رابىيە قادىر : لاگېرغا سولانغان ئۈچ مىليون ئۇيغۇر ئىنسانىيەتنىڭ بىر پارچىسى ئەمەسمۇ؟

—-ياۋروپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار مەسئۇلى جوسسېف بوررەل ئەپەندىگە ئوچۇق خەت

ھۆرمەتلىك جوسسېف ئەپەندى، خىتاينىڭ ئىنسانىيەت تىنچلىقىغا تەھدىت ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپسىز، كۆپ ئەپسۇسلاندىم؛ بۇ يالغۇز ،باياناتىڭىزنىڭ خىتاي تەھدىتىنىڭ رېئاللىقىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، مەيدانىڭىزنىڭ ياۋروپا قىممەت قاراشلىرىغا تۈپتىن زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن. خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى) ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى( ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان يوقىتىش خاراكتېرلىك ئىجرائاتلىرى ، ئىنسانىيەتكە قارشى تەھدىتنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟ ئويلايمەنكى، سىزنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر رېئاللىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى خىتاينىڭ بۈگۈن 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولىۋالغانلىقى دۇنياغا سىر ئەمەس. بۇ ھەقتە ب د ت نىڭ دوكلاتى بار، غەربتىكى 12 غوللۇق ئاخبارات ئورگىنى بىرلىكتە ئاشكارا قىلغان ھۆججەتلەر‏- خىتاينىڭ مەزكۇر لاگېرلارنى قانداق باشقۇرۇش ھەققىدىكى مەخپىي بۇيرۇقلىرى بار؛ يەنە غەرب تەتقىقات ئورۇنلىرى ئاشكارىلىغان لاگىرلارنىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى ھەققىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بار. خىتاي » كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى » دەپ پەردەزلىگەن بۇ لاگېرلاردا، دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش نامى ئاستىدا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كوممۇنىست ئىدىيىنى مەجبۇرى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا لاگېرىدىكىلەرنىڭ ئائىلىسىدىن، ئىشىدىن، نورمال تۇرمۇشىدىن ئايرىپلا قالماستىن يەنە لاگېرنىڭ قېيىن-قىستاقلىرى ۋە ناچار شارائىتلىرى سەۋەبلىك ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە لاگىر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرى بار.
مۇشۇنچىۋالا پاكىتلارغا كۆز يۇمغان ئىكەنسىز، سورىماي تۇرالمايمەن: ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەسمۇ؟ بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزايىنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى، باشقا ئەزالىرىنىڭ تىنچلىقىغا دەخلى يەتكۈزەلمەمدۇ؟ ئىشىنىمەنكى ، ئىنسانپەرلىك، مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ھالقىسى بولغان ياۋروپا قىممەت-قاراشلىرىدا، بۇ دەرىجىدە شەخسىيەتچىلىك ۋە بىپەرۋالىققا ئورۇن يوق. شۇڭا، ئۆتكەن يىلى ب د ت دا 22 غەرب دۆلىتى ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش-لاگىرلارنى تاقاش ھەققىدە خىتايغا تەكلىپنامە سۇندى؛ بۇ تەكلىپنامىگە خىتايغا يانداش 55 نامرات ۋە دىكتاتور دۆلەت قارشى چىقتى.
مەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىدەك سىز بىلەن ۋىدو سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ سىزنى قايىل قىلغۇدەك كۈچ ۋە ئىمكانغا ئىگە ئەمەسمەن. مەن پەقەت نۆۋەتتىكى خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ 6/1قىسمىنى ئىگىلىگەن بىر زىمىننىڭ-شەرقى تۈركىستاننىڭ- ئەسلى ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بىر ئاۋازىمەن. مەن ئۇيغۇر خەلقىنى يەر شارىدىن سۈپۈرۈۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ئىشنى قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقىغىمۇ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن. بۇ ئاۋازىم سىزگە ئوخشاش -ماركسىزملىق تارىخى بولغان سوتسىيالىست ئىشچى پارتىيسەگە مەنسۇپ -بىر سىياسەتچىنىڭ خىتايغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۈمىدىنى سۇسلاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن؛ ئەمما خىتاي ۋىرۇسىنىڭ زەربىسىدە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسىدىن ئايرىلغان ئىنسانىيەت ئائىلىسىنى بىر ئويلىنىپ بېقىشقا تۈرتكە بولالايدۇ دەپ قارايمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

2020 ‏-يىلى، 10 ‏-ماي، ۋاشىنگتون

Leave a Comment

*

*