مېنىڭ خەلقئارا جەمىيەتتىن رامازانلىق تەلىپىم

بىلگىنىڭلاردەك رامزان ۋاقتى مۇسۇلمانلارنىڭ تىنچلىق ۋە باراۋەرلىك ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان، پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان، ئۆزىنى سىنايدىغان ۋە باشقىلارغا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان مۇبارەك بىر ئاي.

مەن يىللاردىن بېرى، مانا بۇ ئايلاردا خەلقىمىزگە روزا تۇتقۇزۇلمايۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ساقچىلارنىڭ روزا تۇتقانلارنى ئۆيمۇ ئۆي تەكشۈرۈشى، ئىپتارچىلارنى تۇتقۇن قىلىشى، دائىرىلەرنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مەجبۇرى تاماق يېگۈزۈپ ئېغىز ئاچقۇزۇشى، مەكتەپلەردە بىكارلىق سۇ تارقىتىپ مەجبۇرى ئىچكۈزىشى، رېستورانلارنى مەجبۇرى ئاچقۇزۇشى قاتارلىقلاردىن قاقشاپ كەلگەن ئىدىم، ۋە خىتاينىڭ روزا تۇتۇشقا رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىغان ئىدىم. مېنىڭ بۇ يىلقى غېمىم بۇ ئەمەس؛ چۈنكى بۈگۈن نوپۇسىمىزنىڭ 3مىليوندىن ئارتۇق قىسمى يەنى ئاساسلىق روزا تۇتۇش ئىبادىتىگە ئۇيغۇن ياش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا؛ ئۇلار ئىككى يىلدىن بېرى، ئىنتايىن ناچار ئوزۇقلىنىش شارائىتىدا تۇرماقتا؛ ئەڭ يېقىندا يوتۇيۇبتا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلغان لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئورقانقىزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارغا گۈرۈچ بىلەن قوناق ئۇنىدىن باشقا نەرسە ئاساسەن بېرىلمىگەن، ھەر كۈنى تاماققا زار بولۇپ كۈن ئۆتكۈزگەن. يەنە بىر لاگېر گۇۋاھچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بىر كامىردىشىغا قولىدىكى مومىسىنى پارچىلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان…

لاگېر گۇۋاھچىسى گۈلباھار جېلالوۋانىڭ دېيىشىچە، ئۇ لاگېردا ئېغىرلىقى بىر يىلدا 65 كىلوگرامدىن 44 كىلوگرامغا چۈشكەن؛ ئاتا جۇرت تەشكىلاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققغان 26 قازاق ۋەتەندىشىنىڭ ھېچ بىرسنىڭ سالامەتلىكى 4 ئايدىن بېرى تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەن. بىز بۇ گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىدىن لاگېردىكى 3 يېرىم مىليون تۇتقۇننىڭ بۈگۈنكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەخمىن قىلالايمىز؛ مەن ئويلايمەنكى ئۇلار روزا تۇتقۇدەكمۇ ماغدۇردا ئەمەس؛ يەنە بايىقى لاگىر گۇۋاھچىسىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا،ئۇلار بۈگۈن لاگېردا غۇرۇرى، ئېتىقادى، ئىززەت ھۆرمىتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقىنى يوق، ئۇلار ئۇ يەردە جان تالىشىۋاتىدۇ.

شۇڭا مەن بۇ قېتىم خەلقئارا جامائەتتىن خىتاينىڭ رامزان چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلالمايمەن؛ چۈنكى جەمئىيەتتە رامزان تۇتقۇدەك ياش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىدىكى كىشىلەر ئاساسەن يوق؛ لاگىر ئىچىدىكىلەر ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا ئوزۇقلىنىۋاتقان كىشىلەر ئۇلارغا روزا تۇتۇش رۇخسىتىنى تېخىمۇ تەلەپ قىلالمايمەن. تەلەپ قىلىدىغىنىم پەقەت شۇ، مانا ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەردە، ئۇلار لاگېردىن قويۇپ بېرىلسۇن؛ قىيىن-قىستاق ۋە سوئال-سوراقلاردىن قۇتۇلسۇن، ھايۋانچە سولىنىپ ياتقان ۋە ناچار ياتاقلاردىن قۇتۇلسۇن؛ ئىككى يىلدىن بېرى كۆرۈشمىگەن ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن قۇچاقلاشسۇن؛ جىسمانىي ۋە روھىي جاراھەتلىرىنى تاڭسۇن. شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتنى، مۇسۇلمان ، خرىستىئان ۋە يەھۇدىي جامائەتلىرىنى ۋە بارلىق تىنچلىق ۋە ئادالەت تەرەپدارى دىنىي ۋە سىياسىي گۇرۇھلارنى، مانا مۇشۇ رامزان مەزگىلىدە ھاياتى بىخەتەرلىكى ئېغىر خەۋپ ئاستىدا ياشاۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ،  500 مىڭدىن ئارتۇق قازاق ۋە   50 مىڭدىن ئارتۇق قىرغىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە چاقىرىق قىلىشنى ۋە ياكى ئۆز ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق تەلەپ سۇنۇشى، ھېچ بولمىدى دېگەندە دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*