رابىيە قادىر: ئەلۋىدا، سەپدىشىم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر!

شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىدە بىر قولىدا قەلەم، بىر قولىدا ئەلەم ( بايراق ) بىلەن ھاياتىي بويى خىزمەت قىلغان ۋە بۇ مۇقەددەس يولدا ئائىلىسىدىنمۇ ، جەمىيەتتىنمۇ ياراملىق ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىغان ئىرادىلىك، تەجرىبىلىك سەپدىشىمىز؛ ھارماس قەلەمكىشىمىز ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر بۈگۈن ئارىمىزدىن ئايرىلدى. ياق، جىسمىلا ئايرىلدى؛ ئەمما قىلغان خىزمەتلىرى، يازغان ئەسەرلىرى ، ئۇنتۇلماس خاتىرىلىرى بىلەن روھىي بىز بىلەن يەنىلا بىللە. مەن ئاللاھدىن مەرھۇمغا جەننەت تىلەش بىلەن بىرگە ، مىللىتىمىزگە، جۈملىدىن ئائىلە-تاۋاباتىغا سەۋر تىلەيمەن.

مەرھۇم بىلەن، ئۇ 1992 ‏-يىلى تۈركىيە سەپىرىگە ئاتلانغاندا مۇنداق خوشلاشقان ئىدۇق:
— ئابلىكىم، چەتئەلنى كۆردۈم، ھايات ئاسان ئەمەس ، قىينىلىپ قالسىز، تەكرار بىر ئويلۇشىۋېتىڭ.
— بىر تۈركۈم ئادەملەر چوقۇم بەدەل تۆلەش كېرەك، شۇ بەدەل تۆلىگۈچىلەردىن بولۇپ قالارمەن.

1994 ‏- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا يەنە بىر قېتىم خوشلاشتۇق:
— رابىيىمدە، ئەمدى قايتىپ كەتمەڭ، داۋانى بىللە قىلايلى…..
— مېنىڭ خىزمەت قورالىم–ئىش-تىجارىتىم، سودا سارايلىرىم……..
— مال دۇنيارىڭىز، خىتاينىڭ ئالقىنىدىكى مال دۇنيا، نۆۋىتى كەلسە، بىر مىنىۇتنىڭ ئىچىدە ئېلىۋالىدۇ…

2019 ‏-يىلى ئاۋغۇست، فەيرفاكىستىكى ئۆيىدە يەنە بىر قېتىم مۇڭداشتۇق؛ ئەمما بۇ كۈنكى مۇڭدۇشۇشنىڭمۇ بىر خوشلۇشۇش بولۇپ قالغانلىقىنى بۈگۈن بىلدىم:
— سىز بىلەن ۋەتەنگەن بايراق كۆتۆرۈرۈپ تەڭ قايتىمىز دەپ ئويلىغانتىم، قارىغاندا نېسىپ بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ؛ ئەمما ئارمىنىم يوق، قوشۇنىمىز باراغنسېرى ئۇلغۇيىۋاتىدۇ، ئاۋازىمىز بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ…..

ئابلكىم باقى ھايات دوقمۇشلىرىدا، مانا مۇشۇنداق ئاقىلانە پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، كەسكىن قارار بېرەلەيدىغان بايراقدار بىر سەبدىشىمىز ئىدى. ئۇ ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك تىجارىي ۋە سىياسىي ھاياتىمنىڭ شاھىدى بولدى. بۇ سەپەردە ئۇتۇق قازانسام مېنىڭدىن بەك خوش بولدى؛ زىيان تارتسام مېنىڭدىن بەك قايغۇردى؛ ئىشىم ئوڭغا تارتقاندا ماڭا قانچە يېقىن تۇرغان بولسا، سولغا تارتقاندىمۇ مەندىن قاچمىدى؛ مېنى بىر ئىنسان سۈپىتىدە ئارتۇقچىلىقىم ۋە كەمچىلىكىم بىلەن تەڭ قوبۇل قىلدى؛ ئۆزىلا ئەمەس پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن ئارقامدا تىرەك بولدى. ئاللاھ ئۇنىڭ مىللەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى قاتارىدا، ماڭا بولغان يار-يۆلەكلىرىنىڭمۇ مۇكاپاتىنى بەرگەي!
مەرھۇمغا تەكرار ئاللاھتىن مەغپىرەت، ئائىلە-تاۋاباتىغا سەۋر تىلەيمەن.
ئەلۋىدا، قىممەتلىك سەپدىشىم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر !

ھۆرمەت بىلەن، رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*