رابىيە قادىر: شەرقى تۈركىستاندا مىڭلارچە ئاخباراتچى 3 يىلدىن بۇيان لاگىر ۋە تۈرمىلەردە ئازاپ چەكمەكتە

( » 3 ‏-ماي» دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋتى بىلەن)

خىتاي دائىرىلىرى 2018 ‏-يىلى ئاخبارات -نەشرىيات ساھەسىدە » ئارقىغا قاراش (  »  ۋاڭخوۋ كەن») دولقۇنى قوزغاپ قەشقەر نەشرىياتىدىن 500دىن ئارتۇق، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىن 1000دىن ئارتۇق ئاتالمىش مەسىلىلىك كىتاب-ژۇرناللارنى بېكىتىپ چىققان ۋە بۇلارغا قولى تەككەن مۇخبىر، تەھرىر، نەشىرياتچىلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتقۇن قىلغان. قەشقەر نەشىرياتىدىنلا 60 نەچچە خىزمەتچىدىن 20 نەچچە نەپىرى تۇتۇلغان.
2009 ‏-يىلى 5″ ‏-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايوندىكى يۈزدىن ئارتۇق تور بەت تاقالغان ۋە ئۇلارنىڭ قۇرغۇچى، تەھرىر ۋە مۇخبىرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان. دېمەك، بۈگۈنكى بۇ 3 ‏-ماي «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى» خاتىرە كۈنىدە شەرقى تۈركىستاندا ) ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا( رەسمىي ۋە ئىجتىمائىي ئاخباراتچىلاردىن مىڭلارچە كىشى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ئازاب چەكمەكتە. بۇلاردىن ھازىرغا قەدەر ، پەقەت 30 نەچچە نەپىرىنىڭ نام شەرىپى دۇنياغا ئاشكارىلاندى.
خەۋەرلەردىن مەلۇمكى ، بۇ مىڭلارچە ژورنالىستىنىڭ بەزىلىرى، خىتاي شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقنى دادىللىق بىلەن پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ۋە كېسىۋېتىلگەن. مەسىلەن 2009 ‏-يىلى مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن سەلكىن تور بېتىنىڭ مۇخبىرى گۈلمىرە ئىمىن، 26 ‏-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسىگە قارىتا پىكىر بايان قىلغانلىقى ۋە نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن بولسا؛ 23 ياشلىق ئابابەكرى رەخىم خىتاي 2014 ‏-يىلى 28 ‏-ئىيۇل كۈنى سادىر قىلغان يەكەن قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن. بۇلار، ھاياتىنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ، ئاخبارات كەسپىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ، كۆز ئالدىدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چامىنىڭ يېتىشىچە ھەرىكەت قىلغانلار. ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ قۇرغۇچىسى پروفېسسور ئىلھام توختىمۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مۇتەللىپ ئىمىن ۋە ئاتىكەم روزىلارمۇ مۇ مۇشۇ خىل قەھرىمانلاردىندۇر. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بولسا ، خىتاي يول قويغان چەكلىك دائىرىدە‏- خىتاينىڭ سىياسىي چاقىرىقلىرى دائىرىسىدە- ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتنى- يەنى تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرۈپ ئادىتىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپراق ھەرىكەت قىلغانلار. مەسىلەن شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدىن تەنقىدچى يالقۇن روزى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي ، قەشقەر نەشرىياتىدىن پېشقەدەم يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىلار، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت ۋە پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالاىدىن . بۇلار، مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پەيلىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئائىلىسىنى، شەخسىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان ھالدا، مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلار. بۇلار خىتاي دائىرىلىرى دۆلەت دۈشمىنى دەپ بېكىتكەن ئۇيغۇر مىللىتىگە خىزمەت قىلغان «گۇناھى» ئۈچۈنلا بۈگۈن قاراڭغۇ كامېرلاردا ياتماقتا.
بۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمى بولسا، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىجرائاتلىرىغا قارشى ھېچقانداق سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بولمىغان- خىتاينىڭ قىزىل سىزىقلىرىغا يېقىن كەلمىگەن، پەقەت ۋە پەقەت ، ئىنسانىي تەبىئەت ۋە ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسى بىلەن خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا، خىتاي كۈتكەن دەرىجىدە ئاكتىپ ماسلىشالمىغانلار. مەسىلەن شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى ۋە مىركامىل تۇرسۇن قاتارلىق 4 مۇخبىر ۋە تەھرىرلەر. بۇلار، ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ بولۇپ قالغانلىقى ۋە نازۇك بىر ساھەدە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈنلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىنسانلار.

بۈگۈن دۇنيادا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان دۇنياۋى ۋابا-ۋۇخەن ۋىرۇسى ، ئەركىن ئاخبارات بولمىسا، ئاخباراتچىلىرى سولانسا-قامالسا، دۇنياغا نېمە بالاسى ئاپەتلەرنىڭ تېرىلىدىغانلىقىنى مۇنازىرىسىز ھالدا ئىسپاتلىدى. بۈگۈن ئىنسانلار ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن ئىبارەت بىر ئىنسانىيەت دۈشمىنى بىلەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە. شۇڭا شەرقى تۈركىستاندا تۈرمە ۋە لاگېرلاردا يېتىۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇر ژۇرنالىستنى ئەسلەش، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قەھرىمانلارنى ئۈلگە ئېلىش يالغۇز شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، دۇنياۋى تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش نۇقتىسىدىنمۇ قىممەتلىكتۇر. شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتنى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ھەرىكەتكە چاقىرىمەن ۋە بۇ ھەرىكەتنى نۆۋەتتىكى ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭ زىيىنى تولدۇرۇش خىزمىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*