رابىيە قادىر :  مەزلۇم خەلققە ياردەم قىلمىسىڭىزمۇ، زىيانكەشلىك قىلماڭ

         ( ۋولكس ۋاگوننىڭ دىرېكتوى Herbert Diessغا ئوچۇق خەت)

   ھۆرمەتلىك  ھېربېرت ريسس ئەپەندى،  ۋالكسۋوگاننىڭ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ( خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە شىنجاڭدا) زاۋۇت قۇرىدىغانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، گەرچە زاۋۇتنىڭ ئۇ يەردىكى خەلقىمىز  ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسەكمۇ ،  ھېچ بولمىدى دېگەندە  رايونىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ۋە يۈز بەرگۈسى پاجىئەلەرنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىغا پايدىسى بولىدۇ دېگەن ئۈمىدتە ئىدۇق؛ سىياسىي جەھەتتىن بىزگە ياردەم بېرەلمىسىمۇ، زىيانكەشلىك قىلمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق. چۈنكى بىز سىلەرنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئەلچىلىرى دەپ تونۇغان ئىدۇق؛ ئىنسانىي كرىزىسلارغا پوزىتسىيە تۇتۇشتا  خىتاي كارخانىچىلىرىغا ئۈلگە بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق. .. سىزنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن خەۋىرىم يوق» دېگىنىڭىز بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى ۋە پاراكەندە قىلدى.

  سىز ۋە كارخانىڭىز 2017 ‏-يىلى شەرقى تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ پاجىئەنى كۆرۈپ تۇرۇپ  سادا چىقارماسلىق ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا خىتايغا يان باسقان بولدىڭىز. رايوندىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت كۆرۈۋاتقان سىزگە ئوخشاش كارخانىچىلار رېئاللىققا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن  مۇئامىلە قىلمىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قارىتا دەرھال  ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندا 1 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقى دۇنياغا كېچىكىپ ئاشكارىلاندى. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ رېئاللىقنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدۇق؛ مېنىڭ نۆۋەتتە ئائىلە-تاۋاباتىمدىن 35 كىشى لاگېردا؛ مۇشۇ لاگېرلار مەسىلىسىنى خەۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 6 مۇخبىرىنىڭ 40تىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقىنى لاگېردا. مۇشۇ بەدەللەرنىڭ سىرتىدا  يەنە خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قېزىپ چىققان پاكىتلىرى ، جۈملىدىن 1200دىن ئارتۇق لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمرادىن تارتقان سۈرەتلىرى ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ لاگېردىن ئامان قالغان گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى نەتىجىسىدە خىتاي دائىرىلىرىمۇ، دەسلەپتە يوق دەپ ئىنكار قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەمدى ئېتىراپ قىلدى؛ ئۇنى  كەسپي تەربىيە مەكتەپلىرى دېگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىر جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. مانا مۇشۇنداق بىر پۇرسەتتە سىزنىڭ

 » مەن بىلمەيمەن» دېيىشىڭىز، بىزنىڭ خەلقئارادا لاگېرلار ھەققىدە قىلىۋاتقان داۋايىمىزنى ئىنكار قىلىش، خىتايغا چاپان يېپىش ۋە يان بېسىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. باشقىچە ئېيتسام، نۆۋەتتە  قېيىن-قىستاق، ناچار ئوزۇق ، ناچار ياتاق سەۋەبىدىن ھەر كۈنى  يۈزلەرچە كىشى جان ئۈزۈۋاتقان بۇ لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىشتۇر، شۇ لاگېرىدىكىلەرگە  ۋاسىتىلىك زىيانكەشلىك قىلىشتۇر.

 ئۆز تىجارەت مەنپەئىتىڭىزنى كۆزلەپ بولسىمۇ شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي  ۋەزىيىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلىدىغانلىقىڭىز ئېنىق ، ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە سەپ سېلىشىڭىز تەبىئىي.  چەتئەل مۇخبىرلىرىلا ئەمەس ساياھەتچىلىرىنمۇ ھەيران قالدۇرغان ۋە چۆچۈتكەن كوچىلاردىكى ساقچى كۈچلىرى ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن دۆڭكۆۋرۈككە ئوخشاش جايلاردا ئالدىنقى يىللاردىكىگە نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئازلاپ كەتكەنلىكى ، بەلكىم خىتايدىن ئېلىۋاتقان پايدىڭىزنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن كۆزىڭىزگە كۆرۈنمەي قالغاندۇ؟! ئەمما  25%نى ئىگىلەيدىغان ئۆز كارخانىڭىزنىڭ ئىشچىلىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ بىردىنلا تۆۋەنلەپ كېتىشى دىققىتىڭىزنى تارتمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ  زاۋۇتۇڭلارغا كېلىپ يىغا زارە قىلىشىمۇ سىزگە تەسىر قىلمىدىمۇ؟  بۇنداق ئىش بولمىدى دېيەلمەيسىز. چۈنكى خوڭكوڭ پوچتىسى گېزىتى بۇ يىل 11 ‏-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە، چوڭچىڭدىكى زاۋۇتۇنڭلاردىن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ  ھەيدەلگەنلىكى ۋە لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە زۆھرە ئىسىملىك ئايال زاۋۇتتىكى گېرمانلاردىن)سىزدىن( يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم سورىدى.

بىز سىزدىن خىتاي بىلەن سودىڭىزنى كېسىشنى تەلەپ قىلمايمىز، گەرچە ھەققىمىز بولسىمۇ، كۈچىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن. ئەمما سىزنىڭ ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن  ئۇ يەردىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىققا تاماشىبىن بولماسلىقىڭىزنى، شاھىت سۈپىتىدە ھەقنى سۆزلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز؛ يۇقىرىقىدەك گۇۋاھچىلىققا تارتىلغان ۋاقتىڭىزدا  تەرەپ تۇتۇپ  زۇلۇمنى يوشۇرۇشىڭىزنى ۋە خىتايغا يان بېسىشىڭىزنى ئەيىبلەيمىز.

  شەرقى تۈركىستاندىكى  1990 ‏-يىللاردىكى سابىق بىر مىليونېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر ھايات تەسىراتىمنى دىققىتىڭىزگە سۇنىمەن:  كۆپ پۇل تېپىش ، كاتتا  باي بولۇش قېيىن ئىش ئەمەس، ئەگەر ئىنسانىي ئەخلاقنى تونۇمايدىغان ئىش بولسا.

 

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*