رابىيە قادىر : قىرغىزىستاندا ھاياتىدىن ئايرىلغان تىجارەتچى غوپۇر ئابدۇراخمان- دۆلەتسىزلىكىمىزنىڭ قۇربانى

  1. قىرغىزىستاندىكى تىجارەتچى غوپۇر ئابدۇراخماننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇردى. ئۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تىرىكچىلىك كويىدىكى بىر ئاددىي ئەزاسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر ھالىقىسىنىڭ – بىر ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكى ئىدى. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋاباتى ۋە قىرغىزىستاندىكى دوست-بۇرادەرلىرىدىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە، خەلقىمىزنى، بېشىمىزغا كېلىۋاتقان مۇشۇنداق ئۆلۈملەرنى ئەستە تۇتۇشقا، ئۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قاتىللىرى ئۈستىدىنلا ئەمەس، كۆزگە كۆرۈنمىگەن قاتىللىرى ئۈستىدىمۇ ئويلىنىشقا ۋە دەرس ئېلىشقا دەۋەت قىلىمەن.
    مەنچە غوپۇر ئابدۇراخماننىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى كۆرۈنۈشتە مەيلى ئىجتىمائىي، مەيلى ئائىلىۋى، مەيلى ئىقتىسادىي بولسۇن، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى سىياسىي تەقدىرىمىزگە – دۆلەتسىزلىكىمىزگە تۇتىشىدۇ. ئۇيغۇر بۈگۈن دۆلەتسىز بولمىغان بولسا، قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرنىڭ بىر ئەلچىخانىسى بولغان بولسا، ئېنىقكى غوپۇر ئابدۇراخماننىڭ بېشىغا بۇ كۈن كېلىش ئېھتىماللىقى بەك ئاز ئىدى. غوپۇرنىڭ ئىگىسىزلىكى‏- ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى، ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ۋە سۈرۈشتە قىلىدىغان بىر دۆلەت ئەلچىخانىسىنىڭ بولماسلىقى غوپۇر ئابدۇراخماننىڭ رەقىبلىرىگە جاسارەت بەرگەن ۋە يۈرىكىنى يوغاتقان؛ شۇڭا قاتىللار سۈرۈشتە قىلىدىغان بىر ئورگىنى يوق دەپ قاراپلا، ئۇنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن. شۇڭا مەن خۇددى لاگېردا ئۆلتۈرىلىۋاتقانلارغا ئوخشاشلا، بۇ قاتىللىقنىڭ ئارقىسىدىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ دۆلىتىنى يىقىتقان، ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ قولى ۋاسىتىلىك ھالدا مەۋجۇت دەپ قارايمەن. غوپۇر ئابدۇراخماننىڭ جەسىتىنىڭ چېگرادىن قايتۇرۇلىشىمۇ، ئۇنىڭ تىرىك جېنىلا ئەمەس جەسىتىنىڭ ھەم خارلىنىشىمۇ ، بۇ يوشۇرۇن قاتىلنىڭ گەۋدىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوچۇق نامايان قىلدى. شۇڭا مەن خەلقىمىزنى بۇنداق ۋەقەلەردە پاجىئەنىڭ يىلتىزىنى كۆرۈشكە، شەكىلدىكىلا ئەمەس، ماھىيەتتىكى قاتىللارنى تونۇشقا ۋە بىخەتەرلىكىمىز ۋە خاتىرجەملىكىمىزنىڭ بىردىن-بىر كاپالىتى بولغان مىللىي دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر بىر بىرىمىزنى قولىمىزدىن كېلىشىچە بىر كىشىلىكتىن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا ، ھېچ بولمىغاندا دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.
    مەرھۇمغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلە-تاۋابات ۋە يېقىنلىرىغا سەۋر تىلەپ،

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*