رابىيە قادىر: قەدىمىڭلار بىز ئۈچۈن بىر ئىلھام، خىتاينىڭ دۇنيانى ھاقارىتىگە بىر جاۋاب

    ( ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇرغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا ئوچۇق مەكتۇپ)

ھۆرمەتلىك ماركو رۇبىئو ئەپەندىم يېتەكچىلىكىدىكى مەجلىسى ئەزالىرى:
تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ، تەرىپىڭلاردىن ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى يەنى شەرقى تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ تەقدىرىنىڭ ، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ دېموكراتىك بىر دۆلىتىنىڭ مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى- بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بەردى،بولۇپمۇ بۇ ئىشنىڭ ب دت دا 6-نويابىر ئېچىلغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزىتىش يىغىنىدا، كوپ سانلىق دۆلەتلەر، بولۇپمۇ دىنىي قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى، قان قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىپ بىزنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بىزگە پەۋقۇلئاددە كۈچ بەردى. ئەلۋەتتە بۇ لايىھىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ، ئىجراغا قويۇلۇشى ۋە لاگىرلارنىڭ تاقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى بەلگىلىك بىر جەريان. ئەمما، مىللىتىمىز، تارىخىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ قورقۇنچلۇق كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، مۇشۇ كۈنلەردە، باسقان بۇ قەدىمىڭلار، تەسىرى سىلەر كۈتكەندىنمۇ زور ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم. شۇڭا، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن ئىبارەت بۇ خەتەرلىك مۇئەسسەسىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە زەخمەت چېكىۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە تاشقى دۇنيادىن 4 كۆزى بىلەن ياردەم كۈتۈۋاتقان شەرقى تۈركىستان خەلقى نامىدىن بۇ قەدىمىڭلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
نۆۋەتتە خىتاي، ئاشكارىلىنىپ بولغان شۇنچە كوپ پاكىتلار، شاھىتلار، سۇنىيى ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەر، ئاشكارىلىنىپ قالغان ھۆججەتلىرىگە قارىماي، ،ھېچ ئەيمەنمەستىن، قىلچە خىجىل بولماستىن، يەنىلا، 21-ئەسىردىكى بۇ زور قاتىللىق قورالى-يىغىۋېلىش لاگېرىنى، كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا جامائەتنى ئادەملەر بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئاپىرىلىدىغان، ياتىقىدىن دەرسخانىغا قوراللىق يالاپ ئېلىپ مېڭىلىدىغان، ياتاقلىرىدا ئۆزئارا سۆزلىشىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىغان،كويزا ۋە توك كالتەكلەر مىڭلاپ -ئونمىڭلاپ سېتىۋەلىنىۋاتقان ، تەھدىت ۋە قېيىن قىستاق بىلەن باشقا بىر ئىدىيە ۋە كىملىكنى سىڭدۈرىدىغان بىر ئورۇننى كەسپىي تەربىيە مەكتىپى دەپ ئىشىنىشكە ئۈندەۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ، بىر نۇقتىدىن خەلقئارا جامائەتىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە، ۋە ۋىجدانىغا قىلىنغان ھاقارەت.
سىلەر، بۇ لايىھەڭلار ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئەنە شۇ ھاقارىتىگە جاۋاب قايتۇردۇڭلار، ئىشىنىمەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي كۆزقاراش ۋە مەيدانلىرىنى، چارىسىز خىتاي خەلقىگە تاڭالىغىنى بىلەن، ئىقتىسادىي موھتاجلىقى بار ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى ئالدىيالىغىنى بىلەن، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئۈچۈن، دىنىي پرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلىشتىن يانمايدىغان ئەرەب دىكتاتورلىرىنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈلىگىنى بىلەن، ئىنساندارچلىقنى ھەر ۋاقىت ئۈستۈن بىلىدىغان غەرب دۆلەتلىرىنى ئالدىغىنى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدۇڭلار.

خىتاي نۆۋەتتە ئوز مەتبۇئاتلىرىدا، 6-نويابىر ب دت يىغىنىدا، كوپ سانلىق دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنى «قوللىغان»لىقىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق، خىتاي ئىچىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، دۇنيا جامائىتىنىڭ ، بىر مىليون ئىنساننى لاگېرغا سولىۋېلىپ خورلاشتەك ئاشكارا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە سۇكات قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى چارىسىز خەلقلەرنى، روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ قەدىمىڭلار، خىتايدىكى ئەنە شۇ ساختا تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ،، بىزدىن باشقا يەنە زۇلۇم چېكىۋاتقان تىبەت ۋە موڭغۇللارغا ۋە خىتاي خەلقىگىمۇ، دۇنيانىڭ ئادالىتىدىن ئۈمىد بەرگۈسى .
بۇ قەدىمىڭلار ، جۈملىدىن، لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇرۇشى- ، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ دۇنياغا خوجا بولىمەن دەۋاتقان كۈچنىڭ قانداق بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى بالدۇرراق تونۇۋېلىشى ، خىتاي دۇنياغا يايماقچى بولغان تەرتىپ-ئىنتىزامنىڭ(international order) قانداق ۋەھىمىلىك بىر تەرتىپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىغا ۋەسىلە بولغۇسى.
ئۇيغۇر مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*