رابىيە قادىر: خىتاي لاگىردا ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان قالغان 29 تۇتقۇننىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرسۇن

خىتاي تەرەپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەنقىدىدىن كېيىنلا، ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ھايات ياكى مامات ئىكەنلىكى، ھايات بولسا نەدە ئىكەنلىكى ۋە قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ھېرىسنمەنلىرىلا ئەمەس، ئائىلە-تاۋاباتىمۇ بىلمەي كەلگەن ئىدى. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، پۈتۈن تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىپمۇ بۇ ھەقتە  مەلۇمات ئالالمىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن ئابدۇرەھىم ھېيت ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ كەلگەن ئىدۇق. ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ تۈركىيەدىكى تۈرك دوستى بۇنيامىن ئەپەندىمۇ، بىزگە ئوخشاشلا ئەندىشە قىلغانلاردىن بولسا كېرەك؛ ئۇقەشقەردىكى ئەڭ ئىشەنچلىك كىشىلەر  بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.  شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە ئىنساندارچىلىق ۋە تۇغقاندارچىلىق نۇقتىسىدىن جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن ۋە لاگېردىكى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى  بىلىشكە تەقەززا بولغان بىر قىسىم تۈرك ئاخباراتى بۇ ئۇچۇرلارنى ، ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى- بۇنيامىن ئەپەندىنى مەنبە قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەگەر بۇ خەۋەردە خاتالىق بار دېيىلسە ) يەنى خىتاي تارقاتقان ۋىدىيودا بىر ساختىلىق يوق دەپ قارالسا( ، بۇ خاتالىقنىڭ مەسئۇلىيىتى كىمدە؟  دوستىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالمىغان بۇنيامىندىمۇ ياكى، ئابدۇرەھىم ھېيتتەك مەشھۇر بىر سەنئەتكارنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى ، ئەل-جامائەتتىنلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىدنمۇ يوشۇرغان خىتاي دائىرىلىرىدىمۇ؟  شەرقى تۈركىستاندىن بىۋاسىتە ۋە تەرەپسىز ئۇچۇر ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان ئاخباراتچىلاردىمۇ ، ياكى شەرقى تۈركىستاننى دۈم كۆمتۈرۈلگەن بىر قازانغا ئايلاندۇرۇپ دۇنيادىن يوشۇرۇۋاتقان خىتاي دائىرلىرىدىمۇ؟ بۇ يەردىكى مەسئۇلىيەت، ئۇچۇر قامال قىلىشنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە 70 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، خەلقئارا بېسىمغا ئۇچرىغاندا يۇمشاقباش ( مەنپىي سوئال سورىيالمايدىغان) ئاخباراتچى ۋە دىپلولاتلارنى يىغىپ ئاپىرىپ، سۈنىيى سەھنە ھازىرلاپ، لاگېرلارنى خاتا تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتاي دائىرلىرىدىمۇ ياكى راست خەۋەرنى يازغانلىقى ئۈچۈن، چىگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىۋاتقان، ياكى چىگرادىن كىرىشىگە ۋىزا بېرىلمەيۋاتقان   ئاخباراتچىلاردىمۇ؟  ئابدۇرېھىم ھېيت ھەققىدىكى يېقىنقى ئۇچۇرلار  شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىدىكى  يەنە بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى  دۇنياغا ئاشكارىلىدى:  شەرقى تۈركىستاندا لاگېردا يېتىۋاتقان 3  مىليون ئۇيغۇرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى، ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئەڭ يامىنى بۇ ”مەكتەپ“نى قاچان پۈتتۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.  دېمەك مەشھۇر سەنئەتكار، ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈكلىكىنى بىلىش ، پەقەت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىن كېيىنلا مۇمكىن بولغان ئىكەن، تۈركىيەدە مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا “ ئاتا ئانام، قېرىنداشلىرىم، بالىلىرىم  لاگېردا، ئۇلارنىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈكلىرىنى بىلمەيۋاتىمەن“ دەپ  بەرگەن گۇۋاھلىق باياناتلىرى توغرا ، ئۇلارنىڭ تۈرك ھۆكمىتىگە يالۋۇرۇپ سورۇۋاتقان  تەلەپلىرى ھەقلىق؛ خىتاي تەرەپ ،بۇسوئاللارغىمۇجاۋاپ بېرىشىكېرەك. رەسمىي ئاخبارات ۋاستىىلىرىدىن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا لاگىرغا ئەكىتىلگەنلەردىن  25 كىشىنىڭلا گىردا ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. دېمەك بۇ خەۋەرلەرنى خىتاي تەرەپ شۇ كىشىلەرنىڭ ۋىدىيولۇق رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ رەت قىلمىغنىغا قارىغاندا،بۇ خەۋەرلەر توغرا دېگەن گەپ؛ئۇنداقتا لاگىرغا ساپمۇ-ساق ئەكىتىلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ سىرلىق ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتكە مەلۇمات بېرىشى كېرەك.

ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشى، ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىرمۇنچە نۇقتىدا بىزدە ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ.  ئېنىقكى ، ئابدۇرەھىم ھېيت، تۈركىيە مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەرلىرىگە جاۋابەن  سۆزلىتىلىگەن. “ مەن مەجبۇرلاش-زورلاشقا ئۇچۇرمىدىم“ دەۋاتىدۇ.  بۇ سوئالنى ئۇنىڭغا كىم سوراۋاتىدۇ؟ مەلۇمكى مۇخبىر ئەمەس، ساقچى خادىملىرى؛ ئۇ نەدە تۇرۇپ جاۋاب بېرىۋاتىدۇ؟ ئېنىقكى لاگېردا تۇرۇپ ؛ قانداق بىر زۆرۈرىيەت بىلەن؟ خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى ۋە ياكى تۈرك ئاخباراتىنى مات قىلىش ئۈچۈن.

بىر لاگېر ساقچىسىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرىشىچە   ”كۇرسانتلار“نىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغانلىرى،  ”جىنايەت“لىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۈستىگە ئالغانلىرى ۋە باشقىلارنىڭ جىنايىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلغانلىرىلا  ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئايدا بىر قېتىم كامىرىدا كۆرۈشتۈرۈلىدۇ.

بۇنيامىنگە ئوخشاش ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ  بىر يىلدىن بۇيان ئابدۇرەھىم ھېيتتىن ئۇچۇر ئالالماسلىقى، ئۇنىڭ لاگېردا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىمىغانلىقى، باشقىلارنى پاش قىلمىغانلىقى،  مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكى،  ھەتتا مۇشۇ سەۋەپتىن  قىيىن قىستاققا ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقىنى كورسىتىپ بېرىدۇ.

يەنە شۇ لاگېر ساقچىسىنىڭ شۇ قېتىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا دېيىشىچە  تۇتقۇنلار ئائىلىسى بىلەن كامېرىدا كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ يامان ئەھۋالىنى دېيىشكە بولمايدۇ، غەمكىن ھالەتتە گەپ قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئەگەر بۇنداق قىلسا جازاغا تارتىلىدۇ

دېمەك ، ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ “ مەن زورلاشقا ئۇچرىمىدىم“ دېگەن گېپىنىڭ ئۆزى زورلىنىشنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىسپاتى.

ئەگەر خىتاي، ئابدۇرەھىم ھېيتنى  قىيىن-قىستاققا ئۇچرىمىدى دىيىلىسە ئۇنى قويۇپ بېرىش كېرەك، خالىغان بىر دۆلەتكە ئائىلىسى بىلەن چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك.  ئەگەر لاگېرلارنى  كەسپىي تەربىيە ئورنى دېگەن گېپىگە ئىشەنسە، بىرىنچى تۈركۈمدە ئابدۇرەھىم ھېيت  ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، سەنەبەر تۇرسۇن، ئادىلجان مىجىت ، زاھىر شاھ، ئابلاجان ئايۇپ، قاتارلىق سەنەتكارلارنى، ئابدۇكېرىم راخمان ، قۇربان مامۇت،راھىلە داۋۇت  ،ئابدۇراخمان ئەبەي ، گۈلنار ئوبۇل،ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق ئالىملار-يازغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك.بۇلارنىڭ ھەممىسى كەسپىدە كامالەتكە يەتكەن ئىنسانلار؛  ھېچ بىرىنىڭ كەسپىي تەربىيەگە ئېھتىياجى يوق.

ئەگەر بۇ لاگىرلارنىڭ ئۆلۈم لاگېرىغا قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلماقچى بولسا، ھازىرغىچە ئۆلگەنلىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن 1) مۇھامماد سالىھ ھاجىم، 2) ئابدۇرەشىت سەلەيھاجىم، 3) ئايخان مەمەت، 4) كەرەم ئابدۇۋەلى، 5) قەيسەر قەيۇم، 6) ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل، 7)ئابدۇسالام مەمەت،   8) ئابدۇغاپپار ئابدۇجاپپار، 9) ياقۇبجان نامان، 10)ياسىنجان مەمەت، 11) ئابابەكرى سابىتنىياز، 12) ئابدۇرەشىت ھاجى، 13) بانۇخان روزىمەمەت، 14) ئامىنە قادىر، 15) رەھمەتۇللا شىرباقى، 16) ۋەلى مەمەت.17)تۇرسۇن ئابلەت ، 18) ئوقان ئىمام،19) نۇرىمانگۈل مەمەت، 20) ئىلھام قارى، 21) ئابلىمىت داموللام،22) ئابلەھەت مەھسۇم،23) ياسىنجان مويدىن24)ئابدۇلەھەد باققال ، 25) ھەسەن ئىمىن، 26)پەيزۇللا ئۇتۇق، 27) ساۋۇت راھمان،28)ئەخمەتجان ھەيدەر،29) خەيرىگۈل ئومەر  قاتارلىق29 ئالىم، ژورنالىست، تىجارەتچى، ئوقۇغۇچى، ئانا ۋە بالىلارنىمۇ ئاخباراتتا ۋىدىيولۇق كۆرسىتىپ باقسۇن.

ئىشىنىمىزكى،خىتاي دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ لاگىر ۋە تۈرمىدە  ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى ئەڭ ياخشىسى  لاگېرلارنى تاقاش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا كۆڭۈل بولۇۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلارنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەك؛ ئۇيغۇرلار ئۆز ئائىلە-تاۋاباتىنىڭ ئۆلۈك تىرىكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن بىر دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات بېرىشىگە موھتاج بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى دوستانە تەۋسىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلارنى دەرھال تاقىسا، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ھاياتى خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالماستىن، خىتاي دائىرىلىرى، ئۆزلىرىمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن توسۇلۇپ قالغان بولىدۇ ۋە تارىخنىڭ رەھىمسىز سورىقى ۋە جازاسىدىن ئامان قالالايدۇ.

Leave a Comment

*

*