رابىيە قادىر: خىتاي ئىراننى ئۆلگە ئېلىشى، لاگىر ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك

ئىران ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن، تۈرمىدىكى 54 مىڭ مەھبۇسنى ۋاقىتلىق قويۇپ بەرگەن؛ ئىراننىڭ بۇ قىلغىنى ھەم ئىنساندارچىلىق ھەم تىببىي مېتىود نۇقتىسىدىن ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بىر قەدەم. خىتاي ئىران بىلەن قويۇق ھەمكارلىقى بولغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىراننىڭ بۇ ئىجابىي قەدىمىنى ئۆلگە ئېلىشى ۋە لاگىر، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك. مەلۇمكى ئىران ھۆكۈمىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى تۈرمىدىكىلەرگە يۇقماي تۇرۇپلا، ئاقىلانلىق بىلەن بۇ تەدبىرنى ئالغان. خىتاي ئۆز ئۆلكىلىرىدىكى بىر نەچچە تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ، بۇ قەدەمنى تېخىچە باسمىدى ھەم بۇ ھەقتە ئويلىشىۋاتقانلىقىدىنمۇ ئۇچۇر يوق. يەنە دىققەتكە سازاۋەر بولغىنى ئىراننىڭ قويۇپ بەرگەن مەھبۇسلىرى ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر، ئەمما لاگىردىكى ئۇيغۇرلار بولسا، خىتاينىڭ ئۆز چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئېيتقاندىمۇ، تېخى جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، پەقەت جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قېلىش ئېھتىمالى بار دەپ گۇمان قىلىۋاتقان ۋە شۇ سەۋەپتىن » كەسپىي تەربىيە» ئېلىۋاتقان كىشىلەر. ئۇنداق ئىكەن خىتاي يەنە نىمە ئۈچۈن لاگىردىكى بۇ ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى قويۇپ بېرىشنى توغرا كۆرمەيدۇ؟! خىتاي ئۆز پۇقرالىرىغا چىقارغان ۋىرۇستىن مۇداپىيەلىنىش ئۇقتۇرۇشىدا، تەدبىرلەردىن بىرى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە توپلانماسلىقىنى تەشەببۇس قىلدى؛ ئەجابا خىتاي خەلقىنىڭ بىر يەرگە توپلۇنۇپ ۋىرۇس يۇقتۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي دائىرىلىرى نىمە ئۈچۈن 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى توپلانغان لاگىردىكى ئۇيغۇرلارغا ۋىرۇس يۇقۇشىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ؟
خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان، لاگىرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەدبىرلەر ھەققىدە مەيلى دۇنيا، مەيلى ئۆز خەلقىگە ھىچقانداق بىر مەلۇمات بەرمىدى. ئەمەلىيەتتە خىتاي بۇ لاگىرلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەپلىك ئېغىر پاجىئەلەر كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان نازۇك جايلار ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ؛خىتاي ھازىر لاگىرلاردا يۈز بەرگۈسى ھەرقانداق بىر پاجىئەنى دۇنياغا بىلدۈرۈمەي تۇرۇپ جىمىقتۇرىۋېتىشنىڭ كويىدا؛ شۇڭا خەلقئاارا جامائەت ئىراننىڭ مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەنلىىكىدەك مىساللارنى خىتايغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇنى لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى ۋە قىستىشى كېرەك.
دۇنيا ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، شەرقى تۈركىستاندا لاگىردىكى 3 مىليون كىشىدىن باشقا، يەنە تۈرمىلەردە جازا مۇدددىتىنى ئۆتەۋاتقان بىر مىليونغا يېقىن كىشى، دارىلتاملارغا يېغىۋېلىنغان بىر مىليون ئەتراپىدا يېتىم بالا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان نەچچە يۈز مىڭ ئەسىر ئىشچى بار. ئەمەلىيەتتە بۇلار بۈگۈن يەر شارىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خەۋپىگە ئەڭ ئېغىر دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلەر. بۇلار خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن دۆلەت دۈشمىنى دەپ قارالغىنى ئۈچۈنلا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خەتىرىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن خەلقئاارا جامائەتنى بۇ جىددىي مەسىلىگە كۈنتەرتىپلىىرىدىن ئورۇن بېرىشكە يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

 

Leave a Comment

*

*