رابىيە قادىر: مەزلۇم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇمىغان بەھرەين مىللىي مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىغا رەھمەت ئېيتىمەن

بەھرەين مىللىي مەجلىسى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەق مەيداندا تۇرۇپ بايانات ئېلان قىلىشى ، بىز -ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى خەلقنىڭ بىۋاسىتە سايلىمى  بىلەن مەجلىستە ئورۇن ئالغان  بۇ ئەزالارنىڭ ئاۋازى قايسى بىر مەنپەئەت گۇرۇھلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بەھرەين خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز  ھەر قېتىم  خەلقئارا  سەھنىلەردە  ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە  مۇسۇلمان دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتاينى قوللىشى ۋە بىزنى رەت قىلىشىغا دۇچ كەلگىنىمىزدە، بۇ رەت قىلغۇچى ۋەكىلنىڭ شۇ  شۇ مەيداندىكى سۆزىنىڭ   خەلققە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقى ، پەقەت بىر قىسىم مەنپەئەت گۇرۇھلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى خىيال قىلىپ ئۆزىمىزنى بەزلەپ كەلگەن ئىدۇق. قاتار ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چېكىنگەندىن كېيىن،  كۇۋەيت ۋە بەھرەين مەجلىس ئەزالىرىنىڭمۇ مەزلۇمنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشى خىياللىرىمىزنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى ۋە بىزنى سۆيۈندۈردى.
شۇنىڭغا ئىشىنىمەن  ۋە ئۈمىد قىلىمەنكى  بەھرەين تۆۋەن پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەققانىي ساداسى  خىتاي توسۇقلىرىدىن ھالقىپ بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا دىنىي ئېتىقادلىرى سەۋەبلىك  قېيىن -قىستاق ۋە سوئال-سوراقتا كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان  3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ قۇلاقلىرىغا يېتىپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ جاراھىتىگە مەلھەم بولىدۇ ۋە ئېتىقادىدا تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرۇشقا مەدەت بولىدۇ.
زالىمغا قارشى تۇرۇش ۋە مەزلۇمنىڭ يېنىدا  تۇرۇشتىن ئىبارەت  ئىنساندارچىلىقتىمۇ ، مۇسۇلماندارچىلىقتىمۇ قەدىرلىنىدىغان بۇ ئادىل  پوزىتسىيە  خەلقئارا سەھنىدە  ھەممىنى پۇلغا سېتىۋېلىش ئۇرۇنۇشىدا بولۇۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىمۇ سەگەكلەشتۈرىدۇ ۋە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى بالدۇرراق توختىتىپ لاگېرلارنى  تېز ۋە تولۇق تاقاشقا ئۈندەيدۇ دەپ قارايمەن.

ئاخىرىدا  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەزلۇم خەلقىمىز نامىدىن مەزكۇر مەجلىس ئەزالىرىغا ھۆرمەت  ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*