رابىيە قادىر: نەنسي پېلوسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسلىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن

تەجرىبىلىك دۆلەت ئەربابى نەنسي پېلوسى خانىمنىڭ ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا رەئىسلىكىگە سايلىنىشى، مېنىڭچە ئامېرىكا ئىچىدىلا ئەمەس، خەلقئارا جامائەتتىمۇ، جۈملىدىن دۇنيادىكى مەھكۇم مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ، بەلگىلىك ئۈمىد ۋە ھاياجان پەيدا قىلدى. مەن ئەنە شۇ ئۈمىدلەنگەن مىللەتلەردىن بىرى-ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىمەن.
نەنسي پېلوسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىسمەن خىزمەتتىن توختاشتەك، بىر ئىچكى كرىزىس مەزگىلىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان- بىر ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندا 1200دىن ئارتۇق يىغىۋېلىش لاگېرى تەسىس قىلىپ 3مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى تەھدىت ئاستىغا چۈشكەن بىر مەزگىلدە ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالدى. نەنسي پېلوسىنىڭ تۈنۈگۈنكى نۇتقىدا، سابىق پرېزىدېنت رونالدا رېگاننىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندى ئېلىپ، ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى لىدېرلىك رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىشى مېنى تېخىمۇ ئۈمىدلەندۈردى.مېنىڭچە ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتنى دۇنيانىڭ مەنپەئەتنى دېمەكتۇر. چۈنكى دۇنيادا ئامېرىكا تىك تۇرسا، دۇنيا سىياسىتىدە ئامېرىكا باش رولچىلىقىنى داۋام قىلسا، دۇنيادا دىكتاتورلارغا سورۇن كىچىكلەيدۇ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھەيۋىسى سۇنىدۇ. دۇنيادا تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭلا ئەمەس، خىتايغا ئوخشاش تېررورچى دۆلەتلەرنىڭمۇ دۇنياغا ھاكىم بولۇش چۈشى مەغلۇپ بولىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى يەر شارىدىن يوقىتىپ، بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانىنى تەز ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق دىكتاتورىلىق ۋە پارىخورلۇقنى دۇنياغا يېيىش قەستى، ئامېرىكانىڭ نەنسي پېلوسىغا ئوخشاش تەجرىبىلىك، دونالد ترامپقا ئوخشاش كەسكىن تەدبىرلىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقى بىلەن توسۇپ قېلىنىدۇ. شۇڭا مەن نەنسي پېلوسىنىڭ بۇ ۋەزىپىگە قايتىدىن چىقىشىنى ۋە ئالدىمىزدا شەكىللەنگۈسى دونالد ترامپ – نەنسي پېلوسى( دېموكىرات ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر) ھەمكارلىقىنى، يالغۇز ئامېرىكا ئۈچۈنلا ئەمەس، خەلقئارا جامائەت ئۈچۈنمۇ بىر پۇرسەت دەپ قارايمەن ، نەنسي پېلوسىنى چىن يۈرىكىمدىن تەبرىكلەيمەن.

نەنسي پېلوسى ھازىرغا قەدەر سىياسىي ھاياتىدا، خىتاينىڭ ھەيۋىسىگە پەرۋا قىلماي، تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلغان، ساخاروۋ مۇكاپاتى ساھىبى خۇجىئانى يالغۇز قويمىغان، خوڭكوڭ دېموكىراتچىلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىغىمۇ ئوچۇق مەيدانىنى ئىپادىلىگەن، گەرچە ئۇ بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغان، بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ھەق ئادالەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، شۇنداقلا خەلقئارا كۈچ تەڭپۇڭلۇقى مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكى سەۋەبلىك ، چوقۇم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىدۇ، نۆۋەتتىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمەن.
رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*