جېئورج H بۇشنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە

دۇنيادا ئادالەتنى ياقىلاپ كەلگەن، ئىنسان ھەقلىرىنى ئۈستۈن بىلگەن ھەرقانداق دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشى، مېنىڭ قەلبىمنى ئازاپلايدۇ، ئامېرىكانىڭ 41-پرېزىدېنتى، جىئورج H بۇشنىڭ ئۆلۈمى مېنى ۋە مەن بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى. جىئورج بۇش ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنياغا ئاساسەن بىلىنگەن-خىتاي شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى خۇددى يېپىق قازانغا ئوخشاشلا دۇنيادىن سىر تۇتۇپ كەلگەچكە، ئۇنىغا ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر مەيدانىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بولمىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئوغلى 43-پرېزىدېنتى جىئورج W بوش ۋە بۇشنىڭ مەزگىلى ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكادا نىسبەتەن كوپ كۆڭۈل بۆلۈنگەن، ئەمەلىي ئىشلار قىلىنغان بىر دەۋر بولۇپ قالدى. خىتاينىڭ گۇانتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىپ تەلىپىنىڭ رەت قىلىىشى، مېنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ ئامېرىكىغا ئەكىلىنىشىم مانا بۇنىڭ مىساللىرى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ، بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا يەنە بىر بالداق كۈچەيتتى، بۇ چاغدا جىئورج W بوش ئاشكارا ھالدا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تېررورىزىم قارشى ھەرىكەتنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا باھانە قىلىۋېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئامېرىكانىڭ ئۆزى مۇسىبەتتىكى مەزگىلدىمۇ مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ دەردىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىدەك، قىممەتلىك بىر خىسلىتىنى نامايان قىلدى. شۇڭا ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار بوز ئائىلىسىگە كەلگەن بۇ مۇسىبەتتىن ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاشلا قايغۇرىدۇ.
مەن بوز ئائىلىسىگە، ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن، سەۋر تىلەيمەن، خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*