سۈرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج

سۈريەنىڭ مۇھەييەم ھول (Al-Hawl) دىگەن يىرىدە  ئالداپ سېتىۋېتىلگەندىن كىيىن قولدىن قولغا سېتىلىپ ئەڭ ئاخىردا  پ كا كا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بىر تۈركۈم ئايال ۋە بالىلار بار بولۇپ، ئاۋال ئالداپ سېتىۋىتىلىپ كىيىن پ كا كا قوراللىق كۈچلىرىگە تۇتقۇن بولۇپ قالغان شەرقىي تۈركىستان لىق بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ئايال ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن بىگۇناھ بالىلاردىن تەخمىنەن 600نەپەر قىز قوراللىق ئەرلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كىتىلىپ ئىزدىرىكى بولمىغان، تەخمىنەن 200نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن كىچىك بالا ناچار شارائىت ۋە كېسەل سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ھازىر ھايات قالغانلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن  800نەپەر شەرقىي تۈركىستان لىق ئالداپ سېتىۋىتىلگەن بىگۇناھ ئايال ۋە 1500ئەراپىدا شەرقىي تۈركىستان لىق نارسىدە قۇرامىغا يەتمىگەن كىچىك بالىلار ئىكەن،بۇلاردىن كېسەل بولغانلار تەخمىنەن 400نەپەر، بۇلار كېسەل ئازابى، ناچار شارائىت ۋە پ كا كا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خالىغاندا ئۇرۇشى ۋە دەپسەندە قىلىشى ئاستىدا ھەربىر مىنۇتنى ئۆلۈم تەھتىدى بىلەن قىيلىنىپ ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ، بۇ شەرقىي تۈركىستان لىق بىگۇناھ ئاياللار ۋە بالىلار ئەينى ۋاقىتتا خىتتاي كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ زۇلىمىدا ئوقۇش شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەن بولغاچقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ خىتتاي زۇلىمىدىن قېچىپ تۈركىيە گە چىققان، تۈركىيەگە چىققاندىن كېيىن مەكتەپ ۋە ئونۋىرسىتىتلاردا ئوقۇماقچى بولغان ئەمما ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى تەمىلەيەلىگۈدەك ئىقدىسادىي بولمىغاچقا ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان.ئەمما ئوقۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەي داۋاملىق ھەقسىز مەكتەپ ئىزدىگەن  ۋە تۇرمۇش خىراجىتى نى تەمىللەشنى خالايدىغان خەيرى ساخاۋەت لىك كىشىلەرنى ئىزدىگەن، دەل مۇشۇ پەيتتە بىر تۈركۈم قارا نىيەتلىك رەزىل كىشىلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئادەم سودىسى قىلغان. بۇ رەزىل ئادەم سودىگەر لىرى ئوقۇش ئارزۇسىدىكى بۇ شەرقىي تۈركىستان لىق بىگۇناھ ئايال ۋە بالىلارنى سۈرىيەدە ھەقسىز مەكتەپلەر بار، ھەر ئاي تۇرمۇش خىراجىتى بېرىدۇ، ئۆي ۋە بائارلىق پارچە خىراجەت، داۋالىنىش چىقىملىرى ھەقسىز، شۇڭا بېرىپ ئوقۇشنى خالايدىغانلار بېرىپ ئوقۇساڭ لار بولىدۇ، يول كىرايىڭلارنىمۇ مەكتەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەگەر ئاۋال بېرىپ زىيارەت قىلىپ ساياھەت قىلىپ كۆرۈپ باقماقچى بولساڭلارمۇ بائارلىق يول كىرا ۋە ساياھەت چىقىمىڭلارنى مەكتەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ يالغان گەپ قىلىپ ئالداپ، خىتتاي زۇلىمى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز ۋە نادان بولۇپ قالغان بىگۇناھ ئايال ۋە بالىلارنى سېتىۋەتكەن ئىكەن، ئاياللارنىڭ ھەر بىرسىنى   مىڭ دوللاردىن، بالىلارنىڭ ھەر بىرسىنى 500دولاردىن سېتىۋەتكەن، بۇ بىگۇناھ ئايال لار ۋە بالىلار سۈريەگە ئالداپ ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن ھەقىيقى ئەھۋالنى بىلىپ قايتىپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ قايتىپ كىتەلمىگەن، ئوغۇرلۇق چە قاچقانلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولغاچقا قېچىشقا ئامالسىز قالغان، بۇ بىگۇناھ ئاياللار ۋە بالىلار قولدىن – قولغا سېتىلىپ ئەڭ ئاخىردا سۈرىيەنىڭ مۇھەييەم ھول دېگەن يېرىدە پ كا كا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ  تۇتقۇن بولۇپ قالغان بولۇپ بۇ بىگۇناھ ئاياللار ۋە بالىلار ناچار شارائىت، كېسەل ئازابى ۋە ھەرخىل خورلۇقلارغا ئۇچراپ ھايات ۋە مامات ئارىلىقىدا جان تارتىشىپ بەكمۇ ئېغىر كۈندە قالغان مۇشۇنداق بىر ھايات ماماتلىق پەيتتە ئۆزنى مۇخپىر دەپ ئاتىۋالغان خىتتاي كومىنىستىك پارتىيسىنىڭ بىر ئايال خادىمىي پەيدا بولغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان لىق بىگۇناھ ئايال ۋە بالىلارنى سوراق قىلىپ ئۇلارنىڭ سالاھىيتىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان دىكى ئادىرىسىنى ئورۇق تۇققانلىرىنى ئېنىقلاشقا باشلىغان، پ كا كا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ شۇ جايدىكى تۇتقۇن قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان لىق بىگۇناھ ئايال ۋە بالىلارغا ئاشكارىلىغان خەبىرى دىن قارىغاندا، پ كا كا قوراللىق كۈچلىرى شەرقىي تۈركىستان لىق تۇتقۇن قىلىنغان بىگۇناھ ئايال ۋە بالىلار نى خىتتاي كومىنىستىك پارتىيە سىگە سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان بولۇپ پات يېقىندا ئۇ شەرقىي تۈركىستان لىق ئالداپ سېتىۋىتىلگەن بىگۇناھ ئايال ۋە بالىلارنى خىتتاي كومىنىستىك پارتىيە سىگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئالداپ  سېتىۋىتىلگەن بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستان لىق ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز

Leave a Comment

*

*