رابىيە قادىر : ئۇيغۇر پاجىئەسىگە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتچانلىق كۆرسەتكەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا رەھمەت ئېيتىمەن

 بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنىنىڭ تولۇقلانما نۇسخىسىنى تەستىقلاش ئارقىلىق، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە يالغۇز پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى، نۆۋىتى كەلسە، جىنايەتچى ھەددىنى بىلمىسە تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىش ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكنىڭ جاراڭلىق بىر سىگنالىنى بەردى. ئەلۋەتتە بۇ سىگنالنى ئاڭلىغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ غالجىرلىشىدىغانلىقى، بۇ غالجىرلىقنىڭ ئىپادىسى يالغۇز بايانات ۋە شۇئارلاردىلا چەكلەنمەيدىغانلىقى، ئىجارئاتلىرىدىمۇ كۆرۈلىدىغانلىقى يەنى شەرقى تۈركىستاندىكى يوشۇرۇن قەستلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئالدىرايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ئىشىنىمەنكى، بۇ سىگنال، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇۋاتقان ، ھەتتا شېرىكلىشىۋاتقان بىر تۈركۈم دۆلەت، تەشكىلات، شىركەتلەرنىمۇ سەگەكلەشتۈرىدۇ؛ ئۇلارنى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى، تېخىمۇ توغرىسى ئۆلۈم لاگېرلىرىنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى» دەپ تونۇشتۇرىشىدەك، بۇ ئالدامچىلىقى ئۈستىدىن تەكرار ئويلاندۇرىدۇ؛ نەتىجىدە ئۇلار ھەقنى تونۇيدۇ ۋە زالىم بىلەن شېرىكلىشىشتىن ۋاز كېچىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋازغا ئېرىشكەن بۇ لايىھە چوقۇم پات يېقىندا، تېگىشلىك باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ قانۇنغا ئايلىنىدۇ ۋە خىتايغا ھەددىنى بىلدۈرىدىغان تېخىمۇ ئەمەلىي قەدەملەر ئالدىمىزدا بېسىلىدۇ.
بۇ يالغۇز، تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ ۋە ئەڭ قورقۇنچلۇق كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر ئۈمىد سىگنالى بولۇپلا قالماستىن؛ دۇنيادىكى ئېزىلىۋاتقان بارلىق خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ؛ يەر شارىدا ئىنسانىي ئادالەت، ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىنسانىي ھەمكارلىقىنىڭ تېخى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە ئۇنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىدۇر.

شۇڭا مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۈگۈن بۇ قەدەمنىڭ بېسىلىشىغا ئەمگىكى سىڭگەن بارلىق جاپاكەش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ھەقنى سۆيەر تەتقىقاتچى ۋە ئاخباراتچىلارنى تەبرىكلەيمەن؛ شۇنداقلا، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتىگە مۇناسىپ بىر سەزگۈرلۈكنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بولۇپمۇ بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ سۇنۇلۇشى تەستىقلىنىشىدا كۆپ ئەجرى سىڭگەن ئامېرىكا دۆلەت مەسىلىسىدىكى ماركو روبىو، كرېست سىمىت، بوب مەنەندەز ئەپەندىلەرگە ۋە نەنسي پېلوسى خانىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*