لاگېر ساقچىسى: «ئوقۇغۇچىلار 24 سائەت كۆزىتىلىدۇ، سىنىپ ۋە ياتاقتا ئۆزئارا سۆزلىشىشكە رۇخسەت يوق»

 

ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان «تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن مەكتەپ. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، قەشقەر.

ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان «تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن مەكتەپ. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، قەشقەر.

مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر توققۇزاقتىكى بىر ساقچى خادىمى ئۆزى 10 ئاي ۋەزىپە ئۆتىگەن توققۇزاق بىرىنچى «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ تۈزۈمى، لاگېرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئاتالمىش «ئوقۇغۇچى» لارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ لاگېردىكىلەرنىڭ چۈشتىن بۇرۇن ۋە كىيىن 4 سائەتتىن دەرس ئاڭلايدىغانلىقى، 4 سائەتلىك دەرستە ئوقۇتقۇچى ئالمىشىدىغانلىقى، ئەمما ئاتالمىش «ئوقۇغۇچى» لارنىڭ تەنەپپۇس قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ يەنە لاگېردىكىلەرنىڭ سىنىپ ۋە ياتاقتا ئۆز-ئارا سۆزلىشىشىگە رۇخسەت يوقلۇقى ۋە سۆزلەشكەنلەرنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سوئال: سىزنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىگە ئادەم ئاپارغان ۋاقتىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: بار، مەنمۇ شۇ يەردە 10 ئاي ۋەزىپە ئۆتىگەن.

سوئال: تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتىدىڭىزمۇ ياكى بېرىپ- كېلىپمۇ؟
جاۋاب: ئىچىدە.

سوئال: قايسى تەربىيەلەش مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتىدىڭىز؟
جاۋاب: توققۇزاق ناھىيەلىك 1-تەربىيەلەش مەركىزىدە.

سوئال: ئورنى قەيەردىتى؟
جاۋاب: ئوپالغا يېقىن يەردە، ساسلىقنىڭ ئۈستىدە.

سوئال: شۇ مەركەزدە قانچە بىنا بارتى؟
جاۋاب: مەن بار چاغدا 3 ئى بارتى، ھازىر بىنا 7 گە كۆپەيدى.

سوئال: سىز قايسى بىنادا ۋەزىپە ئۆتىگەن؟
جاۋاب: ب بىنادا.

سوئال: بىر بىنادا قانچىلىك ئوقۇغۇچى بارتى؟
جاۋاب: ھەر بىر بىنا 5 قەۋەتلىك، بىرىنچى قەۋىتى ئىشخانا، قالغان 4 قەۋىتىدە ئوقۇغۇچىلار بار

سوئال: ھەر بىر قەۋەتتە قانچىلىك ئوقۇغۇچى بار؟
جاۋاب: مەن ۋەزىپە ئۆتىگەن 2-قەۋەتتە 16 ياتاق، 4 سىنىپ، ئىككى يىغىن زالى، بىر ساقچىلار ياتىقى، بىر كادىرلار ياتىقى بار.

سوئال: بىر قەۋەتتە قانچىدىن ساقچى بار؟
جاۋاب: ئىككى رەسمىي ساقچى، 10 ياردەمچى ساقچى.

سوئال: ھەر بىر ياتاقتا 10-20 دىن ئادەم بار دېدىڭىز، شۇنداق بولغاندا ھەر بىر قەۋەتتە 200 چە ئوقۇغۇچى، ھەر بىر بىنادا 1000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى 50 چە ساقچى بار دېگەن گەپ؟
جاۋاب: شۇنداق، مەن ئىشلىگەن چاغدا مەن ئىشلىگەن مەكتەپتە 234 ساقچى بارتى.

سوئال: ئۇنداقتا شۇ مەكتەپتە ھازىر 7000 چە ئوقۇغۇچى بار دېگەن گەپ؟
جاۋاب: ھەئە.

سوئال: دەرس قانچە سائەت ئۆتىلىدۇ؟
جاۋاب: چۈشكىچە 4 سائەت چۈشتىن كېيىن 4 سائەت؛ چۈشكىچە دۆلەت تىلى ۋە قانۇن ئۆگىنىدۇ؛ چۈشتىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

سوئال: بۇ 4 سائەت دەرس ئارىلىقىدا تەنەپپۇس قىلامدۇ؟
جاۋاب: ياق، ئوقۇغۇچىلار تەنەپپۇس قىلمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلار سائىتىگە بىر ئالمىشىدۇ.

سوئال: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنامدۇ؟
جاۋاب: ياق، رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

سوئال: سىنىپتىمۇ، ياتاقتىمۇ گەپ قىلىشىشقا رۇخسەت يوقمۇ؟
جاۋاب: يوق. گەپ قىلىشىشسا جازالىنىدۇ؟

سوئال : جازاسى قانداق؟
سوئال: گەپ قىلىشسا چاقىرتىپ ئاچىقىپ ئىككىسىنى ئايرىم -ئايرىم سوراق قىلىمىز، ئەگەر بىزگە قارشى گەپ قىلمىغان بولسا، يامان پىلانلارنى تۈزمىگەن بولسا، قايتا سۆزلەشمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىمىز؛ خىلاپلىق قىلسا بۇ يەردە تۇرىدىغان ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىمىز.

سوئال: ئۆزئارا گەپ قىلىشالماسلىق سەۋەبىدىن پسىخىك جەھەتتىن بىر مەسىلە كۆرۈلگەن ئەھۋال بولدىمۇ؟
جاۋاب: مەن ئىشلىگەن چاغدا بولمىدى. ئۆزئارا يەرگە قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلىشىۋالغانلار بار، كېيىن بايقاپ قېلىپ بۇنىڭغا يول قويمىدۇق.

سوئال: بوش ئارىلىقلاردا ئۆزئارا گەپ قىلىشىۋالىدىغان ئەھۋال يوقمۇ؟
جاۋاب: يوق، ھەر ياتاقتا 2دىن كامېرا بار، 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرىمىز.

سوئال: ئۇلارنىڭ سىنىپتا ۋە ياتاقتا ئولتۇرۇپ- قوپۇشىغا قويۇلىدىغان بىر تەلەپ ياكى ئۆلچىمىڭلار بارمۇ؟
جاۋاب: بار. سىنىپتا ئولتۇرغاندا ئىككى قولىنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئولتۇرىدۇ؛ ياتاقتا ئولتۇرغاندا ئالقىنىنى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ.

سوئال: ئەگەر ئۇقۇشماي قوللىرىنى يانچۇقىغا سېلىپ قالسا قانداق قىلىسىلەر؟
جاۋاب: يېرىم سائەت ياتىقىدا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويىمىز.

مەنبە: RFA

Leave a Comment

*

*