رابىيە قادىر : بىزنى تالان -تاراج قىلىپ روناق تاپقانلار جازالاندى ، رەھمەت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى!

ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئارىلاشقان 28 مۇئەسسەسىنى قارا تىزىملىككە ئېلىشى، بۈگۈن دۇنيادا ، شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا سولىنىپ ياتقان 3 مىليوندىن 5 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ ئىنسانىي قەدىر -قىممىتىنى ھېسابقا ئېلىپ تۇرۇپ ئېلىنغان تۇنجى بىر ھۆكۈمەت قارارى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت بولدى. مەن ئەنە شۇ مۇئەسسەلەر ئۈستىدىن يىللاردىن بېرى شىكايەت قىلغان بىر پائالىيەتچى ۋە ئەنە مۇئەسسەلەرنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان يەنە 35 نەپەر ئائىلە ئەزايى شۇ لاگېرلارغا سولانغان بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئادىل قارارى ۋە جەسۇر قەدىمىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
بىلىنگەندەك، دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلغانسېرى ھاياتلىرى قۇلايلاشتى، ھەق-ھوقۇقلىرى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كاپالەتكە ئىگە بولدى؛ ئەمما بىز-ئۇيغۇرلار، پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلغانسېرى كۈنلىرىمىز قىيىنلاشتى، ئۆيىمىزنىڭ ئىچىدىن تاشقى دۇنياغا )چېگرا سىرتىغا ( قەدەر بېشىمىزدىن كۆزىتىش ئاپپاراتى كەتمىدى؛ خەلقىمىز قول تېلېفونى ئارقىلىق دۇنيادا ئەركىن يېيىلىپ يۈرگەن بىر ئۇچۇرنى بىلىپ -بىلمەي كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلدى. ياشلىرىمىز ئۆزلىرى تەشنا بولغان بىر ئۇچۇرنى ئىنتېرنېتتىن تام ئاتلاپ كۆرۈپ سالغانلىقى ئۈچۈن تېررورچى ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلدى. خىتاي ئالىي تېخنىكىنىڭ ھىمايىسىدە ، پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى 24 سائەت ئوڭۇشلۇق ھالدا تەقىب قىلىپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جىنايەتچى ياكى جىنايەتچى نامزاتى دەپ بېكىتىنى ۋە لاگېرلارغا سولىدى.

دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر زېمىنىدىن بايلىق تېپىلسا تۇرمۇشى ياخشىلاندى، روناق تاپتى. ئەمما بىز-ئۇيغۇرلار، زېمىنىمىزدىن بايلىق كۆپ تېپىلغانسىرى ، ئەركىن ياشاش ھوقۇقىمىزلا ئەمەس يەر شارىدىكى مەۋجۇتلۇقىمىزمۇ خىرىسقا دۇچ كەلدى. شۇڭا خىتاينىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەمىنلەۋاتقان تەبىئىي بايلىققا ئىگە بىر زېمىننىڭ ساھىبى تۇرۇقلۇق، ئاتا مىراس ئۆي-زىمنلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق، شەھەرلەردىن سىقىپ چىقىرىلدۇق؛ ئاخىرىدا يەر يۈزىدە ئەركىن مېڭىش-تۇرىشىمىزمۇ چەكلىنىپ لاگېرلارغا سولاندۇق؛ نورمال ئائىلە ھاياتىمىز توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلارغا نېسىپ بولغان ئەۋلاد قالدۇرۇش- نوپۇس كۆپىيىش ئىمكانىمىزدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدۇق.
مانا بۇ رەھىمىسز رېئاللىقنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا ھىكۋىژىن ، داخۇا قاتارلىق تېخنىكا شىركەتلىرى رايوندىكى ساقچى ئورگانلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزلىرىگە كاتتا پايدا ئالدى. بۇ ئالغان پايدىسى بىلەن خەلقئاراغا يۈزلۈنۈپ، دۇنياۋى شىركەتلەرگە ئايلاندى. ئۇلار ئەركىن بازارغا، رىقابەت كۈچىگە تايىنىپ ئەمەس، زوراۋان بىر دۆلەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ روناق تاپتى. بۇ شىركەتلەر ئۆزلىرى ئالغان بۇ كاتتا پايدىدا شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنى، ۋە دارىلتاملارغا سولانغان مىليونلارچە نارەسىدە بالىنىڭ كۆز يېشى بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس؛ ئەمما ئۇلار بۇ مەزلۇم مىللەتنى ئىگىسىز دەپ ئويلاپ قالدى؛ دۇنيادىكى بارلىق ۋە دۆلەت ۋە ئورگانلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش پايدىنى كۆرگەندە ئىنساندارچىلىقنى ئۇنتۇيدۇ دەپ ھېسابلىدى. مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى ، شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن نەپ ئېلىۋاتقان ئەنە شۇلارغا ئوخشاش يەنە مىڭلارچە مۇئەسسەسىنىڭمۇ تۇۋىقىنى سىقىرىتىدۇ ۋە يەنە زۇلۇم- ۋە زوراۋانلىقنىڭ، پارىخورلۇقنىڭ ۋە دىكتاتورلۇقنىڭ دۇنيادا يېيىلىشىغا خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەسسە قېتىۋاتقان خىتاينىڭ يەنە باشقا ئالىي تېخنىكا شىركەتلىرى، سودا گۇرۇھلىرى ۋە كان-كارخانىچىلىرىنمۇ سەگەكلەشتۈرىدۇ دەپ قارايمەن ۋە شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
رەھمەت، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى!

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*