ئاقسۇدا 41 ياشلىق شوپۇر قاھارجان قاۋۇلنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ مىللىي رەھبەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىشىمىز جەريانىدا ، خۇسۇسەن، چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشى داۋامىدا ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق 41 ياشلىق شوپۇر قاھارجان قاۋۇلنىڭ بۇلتۇر 10 ‏-ئايدا لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئاقسۇدىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ پاش قىلىشىچە، قاھارجان قاۋۇل 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئانىسى ۋە ئاچىسىنى كۆرگىنى تۈركىيەگە بارغانلىقى ئۈچۈن 2018‏-يىلى 7-ئايدا تەربىيىلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن. تەربىيىلەشتە ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن تۈركىيەدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەققىدە ھېچ نەرسە دەپ بېرەلمىگەندىن كېيىن، ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان. قېيىن-قىستاق زەربىسىدىن ھوشىدىن كەتكەن قاھارجان قاۋۇل بۇلتۇر 10 ‏-ئاينىڭ 22‏-كۈنى يېرىم كېچىدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ۋە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.
بىز تۈركىيەدىكى ئاقسۇلۇق مۇھاجىرلارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، قاھارجاننىڭ ئاپىسىنىڭ تۈركىيە ۋەتەندىشى تاجىگۈل ھەمدۇللا ئاچىسىنىڭ بولسا گۈلجامال كاراكوچ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. ئوغلىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان تاجىگۈل خانىم مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمغا سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن لاگېردا ئۆلگەن ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغانلىقى ۋە يەنە كۆپلىگەن قاھارلارنى پاجىئەلىك ئۆلۈملەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئاينىسا

Leave a Comment

*

*