رابىيە قادىر : دۇنيا دۆلەت رەھبەرلىرىنى پروفېسسور تاشپولات تېيىپنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە چاقىرىمەن

بارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ پروفېسسور تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى بىكار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە چاقىرىمەن

–رابىيە قادىر

» شىنجاڭ ئونۋېرسىتى»نىڭ سابىق باشلىقى ، پروفېسسور تاشپولات تېيىپقا ئۆتكەن يىلى بېرىلگەن كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى خەۋىرى مېنى قاتتىق چۆچۈتتى؛  چۆچۈگىنىم ھەرگىز بۇ ھۆكۆمنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ شىددەت دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس؛ بىر ئونۋېرسىتى پروفېسسورىنى ، ئۆز ساھەسىدە خەلقئارا سەھنىلەردە تونۇلغان ئىلمىي خادىمنى بۆلگۈچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە جۈرئەت قىلىشىدۇر.
ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ سوت ھۆكۈملىرىدىمۇ، تاشپولات تېيىپنىڭ ئونىۋېرسىت سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ ياش ئەۋلادلارغا ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى سىڭدۈرگەنلىكى ئاساسلىق جىنايىتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. سوت ئەيىبنامىسىدە، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ئاتالمىش ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغانلىقىدىن باشقا، ھەرقانداق بىر قوراللىق ھەرىكەتكە چېتىلغان ياكى تەشەببۇس قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
قېنى، خەلقئارا ئەھدىنامىلەر بويىچە كىشىلەر سىياسىي كۆز قاراشلىرى سەۋەبلىك جازالانماسلىقى كېرەكتىغۇ؟ ھاياتىدا بىر ئىنساننىڭ جېنىغا ياكى مېلىغا قىلچىلىك زىيان سېلىپ باقمىغان بىر ئاكادېمىك ، بىر پروفېسسورغا بېرىلگەن بۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىنى دۇنيادا قايسى قانۇن، قايسى ئەخلاق، قايسى ۋىجدان قوبۇل كۆرىدۇ؟
خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان قانۇن دۆلىتى بولۇپ باققان ئەمەس؛ ئۇ خىتاي كومپارتىيىسى نامىدىكى بىر قاراقچىلار گۇرۇھىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت؛ شۇڭا مەن خىتاينىڭ بۇنداق ۋەھشىيلىكلىرىگە ھەيران قالمايمەن؛ مېنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ۋەھشىيلىككە قارىتا سۈكۈتى؛ جىددىي ئىنكاس قايتۇرماسلىقى ۋە تەدبىر قوللانماسلىقى. خىتاي 3 مىليون ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاپ، بۇ لاگېرنى » كەسپىي تەربىيە مەكتىپى» دەپ تونۇشتۇرسا ئۇنىڭغا ماقۇل دېگۈچىلەر كۈپ بولغان، قارشى تۇرغانلار ئاز ۋە ئىنكاسى كۈچلۈك بولمىغاچقا ؛ بۈگۈن بۇ پراففىوسورغا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
مەن پۈتۈن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى ئېلىپ ئۆتىمەن:
بۇ يەردە خىتاينىڭ بەتلەۋاتقان ئوقى يالغۇز بىر پراففىسورنىڭ جېنىغا قارىتالا ئەمەس، خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەرگە قارىتىلىۋاتقان ئوقتۇر. بۇ يەردە دەسسىلىۋاتقان يالغۇز بىر ئۇيغۇر پراففىسورنىڭ ياشاش ھەققىلا ئەمەس، خەلقئارا ئادالەتتۇر؛ ئىنساندارچىلىقتۇر. بۇ ئۆلۈم جازاسى ئارقىلىق كۈچ كۆرسىتىلىۋاتقىنى ، قورقۇتماقچى بولۇۋاتقىنى يالغۇز خىتاي بېسىۋالغان بىر زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، دۇنيادا تىنچلىق ۋە ئادالەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان، تەر تۆكۈۋاتقان دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردۇر.
مەنچە، تاشپولات تېيىپنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ قالسا، مەنچە جاۋابكارلىق يالغۇز تاشپولات تېيىپنىڭ قاتىلى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىلا ئەمەس؛ بەلكى بۈگۈن مۇشۇ ۋەھشىي، مۇشۇ ئادالەتسىز ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە يەر شارىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغان بارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ ئۈستىدە بولىدۇ! ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمۇ بۇ تارىخنى مۇشۇنداق خاتىرىلەيدۇ. مەن تاشپولات تېيىپ مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بىر داۋاگىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن؛ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈنسېرى ئۆلۈمگە قاراپ يېقىنلىشىۋاتقان تاشپولات تېيىپنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەم خەلقئارا قانۇنىي ۋە ئىنسانى مەسئۇلىيىتىنى تونۇشقا ؛ خىتاينىڭ بۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىنى بىكار قىلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي چاقىرىق قىلىشقا ۋە تەدبىر قوللىنىشقا دەۋەت قىلىمەن.

Leave a Comment

*

*