رابىيە قادىر: خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقىنى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئەمەس، ئېتنىك قىرغىنچىلىق

40- نوۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا سوز

خانىملار ۋە ئەپەندىملەر:

 

مەن بۇ يەرگە بىزدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىننى ئەركىنلىكىمىزنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى دوكلاد قىلغىلى كەلمىدىم. مەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۇتۇن مىللەت شەكلىدە  يوقاپ كېتىپ بېرۋاتقانلىقىنى دىگىلى كەلدىم. بىز يەر شارىدىن ئايرىلۋاتىمىز.

مىللىي قىرغىنچىلىق ئەسلىدە   قانلىق  بىر قىلمىش ، ئەمما خىتاي ھوكۇمىتى  بۇنى تارىختا تۇنجى قېتىم   ئۈنسىز ۋە مەخپى شەكىلدە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.

بۇگۇن شەرقى تۇركىستاننىڭ) 1،660،000 كۋادرات كلومېتىرلىق يەنى فرانسىيەدىن ئىككى ھەسسە، گېرمانىيەدىن تورت ھەسسە چوڭ زىمىننىڭ( يېزا، يايلاق ۋە بازارلېرىدا  ئۇيغۇر، قازاقلارنىڭ نوپۇسى  كۆز بىلەن كۆرۈۋالغۇدەك جەھەتتە ئازىيىپ كەتتى؛ بۇنى ئىلگىرى شەرقى تۈركىستانغا بېرىپ باققان چەتئەللىك ھېس قىلالايدۇ.  چۈنكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرى تەسىسى قىلىنغان 26 ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ ئونۋېرسىتى  ئۇنىۋېرسىت مۇدىرلېرى تاشپولات روزى، ئارسلان ئابدۇللا، نەشرىيات باشلىقى ئ‍ابدۇراخمان ئەبەي، پروفېسسور راھىلە داۋۇت، ئابدۇكېرىم راخمان، مەشھۇر يازغۇچى ، ۋە دىننى ئولىمالار قولغا ئېلىنىپ ئالدى ئولۇم جازاسى، مۇددەتسىز ۋە 10-20 يىللىق كېسىلدى،  جەمىيەتتىكى مەشھۇر ناخشىچى ۋە سازەندىلەردىن ئابدۇرېھىم ھېيت، سەنۇبەر تۇرسۇن، قاتارلىقلار قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن يىللىق كېسىلدى. باي سودىگەرلەردىن قەشقەر ۋىلايەتلىك سودىگەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجى قاتارلىق كۆپ ساندا  تىجارەتچىلەر پۇتۇن ئوي تاۋابەتلېرى بىلەن تۇرمىگە سولۇنۇپ مولۇكلېرى مۇسادىرە قىلىندى؛ قالغان ئادەتتىكى پۇقرالار مۇددىتى ئېنىقسىز ھالاەتتە لاگىرلارغا سولاندى. قولىمىزدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا، داۋام قىلىۋاتقان ئىجرائاتلارغا ۋە  ئاخباراتلاردا ئاشكارىلانغان كوچا-مەھەللە -كۆرۈنۈشلىرىگە  ئاساسەن تەخمىن قىلالايمىزكى ،   نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا 3 مىليون بىلەن 6 مىليون ئارىسىدا ئىنسان لاگىر ۋە تۈرمىدە.  خىتاينىڭ 2016- يىلىىق نوپۇس ئىستاتىسكىسىدا ئۇيغۇر نوپۇسى  12 مىليون ۋە قازاقلار 1.4 مىلليون دەپ ئېلان قىلغان؛ ئەگەر بۇ راست دېيىلسە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە قازاقلار نوپۇسىنىڭ 25%-50% ئى سولاقتا .

خىتاي  بۇنچە كۆپ كىشىنى، بىر كېچىدە بىر قارار بىلەنلا تۇتمىدى. خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى 2009 ‏-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن باشلاندى. شۇ ۋەقەدە مىڭلارچە ئىنسان ئوققا تۇتۇلغاندىن باشقا، يەنە مىڭلارچە ئىنسان ئىزدېرەكسىز يوقىتۋېتىلدى. دۇنيا خىتايدىن بۇنىڭ سورىقىنى ئالمىغاندىن كېيىن؛   ‏خىتاي 2012 -، 2013 ‏- ۋە 2014 ‏-يىللىرى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم قاتتىقزەربە دولقۇنى قوزغاپ،  خىتاي زۇلۇمىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە سولاپ بولدى) ؟ (. 2017 ‏-يىلىدىن باشلاپ يىغىلۋېلىش لاگىرىغا سولانغان ۋە كېسىلگەنلەر  خىتايغا قارشى تۇرغانلار ئەمەس، پەقەت ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ تىرىكچىلىكىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئادەتتىكى پۇقرلار؛ ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ  كېلىۋاتقان نۇر بەكرىگە ئوخشاش كىشىلەرمۇ بار.   خىتاي داىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى مۇنداق كوللىكتىپ جازالاشنى “ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش“ ، “ ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى تۇرۇش“ “ دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش“ ۋە “ كەسپىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش“ نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؛ ئەمما ھەركەتنىڭ كۆلىمى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ سانىدىن، بۇ يەردىكى ھۇجۇم نىشانىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىك ئىكەنلىكى سىر ئەمەس.

ئېچىنىشلىقى، ئەمدىكى ۋەزىيەت ،  قانچە مىليون  ئادەمنىڭ  لاگىرلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ  ھىسابىنى ئەمەس،  نەچچە مىلليون ئادەمنىڭ لاگىردا  ئولگەنلىك  ھىسابىنى ئېلىش باسقۇچىغا كەلىدى. قازاقىستاننىڭ ئارىلىشىشى بىلەن  شۇ لاگىرلاردىن  قۇتۇلدۇرۇپ ئاچىقىلغان قازاقىستان ۋەتەدىشى بولغان گۇۋاھچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە،  بۇ لاگىرلاردا  قېيىن قىستاق   سۇ زىندان ۋە تاياق-توخماق قاتارلىق كونىچە ئۇسۇلدىن باشقا ، ھەر خىل توك قالپاق، توك پەلەي، توك كالتەك ۋە توك جەكىتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا.  تۇتقۇنلار  24 سائەت رېجىم ئاستىدا ياشىماقتاج ياتاقلىرىدىمۇ ئۆزارا سۆزلىشىشتىن ۋھ ئىختىيارى ھەركەت قىلىشتىن  چەكلەنمەكتە؛  بەزى لاگىرلاردا  مەھبۇسلارنىڭ كوپلىكىدە ئادەملەر بىر باغلام چوكىدەك ئورە تۇرۇشقا، بىر-بىرىگە ئورۇن ئۆتۈنۈپ ئوچرەت بويىچە ئۇخلاشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇ خىل مۇھىتتا ئىنسان قانچىلىك ياشىيالىشى مۈمكىن؟ شۇنچە قاتتىق ئاخبارات چەكلىمىسىگە قارىماي،  لاگىرلاردىن توختىماي  ئۆلۈم خەۋەرلىرى كېلىۋاتىدۇ؛ ئومۇمى  سانى ۋە سەۋەبى ئېنىق ئەمەس.

لاگىرلارنىڭ ئەتراپىغا جەسەت ئوچاقلىرى سېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار.  نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئەگەر دائىرىلەر جەسەتنى ئائىلىسىگە قايتۇرسا، بەزى ئائىلەردە ئۇ جەسەتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇدەك ياشتا چوڭ ئادەم يوق؛ بەزى مەھەللىلەردە، ئۆرپ ئادەتلەر بويىچە ئۇزاتقۇدەك جامائەت يوق؛ خىتاي بۇ لاگىردا جان ئۈزگەنلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ؟ توپلاپ كۆيدۈرىۋاتامدۇ، توپلاپ كۆمۈۋاتامدۇ؟ توپلاپ كۆمۈۋاتقان بولسا، بۇنى ئالاملسىزلىقتىن قىلىۋاتمادۇ؟ جىنايىتىنى يوشۇرۇن ئۈچۈن قىلىۋاتامدۇ؟ دۇنيا قاچانغىچە بۇ ھېساپنى سورىمايدۇ؟ !

ئىتالىيەدىكى ”زىمىستان“ ئۇچۇر  تورى 500 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تۇرمىلىرىگە يوتكىلىپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى؛  مەزكۇر ئۇچۇرنى سۇرۇشتە قىلغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بولۇمى، ئوتكەن ھەپتە خىتاينىڭ گەنسۇ، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، سىچۈئەن ئۆلكىلىرىدىمۇ شەرقى تۇركئىستاندىن يوتكەپ كەلىنگەن مەھبۇسلار بارلىقى، ھەتتا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ھەممىلا تۈرمىسدە بارلىقىنى دەللىللىدى. ”زىمىستان“نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە،  بۇ مەھبۇس يۆتكەش،  پۈتكۈل جەمىيەتتىن، جۈملىدىن مەھبسۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن خۇپىيانە ئېلىپ بېرىلغان؛ بۇلار ھازىر ھەربىرسى  ئايرىم بىر كامىردا، ھىچقانداق بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلىنماي خۇپىيانە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ؛  نىمە ئۇچۇن بۇلار بۇ دەرىجىدە مەخپىي يوتكىلىدۇ؟ مەخپىي تۇتۇلىدۇ؟   چۈنكى  خىتاي دائىرىلىرى  نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا  شەرقى تۇركىستاندىن  يوتكەلگەن بۇ مەھبۇسلارنىڭ ئوتكەن ئىككى يىللىق لاگىر ھاياتى سەۋەبىدىن،  سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ بىر يەرگە بارغانلىقى  ، ئۇزۇن ھايات سۇرەلمەيدىغانلىقىنى ،  ئۇيغۇرلار قامالغان تۈرمىلەردە ئالدىمىزدىكى ئاي ياكى يىللاردا مىڭلاپ ، ئونمىڭلاپ جەسەتلەر پەيدا بولىدىغانلىقىنى ۋە بەلكىم پەيدا بولۇپ بولغانلىقىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ. مەنچە  خىتاي مانا مۇشۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۇچۇن، لاگىردا سالامەتلىكى ناخچارلاشقان ۋە ئولۇمگە يۇزلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئىز-دەرىكىنى يوقۇتۇش ئۇچۇنلا، خىتاي ئولكىرىگە يوتكىدى ۋە يوتكەۋاتىدۇ.

ئىلگىرى ئىجدىمائىي ئاخباراتلاردا  ئۇيغۇرلاردىن  1970،  1980، 1990 ۋە 2000-يىللاردا تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ  خەتەرلىك ئەۋلاد دەپ بېكىتكەنلىكى ۋە ئاتالمىش “ كەسپىي تەربىيەلەش“كە نىشان قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى  غۇلجا بوياندايدىكى ھەنىپە دېگەن بىر مېيىپ قىزنىڭ  1970-يىللاردا تۇغۇلغانى ئۇچۇنلا  يىغىۋېلىش لاگىرىغا  ئەكىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. دېمەك، 18 ياش بىلەن 50 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم  نىشانى ۋە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈرمە ۋە لاگىرلاردا.

شەرقى تۇركىستاندىكى لاگىردا يەتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئەلچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۇپىتىم بىلەن، شۇ 3 مىليون كىشى ئارىسىدا 35 نەپەر پەرەزەنت ، نەۋرە تۇققانلىرى بار بىر ئانا بولۇش سۇپىتىم بىلەن  ،  مەن خەلقارا جامائەتىنى خىتاينىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى يىغىۋېلىش  لاگىرلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ مىللىي قىرغىنچىلىق جانىيىتىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنى بۇ جىنايەتتىن دەرھال توسۇشقا چاقىرىمەن.

 

 

 

Leave a Comment

*

*