پارىژدا «شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى» قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى

«شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» 1- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى چاقىردى. «شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى» قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدا، 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە 15 تەشكىلاتتىن كەلگەن 200 دەك ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، 28- سىنتەبىردىن 30- سىنتەبىرغىچە فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەكىللەر يىغىنىدا، «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى» قۇرۇلغان. يىغىندا، مەزكۇر تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ رەئىسلىرى ۋە ئەزالىرى سايلاپ چىقىلغان.

«شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى»نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 28- سىنتەبىر باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن تەشكىلات ۋە پارتىيە ۋەكىللىرى، مۇستەقىل پائالىيەتىچلەردىن بولۇپ 200 دەك كىشى قاتناشقان. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، سۆز قىلغان.

42812722_10217289134277841_2640919903627902976_n

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى» ئوقۇلغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىدىكى تۇتقۇنلار ۋە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان قۇربانلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىنغان.

يىغىندا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» رەسمىي قۇرۇلغان. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپى بىلەن، يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە «شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى» قۇرۇلۇپ، مەجلىس رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلغان.

سېيىت تۈمتۈرك كۆپ سانلىقنىڭ كىشىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ۋە ئاۋاز بېرىشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى»نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەتتە كىشىلىك مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى بىلەن توققۇز كىشىلىك مەجلىس كابىنىتى سايلاپ چىقىلغان.

 

«شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى»

مەجلىس رەئىسى: سېيىت تۈمتۈرك – تۈركىيە

مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى:

1. رابىيە قادىر – شەرقىي تۈركىستان

2. تۇرسۇن ھاجم – قازاقىستان

3. يەھيا كەرىم – نورۋېگىيە

4. قۇربان ۋەلى – ئامېرىكا

5. ئۈمىت ئاگاھى – گىرمانىيە

6. مەمتىمىن ئەلا – ئاۋسترالىيە

7. نۇرى مۇساباي – ئامېرىكا

«شەرقىي تۈركىستان مەجلسىى ئىچكى كابىنىتى»

1. تۇرمۇھەممەت ھاشىم – ياپونىيە

2. ئالىمجان مەمەت – گىرمانىيە

3. قۇربان ئارىف – نورۋىگىيە

4. قۇربان نىزامىدىن – نورۋىگىيە

5. گۈلمىرە زۇنۇن – ئاۋسترالىيە

6. سادىقجان سەلەي – گوللاندىيە

7. ئابدۇلمالىك ۋاسىلوۋ – قازاقىستان

8. رىسالەت ئارىپوۋا – بىلگىيە

9. ئابدۇشۈكۈر سامساق – شۋېتسىيە

42796988_2283568448595962_8108250157167935488_n

29- سىنتەبىر، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ۋە باشقا پائالىيەتچىلەر فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالى ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

 Turkistantimes دىن ئىلىندى.

Leave a Comment

*

*