رابىيە قادىر : زالىمغا يانتاياق بولۇشتىن ۋاز كەچكەن قاتار دۆلىتىنى تەبرىكلەيمەن

قاتار دۆلىتىنىڭ ، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى (ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى) يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قوللاپ ئىمزا قويغان 37 دۆلەت تىزىملىكىدىن چېكىنىشى يالغۇز لاگېرلار مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈش قارارىلا بولماستىن ، ئەڭ مۇھىمى قاتارنىڭ ئۆز دۆلەت ئوبرازىنى قوغداش قارارىدۇر. مەن ھەر ئىككى نۇقتىدىن قاتارنىڭ بۇ قارارىنى تەبرىكلەيمەن ۋە قاتار ئەمىرى تامىم بىن ھاماد ئەلتانى ئەپەندىگە، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
قاتار بۇ قارارى ئارقىلىق، 21 ‏-ئەسىردە ئۈنسىز داۋام قىلىۋاتقان بىر مىللىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قېلىشتەك بىر خاتا يولدىن ئۆزىنى تارتتى. مەنچە قاتار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئالدىدىكى ئىنساندارچىلىق ۋە مۇسۇلماندارچىلىق جەھەتتىكى ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپلا قالماستىن، ئىتتىپاقدىشى خىتاي ئۈچۈنمۇ ھەقىقىي بىر دوستلۇقنىڭ سىگنالىنى بەردى؛ بۇ بولسىمۇ خىتاينى لاگېرلار مەسىلىسىدە خاتا يولدىن قايتىشقا ئۈندەش سىگنالىدۇر.
خىتاينىڭ بۈگۈن بۇ سىگنالدىن بىئارام بولىدىغانلىقى ئېنىق؛ ئەمما مەن، خىتاينىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قاتاردىن ياكى ئۆزىگە لاگېرلارنى تاقاش تەكلىپى سۇنغان 22 غەرب دۆلىتىدىن ئەمەس، ئۆزىنى جىنايەت يولىدا رىغبەتلەندۈرگەن شۇ 36 دۆلەتتىن ئاغرىنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا نەپرەتلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى، يەنى بىر مىللەت نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندە ئۈچتىن بىر قىسمىنى 3 يىلغىچە ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىۋېتىش؛ روھىي ۋە جىسمانىي قىيىن-قىستاق ئارقىلىق، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە زورلاش قىلمىشى نامى مەيلى دىنىي ئەسەبىيلىكنى تازىلاش بولسۇن، مەيلى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولسۇن، بۇ بىر جىنايەتتۇر.
يېقىنقى خەلقئارا خەۋەرلەردىن كۆرۈلۈپ تۇرۇپتىكى ، مانا بۇنداق بىر جىنايەتنى پەردەزلىگەنسېرى ئۇنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى تېخىمۇ بەك ئېچىلىدۇ؛ 10 قېتىم ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپمۇ بىر مىللىي قىرغىنچىلىقنى كەسپىي تەربىيە دەپ كۆرسىتىپ بولغىنى بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ پۇرسەتتە، خىتاينى جىنايەت يولىدىن تېزدىن ۋاز كېچىشكە ۋە لاگېرلارنى تاقاشقا دەۋەت قىلىمەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنى قوللاش ئارقىلىق يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قېنى ۋە كۆز-ياشلىرى بەدىلىگە خىتايدىن مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچى بولغان شۇ 36 دۆلەت ئەربابلىرىنى؛ بولۇپمۇ ئىسلام مۇشۇ سائەتلەردە لاگېرلاردا قامىلىپ ياتقان، لاگېرنىڭ جازا تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە ھالى خارابلاشقان 3 مىليون ئىنساننىڭ سېيماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشكە ۋە لاگېرلار مەسىلىسىدە ئۆز ۋىجدانلىرىغا بىر سوئال قويۇپ بېقىشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئاخىرىدا قاتارنىڭ بۇ قارار ئۆزگەرتىشىگە ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن بارلىق دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا، ئەلجەزىرە قاتارلىق مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

ھۆرمەت بىلەن

ئۇيغۇر مىللى ھەركىتى لىدېرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*