رابىيە قادىر خانىمنىڭ يەرشارى ۋاقىت گېزىتىگە بەرگەن جاۋابى

مەن ئىز-دېرىكىنى قىلغان ئائىلە ئەزالىرىم 35 كىشى، ئاران ئۈچ نەپىرى كۆرسىتىلىپتۇ، قالغانلىرى قەيەردە؟ جازا مۇددەتلىرىنى تۈگىتىپ بولغان تۇرۇقلۇق يەنە تۇتۇپ كېتىلگەن ئوغلۇم ئابلىكىم بىلەن ئابدۇرېھىمنىڭ كۆرۈنۈشى نېمە ئۈچۈن يوق؟ سىڭلىم خەلچەم قادىر نېمە ئۈچۈن كۆرۈنۈشتە يوق؟    يەرشارى ۋاقتى گېزىتىگە پىكىر بايان قىلغۇدەك سۆز » ئەركىنلىكىگە ئىگە بۇ ئوغلۇم ۋە ئىككى نەۋرەم  نېمە ئۈچۈن مەن ئۇرغان تېلېفوننى ئېلىشقا جاسارەت قىلالمايدۇ؟  ياكى شۇ گەپلەرنى ماڭا تېلېفون قىلىپ  بىۋاسىتە دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ؟  دېمەك ئائىلەمنىڭ ۋە مىللىتىمنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدىن قىلىۋاتقان ئەندىشىلىرىمنىڭ نەقەدەر توغرىلىقى، مانا مۇشۇ خەۋەرنىڭ ئۆزىدىنلا دەلىللەندى.

بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا، قېرىنداشلىرىنى بىر-بىرىگە قارشى سۆزلىتىش، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باشلىنىشى مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا سوزۇلىدىغان كونا ۋە غەيرىي ئىنسانىي ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلنى خىتاي لاگېرلار مەسىلىسىدە   خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان يېقىنقى مەزگىللەردە تېخىمۇ كۆپلەپ قوللىنىۋاتىدۇ.  .بىر دۆلەت بىر پائالىيەتچىنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاددىي ئويۇنلارغا موھتاج بولۇپ قالغان بولسا، بۇ شۇ دۆلەت ئۈچۈن نەقەدەر بىچارە بىر ئەھۋال ھە؟ مەن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بىز-  مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى-نىڭ داۋايىمىزدا نەقەدەر ھەقلىق ۋە نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم ، ئىلھام ئالدىم ، لاگېردىكى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا تېخىمۇ تولۇق ئاڭلىتىشنىڭ نەقەدەر تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدىم.

بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ مەن ھەيران قالغان بىر ئىش بار:  خىتاينىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى لاگېرغا سولىۋالغانلىقى تاغدەك پاكىتلار بىلەن)ئۆزىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىمۇ ئىچىدە( ئىسپاتلىنىپ بولغان بىر ۋەزىيەتتە يەنىلا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى خەلقئارا جامائەتكە  پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ نۇقتىدا يەر شارى ۋاقتى گېزىتىگە بىر بىر سوئالىم بار: ئەگەر ئوغلۇم ۋە نەۋرەم، راست گەپنى قىلىپ »  ئاپا، جەمەتىمىزدىن 35 كىشى لاگېردا، ئۈچىمىزنى ۋاقىتلىق قويۇپ بەردى ۋە   ئۇلار بىزنى ئاخباراتتا ساڭا قارشى گەپ قىلىشقا قىستاۋاتىدۇ» دېگەن بولسا، بۇنى يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ئەمەس خىتاينىڭ ھەرقانداق ئاخباراتى ئېلان قىلىشقا جاسارەت قىلالامدۇ؟  ئەگەر ئېلان قىلىۋېتىپ قالسا، ئۇ مۇخبىرىنىڭ بۈگۈنكى جايى تۈرمە بولامدۇ بولمامدۇ؟ »  ئەلۋەتتە بۇ سوئالىمغا جاۋاب سەمىمىي جاۋاب بېرەلەيدىغان مۇخبىر خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت ئەمەس.

بۇ خەۋەر ماڭا قىلىنغان ھۇجۇملا ئەمەس، مۇھىمى مۇشۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىشىنى كۈتۈۋاتقان  خەلقئارا جامائەتنىڭ ئەقلىگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر.
رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*