىنى سۈرۈشتە قىلىپ خىتاي مەركىزى ھۆكىمىتىگە خەت يازغان ۋە تەكلىپ سۇنغان پىراففىسور ئىلھام توختى مۇشۇ ھەق سۆزلىرى ئۈچۈنمۇ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن ئىدى .

بىز ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمىز، چۈنكى ئىماممەمەتلەرنىڭ ئىز -دېرىكى تېخى مەلۇم ئەمەس، پاتىگۈل غۇلاملارنىڭ كۆز يېشى تېخى قۇرىغىنى يوق؛ ئىلھام توختى ۋە گۈلمىرە ئىمىنلەر تېخىچە جازاسىنى چەكمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى “ 5 ‏-ئىيۇل“ ۋەقەسىنى تېرورلۇق دەپ ئەيىپلەپ يۈزلەرچە دوكىلات چىقارغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولغان “ شاۋگۈەن ۋەقەسى“ ھەققىدە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ “ 5 ‏-ئىيۇل “ ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى ھەققىدە ھىچقانداق ئىزاھات بېرىپ باقمىدى.

مەن بۇ ئالاھىدە كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شاۋگۈەن قەتلىئامىغا كۆز يۇمغانلىقىدەك جىنايىتىنى كېچىككەن بولسىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ۋە مەزكۇر ۋەقەنىڭ داۋامى بولغان “ 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى“دە ئۆلگەن غايىپ قىلىۋېتىلگەنلەر ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مەلۇمات بېرىشكە؛ شۇنداقلا نۆۋەتتە لاگىرلار ئارقىلىق داۋام قىلدۇرىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*