رابىيە قادىر : خىتايغا 2022 ئولىمپىكنى بېرىش ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىكلەشكەنلىك

ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشماسلىق پرىنسىپى توغرا ۋە جىددىي بىر پرىنسىپ، ئەمما ئولىمپىكنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقان ، ھەتتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت  ئىشلەۋاتقان بىر دۆلەتكە بېرىلىشى، ھەرگىز  سىياسەتكە ئارىلاشمىغانلىق ئەمەس، بەلكى سىياسەتكە ئىچكىرىلەپ ئارىلاشقانلىق ۋە  شۇ سىياسەتچىلەر  بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىدۇر. چۈنكى بۇ شۇ دۆلەتتە  سادىر بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى  خەلقئارا كۈنتەرتىپتە سۇسلاشتۇرۇش، شۇ دىكتاتور ھاكىمىيەتنى ئاقلاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، دەپسەندە بولۇۋاتقان خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش رولىنى  ئوينايدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتى 2017 ‏-يىلى 1 ‏-ئايدىن بۇيان    شەرقى تۈركىستاندا ( ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا)  2 مىليون بىلەن 3 مىليون ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇسۇلمانلىرىنى كەسپىي تەربىيىلەش نامى ئاستىدا  يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋالدى.   بۇ لاگېرلاردا ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نامى ئاستىدا، لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا  قارىتا   دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؛ بۇ مەشغۇلات، يالغۇز كوممۇنىست ئىدىيىنى مەجبۇرى سىڭدۈرۈش شەكلىدىلا ئەمەس، 24 سائەت ئىختىيارى ھەرىكەت قىلدۇرماسلىق، ئاتالمىش جىنايەتلىرىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە  توۋا قىلدۇرۇش ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە لاگېردىن قورقۇنچلۇق ئۆلۈم  ۋە كېسەل خەۋەرلىرى چىقىۋاتىدۇ.
بۇ ئەھۋاللار  3 يىلدىن بۇيان خەلقئارا ئاخباراتلاردا كەڭ خەۋەر  قىلىنىۋاتىدۇ؛  ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئورۇن ئالدى. بۇ لاگېرلارنى  تاقاش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى،  خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق دۇنيادىكى نوپۇزلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلار ئارقا-ئارقىدىن باياناتلارنى ئېلان قىلدى. دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر جىددىي مەسىلىگە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشى ۋە ئولىمپىك 2022 نىڭ خىتايغا بېرىلىشى، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشمىغانلىقى ئەمەس، بەلكى كۇبا، شىمالىي كورېيە ۋە ۋېنىزۇللا قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارىدا،  غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى خىتايغا يان باسقانلىقتۇر.
دەسلەپتە بۇ ئالگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان، كېيىن  ئۇنىڭ دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش ۋە كەسپىي تەربىيە ئورنى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان بۇ لاگېردىكىلەرنىڭ «مەكتەپ پۈتتۈرگەن»لىكىنى ئېلان قىلىپ  تەشۋىقاتتا كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە لاگېرىدىكىلەر مىليونلاپ تۈرمىلەرگە يۆتىلىۋاتىدۇ؛ ئەتراپى قورشالغان زاۋۇت-فابرىكىلاردا قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئولىمپىك نىزامنامىسىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا، ئۇنىڭ غايىسى ئىنسانلارنى جىسمانىي،  روھىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش دېيىلگەن. ئەمما  مەزكۇر لاگېرلاردا  2017 ‏-يىلىدىن بۇيان   3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسانغا جىسمانىي، روھىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىنىۋاتىدۇ؛ مەزكۇر نىزامنامىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا ئولىمپىكنىڭ غايىسى دۇنيادا تىنچلىق، ئاسايىشلىق ۋە  ئىنسانى قەدەر قىممەتنى ئۆستۈرۈش دېيىلگەن. ئەمما  خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارنى لاگېرلار ئارقىلىق يەر شارىدىن يوقىتىش پىلانىنى ئۈن-تىنسىز ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.   مەن ئەنە شۇ مەزلۇم  خەلقىنىڭ   چەتئەلدىكى بىر ۋەكىلى، بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،  ئولىمپىكنىڭ  خىتايغا بېرىلىشىنى، چارىسىز  ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا  شېرىكلىشىش دەپ قارايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمەن. شۇنداقلا مەزكۇر كومىتېتنى ئولىمپىكنىڭ روھىغا ۋە  پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا ۋە ئولىمپىك 2022نى  خىتايغا بېرىشنى قارارىنى تېزدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*