رابىيە قادىر: تەستىقلانغان قانۇن لايىھىسى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا خەلقى ئۈچۈنمۇ خوش خەۋەردۇر

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى بۈگۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلاش ئارقىلىق، بىز ئۇيغۇرلارغا كاتتا بىر رامزان سوۋغىسى ئاتا قىلغان بولدى. تەستىقلانغان بۇ قانۇن لايىھىسى ، ئەلۋەتتە ۋەتىنىمىز-شەرقى تۈركىستاندا-ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا -داۋام قىلىۋاتقان تراگېدىيىلىك ۋەزىيەتكە قارىتا بىۋاسىتە ۋە ھەل قىلغۇچ تەدبىرنىڭ لايىھىسى ئەمەس. ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ، يەرشارىدا ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر چارىسىز مىللەتكە، رەسمىي ۋە جىددىي شەكىلدە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ۋە بۇ ۋەزىيەتكە بۇنىڭدىن كېيىن تاماشىبىن بولۇپ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
خىتاي كومپارتىيىسى 1989 ‏-يىلى تيەنئەنمىن قەتلىئامىنى سادىر قىلغاندا جازالانمىغانلىقى ئۈچۈن، شەرقى تۈركىستانىدا 2017 ‏-يىلى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى سولىۋالدى ۋە ئۇلارنى نورمال ئائىلە ۋە تىرىكچىلىكتىن مەھرۇم قالدۇردى. خىتاي بۇ جازا لاگېرلىرىنى » كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرى» دەپ يالغان ئېيتقان ۋاقتىدا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا مىللىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، دۇنيادا خىتاينى توختا دەيدىغان بىر دۆلەت چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ۋۇخەندە كورونا ۋىرۇسى بايقالغاندا، خىتاي ھېچ چۆچۈمەستىن، بۇ ۋىرۇسنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىغا كۆز يۇمدى ۋە بۈگۈن دۇنيادا 4 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ كېسەلدىن يۇقۇملىنىشى ۋە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچتى. شۇڭا مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ تەستىقلىنىشى ، بۈگۈن دۇنيادا ئۆزىنى تەڭداشسىز ھېس قىلىۋاتقان ۋە دۇنياغا ئاپەت تېرىۋاتقان، ئەنە شۇ رەزىل بىر كۈچنى ئەجەللىك نۇقتىسىدىن تىزگىنلەش ئۈچۈنمۇ تۇنجى ۋە ئەھمىيەتلىك بىر قەدەمدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەزكۇر تەستىق ، مىللىي مەۋجۇتلۇقى خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس؛ بەلكى بۈگۈن تىنچلىق ، ساغلاملىق، خاتىرجەملىككە ھەممىدىن بەك تەشنا بولۇۋاتقان دۇنيا خەلقى ئۈچۈنمۇ بىر خوش خەۋەردۇر.

ئاخىرىدا بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تەستىقلىنىشىغا ئەجرى سىڭگەن، بارلىق ئاخباراتچىلار، ماركو رۇبىو، جىم مىكگوۋرن ۋە كرېست سمىت قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە بارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*