يىغىۋېلىش لاگىرىدىىكى بىر تۇتقۇننىڭ ئاۋازى: ھايات قېلىشىمىزدىن ئۈمىد يوق

(  40- نوۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا سوز)

رابىيە قادىر

خانىملار ۋە ئەپەندىملەر:

مەن بۈگۈن ئۆزۈم سۆزلىمەيمەن، پەقەت شەرقى تۈركىستاندا ( خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا) ئىككى يىلدىن بېرى  3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم  سولۇنۇپ ياتقان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدىكى بىر تۇتقۇننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىمەن. بۇ ئايال خىتاي لاگىرلاردا يېقىندىن بۇيان يولغا قويغان ئاتالمىش » مەرھەمەت» تۈزۈمى يوىچە 19  ‏-فېۋرال كۈنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشىۋېلىش ئۈچۈن 24 سائەتلىك قويۇپ بېرىلگەن. بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلگەن؛ پۇت-قولىغا كويزا كىشەن سېلىنغان ھالەتتە ئەكىلىنگەن بۇ خانىم؛ 24 سائەتتىن كېيىن يەنە شۇ شەكىلدە لاگىرغا ئەكىتىلگەن. ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتە تۈركىيەدىكى تۇققۇنى زۇلپىقار ئەلىگە تېلىپون قىلىپ  ئۇنىڭدىن رازىلىق سورىغان   (ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالشاماقچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ) تۆۋەندىكىلەر ئەنە شۇ سۆھبەتتىن ئىككى پارچە:

ئاۋاز خاتىرىس 1 :

ئا:     ھايات قېلىشىمىزدىن  ئۈمىد يوق، پەقەت ئۈمىد يوق؛

ب : ئۇنداق دېمە.

ئا: : بۇ يەردە غۇرۇر- ھاقارەت  مەسىلىسى يوق، بۇ يەردە ھايات -مامات مەسىلىسى بار؛ بىز ئۆلۈۋاتىمىز.

ب:  سوئال- سوراق ( تەكشۈرۈش ) تۈگىدىمۇ؟

ئا: تۈگەمدۇ ئۇ سوراق؟! مۇمكىن ئەمەس! ھەرگىز تۈگىمەيدۇ. كۈندە سورايدۇ، سائەت-سائەتلەپ سورايدۇ

ب: يەنە نېمە ئىش قىلىدۇ  قېيىن-قىستاق بارمۇ ؟

ئا:ھەپتىدە 3 قېتىم ئۇرىدۇ.

ب: ھەپتىدە 3 قېتىم ئۇرىدۇ؟ بىكاردىن بىكارغىمۇ؟

جاۋاب: سوراق سورايدۇ-دە بۇ يەردە!

ئاۋاز خاتىرىسى 2

ب :   قولۇڭدىكى  نېمىنىڭ ئىزى ئۇ؟

ئا: ئۆتكەن كۈنى ساقچىلار ئۇرغانتى مېنى.

ب : نېمە بىلەن؟

ئا: پىدەي بىلەن.

ب : ئەسكەرلەرمۇ؟

ئا: ساقچىلار.

ب : ئۆگىنىش قىلىپ بولالمىدىڭ دەپ؟

ئا: خەققە ياردەم قىلدىڭ دەپ. باشقىلارغا بىر تال مومىنىمۇ بېرىشكە بولمايدۇ بۇ يەردە.

مانا بۇ گەپنى قىلغان خانىم ھازىر شەرقى تۈركىستاندىكى بىر لاگىردا، بۇ ئايال گەرچە بۇ ئاۋازنى لاگىردا ئامان قالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكى ئۈچۈنلا،بېشىغا ھەرقانداق خەۋپ-خەتەر كېلىشىگە پەرۋا قىلماي بۇ ئەھۋالنى چەتئەلگە يەتكۈزگەن. بۇ ئاۋاز بىر ئۈمىدسىزلىكنىڭ دەلىلىلا ئەمەس، سىلەرگە ئوخشاش دۇنيا سىياسىتىگە ئارىلىشىۋاتقانلاردىن كۈتىۋاتقان بىر ئۈمىدنىڭ دەىلىلى، بۇ ئاۋاز ئۆزلىرىنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن ،  سىلەردىن  ياردەم كۇتىۋاتقان، سىلەرگە يالۋۇرىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئاۋازى.  بۇ ئايالنىڭ جېنىنى ئالقىغىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ مۇشۇ ئاۋازنى يەتكۈزىشى، لاگىردىكى ۋەزىيەتنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنىڭ بىشارىتى.

ھەممىنى ئاڭلىتىپ بولالمىدىم : يەنە بۇ خانىمنىڭ گەپلىرى ئارىسىدا ئۆزى ياتقان كامىردا 6 ئايدا 29 كىشىنىڭ جەسىتى چىققانللىقى ، سوراقچىلارنىڭ ئۆزىگە » سېنى يوققا قىلىۋېتەلەيمەن، بۇ دۇنيادا ياشىمىغان قىلىپ كۆرسىتۋېتەلەيمەن،، ھىچكىم سېنىڭ ئىز-دېرىكىڭنى ئالالمايدۇ، چەتئەلدىكى تۇققىنىڭمۇ شۇنداق » دېگەن گەپلەرمۇ بار.  مەن بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ 1  ھەپتە ئۇخلىيالمىدىم؛  بۇ ئاۋازنى شۇ خانىم كۈتكەن يەرگە يەتكۈزگىنىم ئۈچۈن، بىراز راھەتمەن،  قېنى  سىلەر ئۇخلىيالامسىلەر، ۋىجدانىڭلارنى سىناپ بېقىڭلار!   دەيدىغان باشقا گېپىم يوق.

Leave a Comment

*

*