رابىيە قادىر: خىتاينىڭ ئەلچىخانىلىرىدا ، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان چەتئەللىك دوستلارغا ئىككى ئېغىز

بۇ كۈنلەردە خىتاي ئەلچىخانىلىرى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 ‏-يىللىقىنى داغدۇغىلىق مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلەۋاتىدۇ؛ ، خاتىرىلىگەندە نۇقتىلىق ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچىنى تەن-تەنە قىلىۋاتىدۇ.

شۇنداق، خىتاي ھەربىي جەھەتتىن «كۈچلەندى»، شۇنداق بولغاچقىلا، 21 ‏-ئەسىرىدە ئىنسانىيەت «قايتا تەكرارلىماسلىق» دەرسىنى چىقارغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ھېچ ئىككىلەنمەي شەرقى تۈركىستاندا ) ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا(قۇردى ۋە 3 مىليون بىلەن بەش مىليون ئارىسىدىكى بىگۇناھ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى بۇ لاگېرلارغا قامىدى. بۇنى قۇرغىچە خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا ئەھدىنامە دېگەنلەرگە پەرۋا قىلمىدى. چۈنكى دۇنيادا ھەرقانداق بىر ھەربىي كۈچنىڭ ئۇنى ئالدىراپ توختا دېيەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى .
شۇنداق، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ كۈچلەندى، شۇڭا ، شەرقى تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى چەكلەپ، مۇقەددەس كىتابى – قۇرئاننى كۆيدۈرۈپ، جاينامازلىرىغا ئوت يېقىپ، مەسچىتلىرىنى يىقىتىپ تۇرۇپمۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن «دوست»لۇقىنى قوغداپ قالالىدى. پاكىستان پرېزىدېنتى ئىمران خانغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرىنىمۇ » ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىپ كەتمەيمەن دېگۈزەلىدى، مالايشىيا پرېزىدېنتى ماھاتىردەك پېشقەدەم ۋە ئادالەتپەرۋەر مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىنى » خىتاي كۈچلۈك بولغاچقا ئاۋاز چىقىرالمايۋاتىمىز» دەپ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى ۋە ھەتتا دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ شەرقى تۈركىستاندا لاگېرلار ئارقىلىق داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئۈنسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نومۇسسىزلارچە ئاقلىدى. زالىمغا ئەمەس مەزلۇمغا يان بېسىش ئىسلام دىنىنىڭ نېگىزلىك پرىنسىپلىرىدىن ئىدى، ئېنىقكى خىتاي، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پۇلىغا تايىنىپ تۇرۇپ پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرىنى دىنىدىن چىقارغۇزدى.

شۇنداق، بۈگۈن خىتاي پەن-تېخنىكا جەھەتتىنمۇ كۈچلۈك ، شۇڭا ئۇ شەرقى تۈركىستاندا بۆشۈكتىكى بوۋاقتىن يېتىقتىكى بوۋاي-مومايغا قەدەر ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكەت ۋە مىدىرلىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالالىدى. خىتاي گەرچە دەسلەپتە مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان لاگېرلارنى كېيىن ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، يەنە شۇ پەن-تېخنىكىسىنىڭ كۈچىگە تايانغان ئۇچۇر كونتروللۇقى بىلەن مەزكۇر لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمى سانى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قېيىن-قىستاق ۋە كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر، جۈملىدىن ئۆلۈم-يېتىم سانىنى 3 يىلدىن بۇيان سىر تۇتۇپ كېلەلىدى.
خىتاي سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ دۇنيادا بىر مىللەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىنى قاماقخانىغا ئېلىش ۋە مەھبۇسقا ئايلاندۇرۇشنىڭ تېخنىك جەھەتتىن مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللىدى. بۇ مۆجىزىسىنى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى- «كەسپىي تەربىيە مەكتەپلىرى» دەپ سۈپەتلەپ، دۇنيانى بۇنى ئۈلگە ئېلىشقا ئۈندىدى، مەنچە بۇ نۇقتىدا دۇنيا جامائىتىنىڭ ئەقلىي كۈچىگە ھاقارەت قىلدى.
دېگەنلىرىم خىتاينىڭ كۈچىنىڭ پەقەت شەرقى تۈركىستاندىكى، بىر لاگېرلار مەسىلىسىدىكى تەسىرى، ئەگەر بۇ كۈچنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردىكى جۈملىدىن جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىدىكى ۋە خەلقئارا سودىدىكى تەسىرىنى بىر ئەسلەپ ئۆتسەك تېخىمۇ كۆپ » مۆجىزە»لەرنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. مەنچە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى لاگىر مۆجىزىسىنىڭ ئۆزىلا، دېموكراتىك يول بىلەن شەكىللەنمىگەن سىياسىي كۈچ، ئەركىن بازارغا تايانمىغان ئىقتىسادىي كۈچ، ئادالەتكە تايانمىغان ھەربىي كۈچ تەرەققىي قىلسا قانداق دۇنيادا بالايىئاپەتلەرنى تېرىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بولدى. بۇ ئاپەت بۈگۈن ئۇنىڭ غەربىدىكى دەرۋازىسىدا يۈز بەرگەن بولسا ئەتە چېگرا ۋە دېڭىز ئاتلايدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالغانلار ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ كۈچىگە مەستانە بولۇپ ياكى تەسلىم بولۇپ خىتاي ئەلچىخانىلىرىدا، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرىگە شۇنى دېمەكچىمەن:

)سىز تەبرىكلەۋاتقان ئۇ كۈچ خىتايدا 1989 ‏-يىلى 4 -ئىيۇن تيەنئەنمىن قەتلىئامىنى، ؛ 2008 ‏- يىلى 3 ‏-ئايدا لاسا قەتلىئامىنى ۋە بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر رەھىمسىز كۈچتۇر. ئۇنتۇمايلى – كى بۇ كۈچ، شەرقى ياۋروپادا كوساۋانىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرغان، مىلوسىۋچنىڭ جازالىنىشىنى خالىمىغان، ئافرىقادا دىكتاتور كاززافىنىڭ، مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە قېتىلمىغان ، سۈرىيەدە ئەسەدنىڭ قان تۆكۈشىگە،بېرمىدا ئېتنىك قىرغىنچىلىققا چاپان ياپقان بىر كۈچتۇر. (

بۇ كۈچ دۇنياغا دىكتاتورىلىقنى،دۆلەت تېررورىنى، پارىخورلۇقنى، ئادالەتسىزلىكنى يېيىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ھەققانىيلاشتۇرۇش كويىدىكى بىر كۈچتۇر، بىر بالا-قازادۇر. شۇڭا بۇ» كۈچ»نى تەبرىكلەۋاتقانلارنىڭ ھەم شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆز يېشىنى ھەم ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادىڭلارنىمۇ تەقدىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*