رابىيە قادىر : خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقان 20 مىليون خەلق كىملەر؟ قانداق ئىنسانلار؟

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار كېڭىشىدە 28 ‏-سىنتەبىر كۈنى قىلغان سۆزىدە  » شىنجاڭ»دا )  بېسىۋېلىنغان زىمىن شەرقى تۈركىستاندا(  ياشاۋاتقان

20 مىليون ئىنساننىڭ   خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىجرائاتلىرىدىن يەنى 3  مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى لاگىرغا سولىۋېلىشىدىن رازى ئىكەنلىكى ۋە ئىككى يىلدىن بېرى خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدىhttps://www.cfr.org/event/conversation-wang-yi.

  بۇ بىر قىسمى  مەنتىقسىز ۋە بىر قىسمى   قورقۇنۇچلۇق ، يەنە بىر قىسمى  تارىخىي ئەەتكە ئىگە بىر  بايانات. شۇڭا مەن خەلقاارا جامائەتنى ، بولۇپمۇ خىتاي زىيالىلىرىنى بۇ باياناتقا دىققەت قىلىشقا چاقىرىمەن.

    ۋاڭيى بۇ باياتىدا ئۆز ئىجرائاتلىرىنى ئاقلاش ۋە ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئاتالمىش » غەلبىسى»نى – تېرورلۇق ۋەقەسى چىقمىغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق، شەرقى تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ 20 مىليون ئىنساننىڭ ۋەزىيەتتىن رازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق،  يىغىۋېلىش لاگىرىدىكى كىشىلەر سانىنىڭ 3  مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ سان ئەينى ۋاقىتتا كىشىلىك ۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان شەرقى تۈركىستاندا بىر – بىر يېرىم مىليوىن ئىنساننىڭ يېپىق لاگىردا، 2 مىليوىنغا يېقىن ئىنساننىڭ ئوچۇق لاگىردا ئىكەنلىكى ەققىدىكى مەلۇماتىنىڭمۇ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. چۈنكى  خىتاينىڭ 2017 ‏-يىللىق نوپۇس ئىستاتىسكىسىدا » شىنجاڭ» نوپۇسىنىڭ 24 مىليون 467 مىڭ ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغانhttps://baike.baidu.com/item/%E6%96%B0%E7%96%86/132263?fromtitle=%E6%96%B0%E7%96%86%E7%BB%B4%E5%90%BE%E5%B0%94%E8%87%AA%E6%B2%BB%E5%8C%BA&fromid=906636.بۇ،  لاگىرلار قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاينىڭ ئەڭ بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ لاگىرلار مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى  خەلقئاارا سەە تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىشىدۇر. مەن بۇ نۇقتىدىن ۋاڭ يىنىڭ سەۋمىيىيىتى ۋە جاسارىتىنى تەبىرلەيمەن.

   ئەمما باياناتنىڭ مەنتىقسىز قىسمى، ئۇ » شىنجاڭ»دا لاگىر سىرتىدا ياشاۋاتقان 20 مىليون ئىنساننىڭ، يەنى   بۇ نوپۇسنىڭ ئىچىدىكى يەرلىك ەرنىڭمۇ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. خىتاينىڭ ئوزىنىڭ ئىستاتىسكىسى بويىچە ئېيتقاندا رايوندا ئۇيغۇر نوپۇسى 11 مىليون، ۋاڭيى ئېتىراپ قىلغىنى)  بولمىدى دېگەندە رەت قىلمىغىنى(  بويىچە 3 مىليون ئىنسان لاگىردا  بولغان ئىكەن، لاگىر سىرتىدىكى 8 مىليون كىشى ئەنە شۇ لاگىردىكى 3 مىليون كىشىنىڭ بىۋاستە تۇققانلىرى دېگەن گەپ. نوپۇسىنىڭ تۆتتەن بىر قىسمى تۈرمىگە تاشلانغان بىر مىللەت، تەركىۋىدىن ئاز دېگەندە بىردىن ئەزاسى تۈرمىدە بولغان بىر ئائىلە،  پارچىلانغان ئائىلىلەردىن تۈزۈلگەن بىر جەمىيەت قانداقمۇ خاتىرجەم بىر جەمىيەت ېساپلانسۇن؟   

   دېمەككى  ۋاڭ يىنىڭ دەۋاتقىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرى يىغىۋېلىش لاگىرىدا بىردىن بىر مىللەت خەنزۇلار بولسا كېرەك. راستىنلا خىتاي خەلقى نۆۋەتتە  3 مىليون ئارتۇق ئۇيغۇرلارنمىڭ يېپىق ۋە ئوچۇق لاگىردا ئىكەنلىكىدىن مەمنۇنمىدۇر. مەن شەرقى تۈركىستاندا چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر كىشىلىك ۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن، ۋاڭ يىنىڭ پىكرىنىڭ ئەكسىنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن. خىيتاي خەلقى ەرگىز قوشنىلىرى، خىزمەتداشلىرى، مەەللە كويلىرى، شەەرداشلىرى ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتسە، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى يىغلاپ قاخشاپ يۈرسە، ئۇنىڭدىن خاتىرجەملىك ېس قىلىدىغان ۋىجدانسىز ئىنسانلار ئەمەس. خىتاي ۆكۈمىتى پەيدا قىلغان مۇقىمسىزلىق ئۈچۈن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ جازالىنىشىنى توغرا كۆرىدىغان ئىنساپسىز خەلق ئەمەس، بىر تۈركۈم ئىنسانلار پەيدا قىلغان زوراۋانلىق ئۈچۈن پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ جازالىنىشى راۋا كۆرىدىغان ئەقىلسىز ئىنسانلار ئەمەس. ۋاڭى بۇ باياناتى ئارقىلىق، خىتاي كومپارتىيەسى سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتكە شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كۆمەنلىرىنىمۇ شېرىك قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ؛ بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ەم خىتاي خەلقى ەم دۇنيا جامائىتى ئالدىدا ئاقلىماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ شى جىنپىڭ  مۇستەەمەلش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانخورلۇقىنى خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ.

  شۇنداق، شەرقى تۈركىستاندا  3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگىردا يېتىشىدىن خاتىرجەملىك ېس قىلىۋاتقانلار، خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقانلار بار، بۇلار يىللاردىن بېرى  شەرقى تۈركىستاندىكى ەتنى چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ۋە مەڭگۈ قولىدىن بەرگۈسى كەلمەيۋاتقان  ئەمەلدارلار،  شڭەرقى تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى ۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ بۇلاپ-تالاۋاتقان بايلار، شەرقۇ تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنىنى ئاقتۇرىۋاتقان زووراۋان قوراللىق كۈچلەر، ەرگىز 20 مىليون خەلق ئەمەس، ەرگىز خىتاي خەلقى ئەمەس. شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي خەلقىمۇ ۆكۈمەت تەرەپتىن قايمۇاقتۇرۇپ، ئالداپ، بەزىلىرىنى زورلاپ ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارمى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكىگە ئوخشاشلا، ئۆز باشلىقلىرىنى سايلاش، ئۆز پىكرىنى بايان قىلىش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ۇقىدىن مەۇم. ئۇلارمۇ شەرقى يتۈركىستان خەلقىنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان دۇنيا تارىخىدا  بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كەلمىگەن زۇلۇمنى باشتىن كۈچۈرىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ، قەلبىدە ېسداشلىق قىلىدۇ. ئەگەر بۈگۈن  شەرقى تۈركىستان دۇنيانىڭ زۇلۇم ئەڭ ئېغىر يەر تۇرۇپ يەنە زوراانلىق شەكلىدىكى قارشىلىق ەركەتلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جايغا ئايلانمىغان بولسا، شەرقى تۈركىستان خەلقى  بۇ زۇلۇمغا خىتاي خەلقىنى شېرىك دەپ قارىمىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

  

ۋاڭ يىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىن 20 مىليون خەلق جۇملىدىن ، خىتاي خەلقى مەمنۇن دېگەن بۇ باياناتى قورقۇنۇچلۇق بىر بىر بايانات، خىتاي ۆكۈمىتى بىلەن شەرقى تۈركىستان خەلقى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدكى زىددىيەتكە يۆنلەندۈرۈشتەك كۈشكۈرتۈش رولىغا ئىگە بىر باياناتتۇر. مەن خەلقاارا جامائەتنى خىتاينىڭ باياناتىدىكى مۇنداق لوگىكىا قىلتاقلىرىغا ئالدانماسلىققا ۋە خىتاي خەلقىنىمۇ، جۈملىدىن ئەركىن پىكىر ئىمكانىغا  بولغان چەتئەلدىكى خىتاي زىيالىرىنى، مۇنداق ە-نەيرەڭلەرگە سۈكۈت قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.    

Leave a Comment

*

*