رابىيە قادىر:جاسارەتلىك ئايال مېدالى سايراگۈلگە ياراشتى، ھەققى ئىدى، تەبرىكلەيمەن!

بىلىشىمچە، سايراگۈل ساۋۇتباي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا ئەڭ ئېغىر كۈنلەر كەلگەن يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۈچ قېتىم چوڭ قەھرىمانلىق كۆرسەتتى. بىرىنچىسى، موڭغۇلكۈرەدىكى لاگىردا ئوقۇتقۇچىلىقتىن-خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچتى. بۇ بىر مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىش پىداكارلىقى ۋە ھالقىلىق بىر پەيتتە ھەقنى ياقلاش جاسارىتىدۇر. ئىككىنچىسى، ھاياتىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە مەزلۇمنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىگرادىن قېچىپ ئۆتتى. بۇ ئادەتتە ئەرلەرمۇ ئالدىراپ تەۋەككۈل قىلالمايدىغان بىر باتۇرلۇقتۇر. ئۈچىنچىسى چەتكە چىققاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ خىتايغا قايتۇرىۋېتىش خەۋپىگە پىسەنت قىلماي، لاگىردىكى 3 مىليون مەھبۇسنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى ۋە ئاڭلىتىۋاتىدۇ. بۇ ئۈچ قېتىملىق قەھرىمانلىقنىڭ ھەر بىرسىگە بىر رومان، بىر داستان يېزىلسا ئەرزىيدۇ. خەلقئارا جاسارەتلىك ئاياللار مېدالى سايراگۈل ساۋۇتبايغا ياراشتى، ھەققى ئىدى، تەبرىكلەيمەن! شۇنداقلا بۇ قەھرىمانىمىزنى تونۇغان ۋە ئۇنى قەدىرلىگەن ئامېرىكا ۋە شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
ئاللاھ شەرقى تۈركىستان خەلقىنى مۇشەققەتلىك يىللىرىدا رىزۋانگۈللەردىن، سايراگۈللەردىن ئايرىمىسۇن!
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى
رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*