رابىيە قادىر : ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلنىگار ئىلتەبىرنى يېنىغا ئېلىشى ئاقىلانە بىر قارار


(ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئامېرىكالىق ئەلنىگار ئىلتەبىرنى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن)

مەنچە  ئامېرىكانىڭ يېقىنقى يېرىم ئەسىرلىك خىتاي سىياسىتى مەغلۇبىيەتلىك بىر سىياسەت. بۇ 50 يىللىق خىتاي -ئامېرىكا مۇناسىۋەت تارىخىي ئامېرىكا تەرەپ دۇنيادىكى خوجىدارلىق ئورنىنى خىتايغا ئۆز قولى بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قاراپ ئىلگىرىلەش تارىخىدۇر.
، ئامېرىكا  دۇنيادا تىنچلىق ۋە ئادالەتنىڭ قوغدىلىشىدا يېتەكچىلىك رول ئويناشقا قادىر ۋە ئەڭ مۇناسىپ بىر دۆلەتتۇر.
ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى خىتايغا تارتتۇرۇپ قويۇشى، يالغۇز ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتلا ئەمەس، ئالدى بىلەن خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى خەلقلەرنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن باغلىنىش ھالقىلىرى دائىرىسىدە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىتتۇر.
بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ( خىتاينىڭ ئاتىشىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا) 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولىۋېلىشنى، خوڭكوڭدا كىشىلەرنىڭ توپلىنىش ۋە پىكىر ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى، جەنۇبى دېڭىزدا سۈنئىي ئاراللارنى ياساپ رايون زوراۋانغا ئايلىنىشى ۋە دۇنيادىكى بۇرما ۋە سۈرىيە رېجىمىدەك قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرگە يانتاياق بولۇشى قاتارلىق كۆپلىگەن زور سىياسىي ۋەقەلەر مانا خەۋپ-خەتەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى.
خىتاي خەلقئارا بازاردا  ئادالەتسىز  رىقابەت، دۆلەت ئىچىدە بولسا باستۇرۇش سىياسەتلىرى بىلەن توپلىغان دۆلەت ئىقتىسادىغا تايىنىپ تۇرۇپ بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىنى باشلىدى ۋە بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق   ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن ھالقىپ بالتىق دۆلەتلىرى ۋە شەرقى ياۋروپاغىچە بولغان  مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ بولدى. خىتاينىڭ ب د ت دا لاگىر مەسىلىسىدىن ئىبارەت بىر ئېتنىك قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە 50 دۆلەتنىڭ ئىمزالىق قوللىشىغا ئېرىشىشى  ۋە بۇ قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تەكلىپىنى سۇنغان 22 غەرب دۆلىتىنىڭ  ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى ، خىتاي تېزىدىن تىزگىنلەنمىگەن  تەقدىردە، ئۇنىڭ ب د ت دا يەنە قانداق زوراۋانلىقلارغا باشلامچى ۋە ئىجراچى بولىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق بىر ئىسپاتى.

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا بىر تۈركۈم سودا جازالىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئۇنى ئالدامچىلىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئەمەس، ئادىل رىقابەت بىلەن  ئالغا ئىلگىرىلەشكە دەۋەت قىلدى. بۇ خىتايغا قارىتا يېتەرلىك دەرىجىدىكى تىزگىنلەش سىياسىتى بولمىسىمۇ، بىر ھەددىنى بىلدۈرۈش سىياسىتىدۇر؛ ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى توغرا ۋە ئىجابىي بىر يۈزلىنىشتۇر.   ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم  ئۇيغۇر ئامېرىكالىق  ئەلنىگار ئىلتەبىرنى دۆلەت بىخەتەرلىكى كېڭىشىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىگە تەيىنلەش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدە توغرا يولغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن يەنە بىر بېشارەتنى بەردى. چۈنكى ئەلنىگار ئىلتەبىر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىدىكى نەزەرىيىۋى بىلىمى ، خىتاي ۋەزىيىتى ئۈستىدىكى  ئىزدىنىشلىرى بىلەنلا ئەمەس، خىتاي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر مىللەتنىڭ قوينىدا تۇغۇلۇش ، ئۆسۈش ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئاكتىپ بىر سىياسىي پائالىيەتچىسىنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاينىڭ تەبىئىتىنى،  بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن بىرىدۇر. مەن ئەلنىگار ئىلتەبىرنىڭ دادىسىنىڭ 50 يىللىق سىياسىي سەپدىشى ۋە ئائىلە دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەلنىگار ئىلتەبىرنىڭ ئەتراپلىق بىلىمى، ئۆتكۈر ئەقلى، بولۇپمۇ كەسكىن خاراكتېرىگە كۆپ قېتىم شاھىت بولغانمەن. مەن ئەلنىگار ئىلتەبىرنىڭ ، بۇ خىزمەت ئورنىدا، خىتاي زوراۋانلىقى ۋە ئالدامچىلىقىنى تىزگىنلەيدىغان، ئامېرىكا خەلقىنىڭ  تۈپ مەنپەئەتلىرىگە ۋە دۇنيادىكى مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۈنۈملۈك قارارلارنىڭ ئېلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇڭا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلنىگار ئىلتەبىرنى بۇ ۋەزىپىگە  تەيىنلىگەنلىگىدەك ئاقىلانە قارارىنى تەبرىكلەيمەن ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*