رابىيە قادىر: ۋۇخەن ۋىرۇسلۇق كۈنلەردە دانا روراباچېر ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن

بۈگۈن دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خەۋپىنى كىمنىڭ بالدۇر ھېس قىلىپ كىمنىڭ كېچىككەنلىكى، كىمنىڭ ئۇنى يوشۇرۇپ، كىمنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئاشكارىلىغانلىقى ئاخباراتلاردا يېزىلىۋاتىدۇ. ئەمما دۇنياغا خىتايدىن كېلىدىغان مۇشۇ دەرىجىدە بىر ئاپەتنى بۇنىڭدىن 6 يىل بۇرۇن ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيانى ئاگاھلاندۇرغان بىر سىياسەتچى بار، ئۇ بولسىمۇ، سابىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزايى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئەزايى دانا روھراباچېر ئەپەندىدۇر. ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە تېخىمۇ ئېغىر زىيانكەشلىك خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەزايى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۈگۈن دانا روھراباچېر ئەپەندىگە بىر رەھمىتىمنى بىلدۈرىۋېلىشنى ھەم قەلبىم ئۈچۈن بىر تەسەللى، ھەم جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بىر دەرس دەپ ھېس قىلدىم.
دانا روھراباچېر ئەپەندى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر گۇۋاھلىق يىغىنىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:

بۈگۈن دۇنياۋى تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ئېزىلىۋاتقان خىتاي خەلقىنىڭ تەقدىرىگە باغلىق، ئەگەر بۇ ئېزىلىش داۋاملاشسا، دۇنيادا تىنچلىقنىڭ ئېھتىماللىقى يوقىلىدۇ، چۈنكى، بېيجىڭ دىكتاتورلىرى تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ ۋە غالجىرلىشىدۇ ۋە ئۆز خەلقىگىلا ئەمەس دۇنيادىكى باشقا خەلقلەرگىمۇ بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ. »
شۇنداق، ئامېرىكادا ۋە پۈتۈن دۇنيادا خىتاينىڭ يەر شارىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپىنى تەكىتلىگەن باشقا ئىلىم ۋە دۆلەت ئەربابلىرىمۇ بار؛ ئەمما دانا روھراباچېرنىڭ بۇ خەۋپنى تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئىپادىلىشى تېخىمۇ ياڭراق. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: خىتاي كومپارتىيىسى ئامېرىكا ۋە دۇنياغا ئوساما بىن لادىندىنمۇ خەتەرلىك!!!!!!!!!!!!!!!
شۇنداق، دانا روھراباچېر، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى خىيالىغا كەلتۈرگەن بولۇشى ناتايىن، ئەمما خىتاينىڭ دەل مۇشۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئوخشاش دەرىجىدە بىر بالاسى ئاپەتنى تۇغدۇرۇش خەۋپىنى 6 يىل بۇرۇن كۆرەلىگەن. بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا لاگېرلارغا سولىنىپ ياتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىنىمۇ، ئۇ لاگىر قۇرۇلۇشتىن 4 يىل ئاۋۋال كۆرەلىگەن. دانا روھراباچېرنىڭ دېگەنلىرى بىر-بىرلەپ ئىسپاتلاندى. دۇنيادا ھېچ بىر تېررورىست ياكى تېررورىست تەشكىلاتى، خىتاي كومپارتىيىسى قىلغاندەك 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى 3 يىلدىن ئارتۇق گۆرگە ئېلىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دۇنيادا ھېچ بىر تېررورىست دۇنيادا سەھىيە تەشكىلاتىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ ئۇنىڭ باشلىقىغا يالغان سۆزلەتكۈزۈش قۇدرىتىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. بىر ۋەھشىي تېررورىست ۋۇخەن ۋىرۇسىدەك بىر قاتىللىق قورالىغا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، خىتاي كومپارتىيىسى ۋۇخەندە قىلغاندەك ۋىرۇس گۇماندارى بولغان 5 مىليون ئىنساننى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىۋېتەلمەيتتى.
شۇ كۈنلەردىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتساق، خىتايدىن كېلىدىغان بۇ دەرىجىدە زور بىر خەۋپنى تونۇش يۈكسەك بىر ئەقىلنى تەلەپ قىلسا، ئۇنى جاراڭلىق توندا دېيىش جاسارەت تەلەپ قىلاتتى. دانا روھراباچېر خىتاي ھەققىدىكى مانا مۇشۇ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى كەلگۈسى ئەۋلادلار تەرىپىدىن مەڭگۈ ياد ئېتىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
ئاخىرىدا مەن دانا روھراباچېرنىڭ مەزكۇر ئاقىلانە ۋە جەسۇر چاقىرىقىغا بۈگۈن تەكرار مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ماركو رۇبىو، كرېست سمىت، جىم مىكگوۋېرن قاتارلىق مەجلىس ئەزالىرىغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا دۇنيادىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكادىكى بارلىق دۆلەت ئەربابلىرىنى كېچىككەن بولسىمۇ، دانا روھراباچېرنىڭ مەزكۇر چاقىرىقى ئۈستىدە تەكرار ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*