رابىيە قادىر: مۇخبىرلار لاگېرلار ھەققىدە خىتايدىن سورىشى كېرەك بولغان 10 سوئال

خىتاي ئىككىنچى تۈركۈمدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى كۆرۈشكە دەۋەت قىلدى. خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانغا مۇخبىر دەۋەت قىلىنىشىنىڭ ئۆزى ئىجابىي بىر قەدەم، مەن خىتاينى مانا مۇشۇ قەدەمنى بېسىشقا مەجبۇرلىغان، خەلقئارا جامائەت پىكرىگە بولۇپمۇ غەرب ئاخباراتىغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئەمما بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز، كۆرۈنۈشتىكى تەكشۈرۈش ئەمەس، بەلكىم، ھەقىقىي تەكشۈرۈش.
مەلۇمكى، نازى گېرمانىيەسىمۇ، ئەينى چاغدا نازى لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشكە يول قويغان، ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنى ئالداپ يولغا سالالىغان. مەن ئوخشاش تارىخنىڭ تەكرارلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى تەكشۈرگۈچىلەرنى ئۆزلىرى خالىغان ئورۇننى، خالىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىش قۇدرىتى ۋە ئىمكانىغا ئىگە، ئەمما لاگېرلاردا سولىنىپ ياتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ لاگېر سىرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، مەھەللە كويلىرى، لاگېرنىڭ ئىچى ئەمەس، لاگېرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىنمۇ ئېغىز ئېچىش ئىمكانىغا ئىگە ئەمەس. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بىر رەھبىرى، بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ئەنە شۇ لاگېرىدىكىلەر نامىدىن مۇخبىرلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا تەرەپسىز ۋە ئوبيېكتىپ بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن.
مېنىڭچە بۇلار بۇ تەكشۈرۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىيالىسا ھەقىقىي بىر ئاخباراتچى سالاھىيىتى بىلەن بارغان بولىدۇ؛ ئەگەر بۇ سوئاللارنى سورىماي، خىتاينىڭ كۆرسەتكەن لاگېرنى كۆرۈپ، خىتاي سۆزلەتكەن كىشىلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنى ئەينەن خەۋەر قىلسا، بۇ بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەمەس، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلاش گۇرۇپپىسى بولغان بولىدۇ.

تەييارلىغان سوئاللىرىمنىڭ، خىتاي ئۆزى تەشكىللىگەن بۇ گۇرۇپپىدىكى مۇخبىرلار تەرىپىدىن قانچىلىك ئەتىۋارغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن؛ ئەمما، بۈگۈن يەر شارىدا يۈز بېرىۋاتقان، بىر ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانى ۋە گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىتايدىن سورىلىشقا تېگىشلىك سوئاللارنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈشنى تارىخىي بىر ۋەزىپەم دەپ قارايمەن:

1. سۈنىيى ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن بايقالغان لاگىرلارنىڭ ئورنى ۋە سانى ھەققىدىكى مەلۇماتلار توغرىمۇ؟ بۇ ئورۇنلار نېمە ئورۇنلار؟ شەرقى تۈركىستاندىكى لاگىرلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەم سانى قانچە؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ساننى تا بۈگۈنگە قەدەر ئاشكارىلمايسىلەر؟
2 لاگېرلار ھەققىدە ئاشكارىلانغان قۇرۇلۇش توختاملىرىدىكى مەلۇماتلار توغرىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ مەكتەپلەر، ئېگىز سىم تىكەنلىك تاملار بىلەن قورشىلىدۇ؟ 24 سائەت قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ؟
3.ئىككى يىلدىن بېرى سولىنىپ ياتقان بۇ كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى قانداق؟ بولۇپمۇ سولانغان ئېغىر بوي ئاياللار، كېسەللەر ۋە ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ئىككى يىلدىن بېرى لاگېردا جان ئۈزگەنلەرنىڭ سانى قانچە؟ ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتى قانداق بىر تەرەپ قىلىندى؟ ئائىلىسىگە بېرىلدىمۇ؟ مىللىي ئۆرپ ئادەتلەر بويىچە دەپنە قىلىنىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، لاگېردا ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتى كۆيدۈرىلىۋاتىدۇ دېگەن گەپ توغرىمۇ؟
4. ئاخباراتتا ئاشكارىلانغان، خوتەندىكى بىر مەكتەپكە 1200 كويزا ۋە توك كالتەك سېتىۋالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر توغرىمۇ؟ بۇ ئەسۋابلار كىملەرگە قانداق ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدۇ؟
5. ئەگەر بىر كەسپى تەربىيە مەكتىپى بولسا، نېمە ئۈچۈن، بۇ «مەكتەپ»تىكىلەر ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمايدۇ،ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشنىڭ بۇ «مەكتەپ»تىكى «ئوقۇش»قا قانداق دەخلىسى بار؟
6. «بۇ مەكتەپتە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىكنى تازىلاۋاتىمىز » دەۋاتىسىلەر، بۇ دەرسلەرنى دىنىي زاتلار ئەمەس، كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئەدلىيە كادىرلىرى ئۆتەۋاتقانلىقى توغرىمۇ؟ بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنىي مەلۇماتى يېتەرلىكمۇ؟ خەۋەرلەردە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى گۈلنار ئوبۇلنىڭ ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى ، سىياسىي ھۆججەت بىلەن تۈگەتكىلى بولمايدۇ،قورال بىلەن تۈزەتكىنى بولمايدۇ دېگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى توغرىمۇ؟ ؟
7. مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىچىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە كەسپىي تەربىيە بېرىۋاتقىنىڭلارنى دېدىڭلار، ئۇنداقتا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقى تۈركىستاندا ئارىلاپ يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، كىشىلەرنىڭ كەسپىي تېخنىكىسى يېتەرسىز بولغانلىقى يەنى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن يۈز بەرگەنمۇ؟
8. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇت، پۇتبولچى ئىرفان ھەزىم، ناخشچى ئابلاجان ئاۋۇت، شاىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق ھەر ساھەدىكى چولپانلارنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار، بۇ توغرىمۇ؟ بۇلار قايسى خىل كەسپىي تەربىيە ئېلىۋاتىدۇ؟
9. لاگىرلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندە ، ئوتكەن 24 ئايدا، بىرمۇ زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، مۇقىملىق ساقلانغان ئىككى يىل بولدى دېدىڭلار؛ ئەمما ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، «ئوتكەن 24 ئايدا، ساقچىلارغا قارشى بىرمۇ زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىگىنى راست، ئەمما ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەر كۈنى، ھەر سائەت ھەممە يەردە ساقچى زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى، ھەر بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىردىن كىشى سەۋەبسىز ھالدا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۇتۇپ كېتىلدى، ئوتكەن 24 ئايدا ساقچى زوراۋانلىقىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا يولۇقمىغان بىرمۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى قالمىدى» دەۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا جاۋابىڭلار نېمە؟
10. لاگېرلار ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ۋە ئەڭ كوپ خەۋەر بەرگەن ئورۇن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى، ئۇنىڭ خەۋەرلىرىدە لاگىردىكىلەرنىڭ دەرستىن سىرت ۋاقتىدىمۇ ئۆزئارا سۆزلىشىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، ياتاقتىن سىنىپقا قوراللىق يالاپ ئېلىپ چىقىلىدىغانلىقى ، تاماقتىن ئاۋۋال شىجىنپىنغا ۋە كومپارتىيىگە مەدھىيە ئوقۇلىدىغانلىقى يېزىلدى، ۋە سىلەر بىزگە كۆرسەتكەن بۇ ئورۇنلاردا بۇنداق مەنزىرىلەر يوق، بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى،سىلەرنىڭ بۇ كۆرسەتكىنىڭلارنى لاگېرنىڭ ئۆزى ئەمەس، ياسالغان سەھنە دەۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئوزىمىز خالىغان بىر لاگېرنى كۆرۈشىمىزگە رۇخسەت بېرەمسىلەر؟
بۇ سوئاللارغا خىتاينىڭ جاۋاب بەرمەيدىغانلىقى ۋە بېرەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ھەتتا مۇشۇ سوئالنى سورىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ مۇخبىردىن ئىنتىقام ئېلىشى مۇمكىن؛ ئەمما ھەقىقەتنىڭ، ئادالەتنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ ئەلچىلىرى بولغان ئاخباراتچىلار چوقۇم بۇ سوئاللاردىن بىرنى بولسىمۇ سوراشقا جۈرئەت قىلالايدۇ دەپ قارايمەن ۋە شۇنى ئۈمىد قىلىمەن.

Leave a Comment

*

*