رابىيە قادىر : سىرىلانكا تېرورچىلىرىغا لەنەت ئوقۇيمەن ، قۇربانلاردىن ھال سورايمەن

 21 ‏-ئاپرېل كۈنى سىرىلانكادا 3 چېركاۋ ۋە 3 مېھمانخانىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى، مېنى ۋە مېنىڭ مەزلۇم خەلقىمنى ھەممىدىن بەك ئازابلىدى ۋە ئەندىشىگە سالدى. مەن ئالدى بىلەن ئەنە شۇ ۋەھشىي ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 253  قۇرباننىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىپا تېپىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۇ ۋەھشىي ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان NTJ ئەزايى   تېررورچىلارغا  ۋە بۇلار  بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بازارغا سېلىۋاتقان ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتى  ISISقا لەنەت ئوقۇيمەن.
مەنچە  NTJ ۋە ISIS   ئىسلام دۇنياسىدىكى ھېچ بىر خەلققە ۋەكىللىك قىلالمىغىنىدەك،  مەزكۇر  ھۇجۇممۇ  ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھېچقايسى بىر پارچىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، مەنپەئەتنى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. ئۇ پەقەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، ھەر مىللەت ھەر دىندىن بولغان مەزلۇم خەلق، ، بولۇپمۇ  بىزگە – ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش  دەردمەن خەلقلەرنىڭ دەردىنى كۆپەيتىدۇ، زوراۋان ھاكىمىيەتلەرنىڭ، دىكتاتور دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ، زالىم پادىشاھلارنىڭ  ئۆزىنى ئاقلىشىغا، زوراۋانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
  ئەگەر ISIS راستىنىلا ئىسلام دۆلىتى بولغان بولسا، ئۇ بۈگۈن 3 مىليوندىن ئارتۇق  ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى  يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولىۋېلىپ ئۈن-تىنسىز ئۆلتۈرۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى  خېلى بۇرۇنلا جەڭ ئېلان قىلغان بولاتتى . ئەگەر NTJ ھەقىقەتەن زۇلۇمغا ئۇچرىغان  مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىدىغان ئىش بولسا، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا يالغۇز قالمىغان  ۋە جاراھىتى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خەلق تەرىپىدىن تېڭىلىپ بولغان يېڭى زىنلاندىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئەمەس،  كۈنىگە نەچچە يۈزلەپ كىشى لاگېردا قېيىن-قىستاق ۋە ئاچلىقتىن جان ئۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالغان بولاتتى.  ئەگەر ISIS ھەقىقەتەن ئىسلام ئۈچۈن كۈرەش قىلسا، چېركاۋدا ئىبادەت قىلىۋاتقان بىگۇناھ  پۇقرالارغا ئەمەس،   مۇسۇلمانلار زېمىنى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغان ۋە ئۇ يەردە قۇرئان ۋە جاينامازلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان، مەسچىتلەرنى يىقىتىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئورگانلىرىغا  جاۋاب  قايتۇرغان  بولاتتى. ئەگەر ئۇ راستىنىلا مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۆيۈنسە، شەرقى تۈركىستاندىكى  مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېلىنىپ دارىلتاملاردا كوممۇنىست تەربىيىسىدە خىتايلاشتۇرىلىۋاتقان  بىر مىليوندىن ئارتۇق نارەسىدە بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ئۈچۈن باش قاتۇراتتى؛ ئەگەرNTJھەقىقەتەن دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشى بولسا، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش ۋە  خىتايچىلاشتۇرۇش شوئارىنى ئاشكارا جار سېلىپ كېلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بېرەتتى؛ ئەگەر ISIS  راستىنىلا دىنىي ئەقىدە ۋە پرىنسىپلارنى قوغداش  ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئىش بولسا، شەرقى تۈركىستاندا مەسچىتلەرنىڭ ئۆگزە ۋە مېھرابلىرىغا  خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلەت  بايرىقىنى ئېسىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىگە ئارامچىلىق بەرمىگەن بولاتتى.  ئەگەر NTJ  مۇسۇلمانلارنىڭ شان-شەرىپىنى ئويلىشىدىغان ئىش بولسا ، پۈتۈن قورال تۇتالايدىغان ئەر مۇسۇلمانلارنى لاگېرغا سولۇۋېتىپ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قوشماق تۇغقان ئەۋەتىۋاتقان، قىز-ئاياللىرىغا چېقىلىۋاتقان خىتاي دۆلەت كادىرلىرىغا ئىسيان كۆتۈرگەن بولاتتى.
ISIS ۋە NTB نېمە ئۈچۈن  ئىسلام دۇنياسى بويىچە ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان ، ئەڭ ئېغىر  زۇلۇم چېكىۋاتقان  ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باش قاتۇرمايدۇ؟  نېمە ئۈچۈن ياشاش ھەققى چەكلەنمىگەن ياۋروپادىكى ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاتالمىش كۈرەش قىلىدۇ -يۇ،  ياشاش ھوقۇقى تامامەن  ئاياق ئاستى قىلىنغان،  3  يىلدىن بۇيان ئەۋلاد قالدۇرۇشى ئاساسەن توختىغان، بىر مۇسۇلمان قوۋم ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چۈشمەيدۇ؟ خىتاي كۈچلۈك سىرىلانكا ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ياۋروپا رەھىمدىل، خىتاي رەھىمسىز بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
مېنىڭچە  ئەگەر ISIS ۋە NTJ نىڭ ئەزالىرى ھەقىقىي مۇسۇلمان بولىدىغان ئىشى بولسا ، خىتايدىن ئەيمەنمىگەن بولاتتى؛ خىتاينىڭ 3 مىليون مۇسۇلماننى لاگېرلاردا سولىۋېلىپ، بۇنىڭدىن غەلىبە تەنتەنىسىنى قىلىشىنى ئۆزلىرىگە ھاقارەت ھېس قىلغان بولاتتى.
   11 ‏-سېنتەبىر ۋەقەسى   خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى  باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا تېررور قارشى نام ئاستىدا تېخىمۇ قاتتىق داۋاملاشتۇرۇشىغا پۇرسەت بەرگەن. ئەمدىلىكتە بۇ 21 ‏-ئاپرېل سىرىلانكا تېررور ۋەقەسى ، مىڭ تەسلىكتە ، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىۋاتقان شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى يەنە دىققەتتىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشقا باھانە تېپىپ بېرىدۇ.  مۇشۇ سەۋەبتىن ۋەقە يۈز بەرگەن كۈندىن ئېتىبارەن خىتاي دۆلىتىنىڭ زۇۋانى  بولغان يەرشارى ۋاقتى گېزىتى، تىغ ئۇچىنى شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئۈستىدە ھەقنى سۆزلەۋاتقان غەربلىكلەرگە قاراتتى ۋە  ئۇلارنى بۇ ۋەقەدىن ئىبرەت ئېلىپ  شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە كۆز يۇمۇشقا  يۇمۇشقا ئىشارەت قىلدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا سىرىلانكا ھۆكۈمىتى 253  ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان مۇشۇنچە چوڭ قەتلىئامدىن كېيىنمۇ پەقەت 70-80 چە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. خىتاي بۈگۈن سادىر بولمىغان بىر تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 3يېرىم مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولىۋالدى ۋە ئۇلارنىڭ جېنىغا قەست قىلىۋاتىدۇ. سىرىلانكا مانا مۇشۇنداق ئېغىر مۇسىبەتلىك كۈنىدىمۇ  پۈتۈم مۇسۇلمانلارنى تۈرمىگە سولۇۋالمىدى، مەسچىتلەرنى تاقىمىدى ، مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىنى يۇيىمەن دېمىدى، ئۆزىنىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.  مەن شۇڭا  ئاخىرىدا مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلىرىدە ۋەزىيەتكە سالماق مۇئامىلە قىلالىغان، مەسىلىنى مىللەتلەر ياكى دىنلار ئارا مەسىلە دەپ ئەمەس بىر ئوچۇم تېررورچىلارنىڭ جىنايىتى دەپ تونۇيالىغان ۋە شۇنىڭغا ماس ھەرىكەت قىلىۋاتقان سىرىلانكا دۆلەت ئەربابلىرىغا بىر مۇسۇلمان پائالىيەتچى سۈپىتىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

رابىيە قادىر
ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ رەھبىرى

Leave a Comment

*

*