رابىيە قادىر: ياۋروپا پارلامېنتى كۈتكەنلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى ئورۇندىدى، تەبرىكلەيمەن!

 

ئىلھام توختى سۆزلىگەن ھەق سۆزلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كېلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى، چۈنكى ئۇ خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرەلىگەن ۋە بۈگۈنكى باسقۇچىنى ئالدىن كۆرەلىگەن بىر تەتقىقاتچى ئىدى. شۇڭا ئۇ دۇنيادا مىسالى ئاز ئۇچرايدىغان شەكىلدە ۋەسىيەتنامە يېزىپ قويۇپ تۇرۇپ، ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان بىر پىداكار پائالىيەتچى ئىدى. شۇنداق ئۇ ئۆزىنىڭ تەكلىپ ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى، بۇنى ھاقارەت ھېس قىلىدىغانلىقىنى ، بۇ سەۋەبلىك ئۆزىگە ئېغىر جازا بېرىدىغانلىقىنى يەنى تەنقىد پىكىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ پەيلىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى.
شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئاخىرى مەڭگۈلۈك قاماق ياكى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر يولدىن- خىتاينى بىر قانۇن دۆلىتى بولۇشقا چاقىرىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ئۆز قانۇنىدا ۋەدە قىلىنغان ھەقلىرىنى بېرىشكە چاقىرىشتىن ۋاز كەچمىدى؟ چۈنكى ئۇ بۇ چاقىرىقىنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ، جۈملىدىن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ شۇڭا ئىلھام توختى تۇتۇلۇش خەۋپى بۇرنىغا پۇراپ تۇرسىمۇ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى توختىماستىن » چاي سۆھبىتى»گە تەكلىپ قىلىپ تۇرسىمۇ، نامەلۇم قارا كۈچلەر ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماشىنىسىنى ئۈسۈپ تەھدىت سالسىمۇ ، چەتئەل ئاخباراتىنىڭ جۈملىدىن غەرب ئاخباراتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى توختاتمىدى. چۈنكى ئۇ بۇ ھەق ۋە ئادالەت چاقىرىقى غەرب ئەللىرىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارسا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قول تىقىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ۋە بۇنى ئۈمىد قىلاتتى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىلھام توختىنىڭ ئۆزىنىڭلا ئۈمىدى ۋە كۈتكىنى ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈمىدى ۋە كۈتكىنى ئىدى. شۇڭا قولغا ئېلىشنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئاشكارا ھالدا مۇناسىۋەت قىلىپ تۇرغان؛ سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىزچىل تونۇشتۇرغان ئىدى.
بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتى، ئىلھام توختىغا ساخاروۋ مۇكاپاتىنى بېرىش ئارقىلىق، ئىلھام توختىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئورۇندىغان بولدى، ئىنتايىن خۇرسەنمەن ۋە قىزغىن تەبرىكلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختىنىڭ كۈتكىنى يالغۇز دىققەت قىلىش ۋە ئىلھام بېرىشلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەتتۇر. ئىلھام توختى، بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئالدىن كۆرەلىگەن ۋە ھاياتىنى دوغا تىكىش يولى بىلەن بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىپ باققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىدۇر. شۇڭا مەن ياۋروپا بىرلىكىنى ،شەرقى تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاتقۇزۇش ئۈچۈن خىتايغا ، خۇددى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدەك ئەمەلىي تەدبىر قوللۇنۇشقا چاقىرىق قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىر ھەركىتى رەھبىرى  – رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*