ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتى دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارشى باياناتى

Rebiya Kadeer in a photo taken in 2007.

ئالدى بىلەن خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارشى باياناتنى بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قانۇنىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.

ئەمدى بىز تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا قارشى بايانات بەرمەكچىمىز.

بىرىنچى: ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى بولۇپ، بىر ئىنساننىڭ ئىنسانى ھەق- ھوقۇقىدا ياشىشى، ئۆزىنىڭ مىللىتى بولۇپ ياشىشى، ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىنىدا ياشىشى ئەقەللىي ياشاش ھەققى بولۇپ، بۇ سىلەرلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا قارشى تۇرماقچى بولغان ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دائىرىسىگە ھەرگىز كىرمەيدۇ.

ئىككىنچى: ئۇيغۇر خەلقى شۇ زېمىننىڭ ھەقلىق ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئىشغالچى ھۆكۈمىتىڭلار تەرىپىدىن خەلقنىڭ ھاياتى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە مال- مۈلكى بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكىلا ئەمەس ، پۈتۈنلەي يۇقۇتۇشقا دۇچ كەلدى.
بۇنى زېمىن ئىگىلىرى ئەمەس، سىلەر كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار.

ئۈچىنچى: سىلەر ماھىيەتنى تۈزەشتە چىڭ تۇرمىدىڭلار، ئەكسىچە ئاتالمىش شىنجاڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بارلىق ھەق- ھوقۇقلىرىنى تارتىپ ئالدىڭلار.

تۆتىنچى: بىر مىللەتنىڭ زېمىنىنى قوغدىشى ، دىنىدا ياشىشى، مىللىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى قايسى خىل تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا، ئەسەبىيلىككە كىرىدۇ؟
سىلەر نومۇس قىلماي قىلمىشلىرىڭلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە زوراۋانلىق، ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت قەدەم باسقۇچى ۋە گەۋدىلىنىشى دەپ ئاتاپسىلەر .
ئۇنداقتا سورايلى : بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېرۇرلۇق دائىرىسىگە كىرگۈزگەن قىلمىشلار ئىچىدە — ئۆز زېمىنىدا ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىدە ياشاش ، ئۆز ئېتىقادىدا ياشاش ، باشقا دۆلەتلەرگە ئۇقۇش، ساياھەت، تىجارەتكە بېرىش … قاتارلىقلارنى تېررورلۇق، زوراۋانلىق دەپ ئېنىقلىما بەرگەن ماددا بارمىكەن؟!
يەنە سورايلى: ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى ئىچىدە — ئۆز زېمىنىدا ياشىغىلى ئىمكان بەرمەسلىك، دىنىنى پۈتۈنلەي چەكلەش، مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي چەكلەش، سەرخىللەرنى ئۆلتۈرۈش، قاماققا ئېلىش، ئۆسمۈرلەرنى ئاتا-ئانىدىن ئايرىش… بارمىكەن؟!
سىلەر ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پرىنسىپلىرىغا ھاقارەت قىلدىڭلار!

بەشىنچى : ئاتالمىش شىنجاڭدا ئۇيغۇر مىللىتى تەرىپىدىن ئەزەلدىن زوراۋانلىق، تېرۇرلۇق قىلمىشلىرى يۈز بەرمىگەن.
بىر ئىنساننىڭ پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان ۋە قوغدىلىدىغان ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ئۇنى دەپسەندىچىلىكتىن قوغداش ئۈچۈن سىلەرگە بىلدۈرگەن قارشىلىقى ھەرگىزمۇ تېرۇرلۇق، ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قوغداش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بارچە تېرۇرلۇق، زوراۋانلىقنى سىلەر كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار، يىللاردىن مىليونلاپ ئۇيغۇرنى ھەر خىل باھانە بىلەن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قەتلى قىلدىڭلار، ئىنسانى ئار-نومۇسىمىزنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئۆلىما، ئالىم، بايلىرىمىزنى توختىماي يۇقاتتىڭلار، بايلىقلىرىمىزنى تالان-تاراج قىلدىڭلار!
ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىدىن سۆز ئاچىسىلەر تېخى نومۇس قىلماي!

ئالتىنچى : ئۈچ يىلدىن بېرى تېررورلۇق ۋەقەسى يۇق دەپسىلەر! بار، ئۇ تېررورلۇقنى مىنۇت سېكۇنت توختاتماي سىلەر ئېلىپ بېرىۋاتىسىلەر!
قورققىنىڭلاردىن، ھەممە ئادەملەرنى يىگىرمە تۆت سائەت نازارەت ئاستىغا ئالدىڭلار! ھەتتا ئۆيدىكى پىچاققا كود قويدۇڭلار! سىرتتىكى پىچاقلارنى زەنجىر بىلەن باغلىدىڭلار!
ئەگەر قىلغىنىڭلار ئۆزەڭلەرگە ھەقلىق بولسا، ئۇنچىلىك ئەندىشىدە ياشىمايتتىڭلار!

يەتتىنچى : ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيىدىغان مىللەت ئىدى، سىلەر بارلىق ئىتتىپاقلىقنى ۋەيران قىلدىڭلار ، مىللەتلەر ئارا بۇزغۇنچىلىق كەلتۈردۈڭلار .
ئۇيغۇر مىللىتى مەدەنىيەت تارقاتقۇچى مىللەت ئىدى، ئەكسىچە سىلەر رەزىللىك تارقاتتىڭلار!
دىنلار ئىناق- ئىتتىپاق، مىللەتلەر ئىناق- ئىتتىپاق دېگەن سەپسەتەڭلەرگە ھەتتا ئۆزەڭلەرمۇ ئىشەنمەيسىلەر!

سەككىزىنچى : ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ ئىشى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئىچكى ئىشىڭلار ئەمەس.
بىز ئەزەلدىن ئايرىم تېروتورىيە، ئايرىم مەدەنىيەت، ئايرىم دىندا ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئەسىرلەردىن بېرى ساقلاپ ۋە داۋام قىلىپ، خاسلىقىمىز بىلەن ياشاۋاتقان مىللەت.
سىلەر بىزنى ئىشغال قىلدىڭلار، بىزنىڭ ئىشىمىز ھەرگىز سىلەرنىڭ ئىچكى ئىشىڭلار دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.
سىلەرنىڭ زىمىنىڭلارنى باشقىلار ئىشغال قىلىۋېلىپ، بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز دېسە، سىلەر ماقۇل دەپ ياشىساڭلار بولىدۇ، ئەمما باشقىلارغا تاڭماڭلار.
بىز جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئەمەس، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىگىمۇ تەۋە ئەمەس.
بىزنىڭ بارلىق مىللىي خاسلىقىمىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، مەجبۇرى خىتتايلاشتۇرۇپ، پەرزەنتلىرىمىزنى خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيىلەپ، ئەسلىمىزنى يوقىتىپ جۇڭخۇا مىللىتى ياسىماقچى بولغىنىڭلار، زېمىنىمىزنى ئىشغال قىلىپ ئىچكى ئىشىمىز دەۋېلىشىڭلار، ئۆزۈڭلار دەبدەبە بىلەن تىلغا ئالغان ئىنسانى ھەق- ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بولىدۇ.
پۈتۈن دۇنياغا يالغان تەشۋىقاتنى يېيىپ دۇنيانى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھېچ خاتالىق سادىر قىلمىدى، بەلكى كىشىلىك قەدىر- قىممەتنى يۈكسەك ئورۇنغا قويىدىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلسا، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىلىرىدىن ھالقىغان مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سىلەرنىڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنى مۇنقەرز قىلىپ كېڭەيمىچىلىك قىلىدىغان، دۇنيا تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىڭلارنىڭ ئالدىنى ئالدى.

بىز جىددىي يوسۇندا شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، لاگېرلاردىكى، تۈرمىلەردىكى بىگۇناھ خەلقنى قويۇۋېتىڭلار، دىنىي پائالىيەتلىرىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭلار، تىل، مەدەنىيىتىمىزگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقنى توختىتىڭلار! ئاياللىرىمىزنى دەپسەندە قىلىشنى توختىتىڭلار! ئائىلىلەرنى جەم قىلىڭلا، ئىچكىرىدىكى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇڭلار! سەبىيلىرىمىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيىلىشىگە قايتۇرۇڭلار! ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ، خىتاي بىلەن توققانلىشىش، خىتاي بىلەن تويلىشىشنى يۇق قىلىڭلار، ئىشغالچى بىلەن ئىشغال قىلىنغۇچى ئوتتۇرىدا تۇغقاندارچىلىق، قۇدىلىشىش مەڭگۈ مەۋجۇت بولمايدۇ.
يەرلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇڭلار، توڭلىتىلغان ۋە تارتىۋالغان مال-مۈلۈكنى ئىگىسىگە قايتۇرۇڭلار! ئۇيغۇر خەلقىنى تېررورىست، زوراۋان كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان فىلىم، تەشۋىقاتىڭلارنى توختىتىڭلار! چەتئەلدىكىلەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار!
يۇقىرىلارنى بىز سىلەردىن چىرايلىق تەلەپ قىلدۇق، ئۇنداق بولمايدىكەن بىز تېخىمۇ قاتتىق ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر دۆلەت ۋە خەلقلەرنى سىلەرگە قارشى بىرلىكسەپ تۈزەشكە، ئامېرىكىدەك قانۇن ماقۇللاشقا، ئىقتىسادى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە ھارماي تەشۋىقاتتا بولىمىز. بىر تېمىم قىنىمىز، بىر جان قالغۇچە سىلەرگە قارشى تۇرىمىز. رەزىل قىلمىشىڭلار تۈپەيلى ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىتىمىز.

ئۇيغۇر مىللى ھەركىتى لىدېرى
2020-يىلى 20- ئىيۇن
ۋاشىنگتون

Leave a Comment

*

*