رابىيە قادىر : ھىندونوزىيە خەلقىگە تەشەككۈر ۋە خىتاي ئەلچىخانا باياناتىغا ئىككى ئېغىز سۆز

شەرقى تۈركىستاندىكى يىغۋېلىش لاگىرلىرىدا جان تالىشىپ تۇرغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئەمەس، ئۈنىنى سىرتىغا چىقىرىشىغىمۇ يول قويۇلمايۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىغا ۋاكلاىتەن، 21 ‏-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ يىغۈىۋېلىش لاگىرلىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ھىندونوزىيە خەلقىغە رەھمەت ئېيتىمەن؛ شۇنداقلا ئۆز خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا سېلىنغان ھەقسىزلىققا قارىتا ئېغىزى بىلەن بولسىمۇ قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان ھىندونېزىيە ئۆلىمالا بىرلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. لاگېرلار مەسىلىسى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن غەرب ئاخباراتى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلىرى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتى، بولۇپمۇ ئىسلام ب د ت دىكى مۇسلۇمات دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيىسى، بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ۋە خىتاينى جاسارەتلەندۈرگەن ئىدى. سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋازىڭلار ۋە مەيدانىڭلار، ئىسلام ئالىمىنىڭ يەنىلا ئويغاقلىقىنى، بىر-بىرىگە ئىگە چىقىدىغانلىقىنى، ئۆز قېرىنداشلىرىغا سېلىنغان زۇلۇمغا تاماشىبىن بولۇپ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، ھېچ بولمىدى دېگەندە خىتايغا ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ئۆز تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، بۈگۈنكى دۇنيادا ھېچ بىر مىللەت دۇچ كەلمىگەن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان شەرقى تۈركىستان خەلقى سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى بۇ قېرىنداشلارچە ئاۋازىڭلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.

ھىندونېزىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا كىشىلەرنىڭ كەسپىي تەلىم ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەگەر بۇ راستىنىلا مەكتەپ بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇلار كەچلىرى ئۆيگە قايتۇرۇلامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ » مەكتەپلەر» سىم تىكەنلىك تاملار بىلەن قورشىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن «ئوقۇغۇچىلار»نىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئەكىتىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ مەكتەپلەرگە 1500 كويزا، توك كالتەك سېتىۋېلىنىدۇ؟ بۇلار ياخشى كۈتۈلۈۋاتقان بولسا، نېمە ئۈچۈن 65 كىلوگرام ئېغىرلىقتا ئەكىرىپ كېتىلگەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جېلىلا بىر يىلدىن كېيىن 45 كىلوگرام ئېغىرلىققا چۈشۈپ قالىدۇ. نېمە ئۈچۈن گۇۋاھچى مېھرىگۈل تۇرسۇن ياتقان كامىرىدا 3 ئاينىڭ ئىچىدە 67 كىشىدىن 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ؟ مېنىڭچە خىتاينىڭ بۇ جازا لاگېرلىرىنى تەپ تارتماي كەسپىي مەكتەپ دېيىشىنىڭ ئۆزى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە قىلىنغان ھاقارەت.
ئەلچىخانا باياناتىدا، بۇنىڭ بىر جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنى يوشۇرالماپتۇ؛ ئۈرۈمچى ۋە كۈنمىڭلاردا بۇرۇن ۋەقە چىققانلىقى ئۈچۈن، بۇ لاگېرلاردا رادىكاللىقنى تۈگىتىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. رېئاللىق شۇ يېقىنقى يىللاردا شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ ئىچى سىرتىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسى؛ خىتاي ئەنە شۇ ۋەقەلىكلەرنى باھانە قىلىپ 2017 ‏-يىلىدىن ئاۋۋال، 500مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى سوتسىز ھالدا جازالاپ بولغان؛ 2017 ‏-يىلدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ شۇ ۋەقە سادىر قىلغۇچلار بىلەن بىر قان، بىر دىندا بولۇپ قالغىنىدىن باشقا گۇناھى يوق. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتقان ئاددىي پۇقرالار ۋە ئاز بىر قىسمى ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىيات سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان زىيالار، ۋە يەنە بىر قىسىم جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دىنىي زاتلار ۋە تىجارەتچىلەر. خىتاي ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ مىللىي قىرغىنچىلىقنى، » كەسپىي تەربىيە» دەپ دۇنيانى ئالداۋاتىدۇ، ھىندونېزىيە خەلقىنىمۇ ئالدىماقچى بولۇۋاتىدۇ.
ئەلچىخانا باياناتىدا يەنە، شەرقى تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ دۆلەت تىلىنى بىلمەيدىغانلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ قانۇننى ياخشى بىلمەيدىغانلىقى ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى شۇڭا ئۇلارغا دۆلەت تىلى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنداق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ 80%دىن ئارتۇقى خىتايچە بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن، خىتاينىڭ تولۇق مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان ۋاقتى 70يىلدىن ئارتۇق ئەمەس. شۇنداق ئۇيغۇرلار خىتايچە ئۆگىنىشكە قىزىقمايدۇ؛ چۈنكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا كۆپ زۇلۇم كۆردى، بۇ ھاكىمىيەتكە ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدۇ؛ بۇ ھاكىمىيەتكە تەۋە ھەرقانداق نەرسىگە قىزىقمايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي تىلىغا قىزىقماسلىقى ۋە بىلمەسلىكى جىنايەت ئەمەس.
رېئاللىق شۇ: خىتاي بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ خىتاي چۈشىنى- دۇنياغا خوجا بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ پىلانىغا ئۆزلىرى بىلەن قىلچىمۇ قان ۋە دىن ئورتاقلىقى بولمىغان ۋە تارىختىن بۇيان ئەپ ئۆتەلمىگەن شەرقى تۈركىستان خەلقىنى دۈشمەن دەپ قاراۋاتىدۇ ۋە خەلقنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن، بۇ خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىنى تىرىك تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىسلام ئەقىدىسىنى يوقىتىۋېتىش كويىدا بولۇۋاتىدۇ. خىتاي نۆۋەتتە كۈچلەنگەن مەزگىلىنى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنى پۇرسەت بىلىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۈن-تۈنسىز يوقىتىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مەن ھىندونېزىيەدىكى قېرىنداشلىرىمنى ئىسلام دۇنياسىدىكى بۇ باشلامچىلىق رولى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ياردەملىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىمەن.

ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم

Leave a Comment

*

*