بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى مەمەتجان ئابلىز بۆرىيارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكى تۇتقۇنلار ئىچىدە مەزكۇر نەشرىياتنىڭ ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى مەمەتجان ئابلىز بۆرىيارنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭ «بۆرىيار» دېگەن تەخەللۇسى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىرى مەمەتجان ئابلىز بۆرىيار ئوقۇپ تەكشۈرگەن 100 دىن ئارتۇق كىتابتا «مەسىلە» چىققانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن 14 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە رادىيوغا كەلگەن ئىنكاستا مەزكۇر نەشرىياتنىڭ ئوقۇپ تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مەمەتجان ئابلىز بۆرىيارنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى يېزىلغان.

ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەمەتجان ئابلىز بۆرىيار 1958‏-يىلى ئۈستۈن ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1983‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، 1986‏-يىلىنىڭ يىل ئاخىرىغا قەدەر شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1987‏-يىلى بىرىنچى ئايدىن بۇ يىل تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا تەھرىر ۋە مۇدىر بولۇپ خىزمەت قىلغان.

ئىنكاستا مەمەتجان ئابلىز بۆرىيارنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى يېزىلغان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ قوغداش خادىمى مەمەتجان ئابلىز بۆرىيارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما دېلوسىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەۋە بولغان بولغان دوڭخۇ(شەرقىي كۆل) ساقچىخانىسىنىڭ خادىمىمۇ مەمەتجان ئابلىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان.

يەنە، ئىنكاستا مەمەتجان ئابلىز تەكشۈرۈپ ئىمزا قويغان 100 دىن ئارتۇق كىتابتىن «مەسىلە» چىققانلىقى، شۇڭا ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ سوتقا تاپشۇرۇلغانلىقى يېزىلغان. قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭ «بۆرىيار» دېگەن تەخەللۇسىنىڭمۇ دائىرىلەردە «بۆلگۈنچىلىك» گۇمانى قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قەشقەردىكى ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى مەمەتجان ئابلىزنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا پېنسىيەگە ئىلتىماس سۇنغانلىقى، ئەمما قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن بايقالغان «مەسىلىلىك كىتابلار» ئارىسىدا ئۇنىڭمۇ جاۋابكارلىقى بار كىتابلار بولغانلىقى ئۈچۈن پېنسىيە ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىپ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە بىر ئاينىڭ ئالدىدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەمەتجان ئابلىز بۆرىيار ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنى قېزىش ۋە رەتلەش بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، «ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى» ناملىق 4 توملۇق كىتابى نەشر قىلىنغان. ئۇ يەنە «ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى»، «ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى ۋە تېپىشماقلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ يەنە «سىرلىق ئاخشام» ناملىق بىر نەسرلەر توپلىمىمۇ نەشر قىلىنغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان يازغۇچى ۋە تەھرىرلەرنىڭ قايسى كىتابىدىن «مەسىلە» چىققانلىقىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەمەتجان ئابلىز بۆرىيارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتە يىغىۋېلىش لاگېرىدا ياكى قاماقخانىدا (تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا) ئىكەنلىكى تېخى جەزملەشمىگەن. مەمەتجان ئابلىز بۆرىيارنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۇ تەھرىرلىگەن ۋە تەستىقلىغان كىتابلاردىن باشقا يەنە ئۇ ئۆزى يازغان كىتابلارنىڭمۇ سەۋەب بولغان ياكى بولمىغانلىقى تېخى ئايدىڭ ئەمەس ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*