ھۆرمەتلىك سەپدىشىمىز جاكك چۇرچۋارد ئەپەندىگە تەۋسىيە

ھۆرمەتلىك
جاكك چۇرچۋارد ئەپەندى، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تاقاش ھەققىدە باشلىغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىڭىزھەممىمىزنى سويۇندۇردى، شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا ئەڭ ئېغىر كۇن چۈشكەن مۇشۇ مەزگىلدە يەنە بىر قېتىم سەپنىڭ ئالدىغا چىققانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە ھۆرمىتىم ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

سىزمۇ خەۋەر تاپقىنىڭىزدەك، مۇراجىئەتنامىڭىزدە ۋەتىنىمىز نامىنىڭ «شىنجاڭ»، خەلقىمىزنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئېلىنىشى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن توغرا كۆرۈلمىدى، ھەتتا بەزىلىرىمىزدە نارازىلىق كۆرۇلدى. ئەلۋەتتە ، سىزنىڭ شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىڭىز ۋە شەرقى تۇركىستان خەلقىنى ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارىمايدىغانلىقىڭىزغا گۇمانىمىز يوق، سىزنى شەرقى تۇركىستان مۇستەقىللىق كۇرىشىدىكى پىشقەدەم ۋە سادىق سەپدىشىمىز دەپ بىلىمىز؛ سىزنىڭ پەقەت ئارتۇقچە ئىزاھاتلاردىن ساقلىنىش، ئىمزا سانىنى ئاشۇرۇش ۋە تېزلەشتۇرۇش ئۇچۇنلا نۆۋەتتە رەسمىيماتىرياللاردا بىلىنگەن ئاتالغۇنىقوللانغانلىقىڭىزنىمۇ ئېنىق چۇشۇنىمىز.
مەن بۇ پۇرسەتتە سىزنىڭ، بۇ مەسىلىدە قارشى پىكىردىكىلەرنى توغرا چۈشۈنىشىڭىز ۋە بۇ ئىمزا پائالىيىتىنى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇقيېتەكلىشىمىز ئۇچۈن تۆۋەندىكىچە ئىزاھات ۋە تەلىۋىمنى بېرىپ ئوتىمەن.
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر قوشۇنى، 15-20 يىل بۇرۇنقىدىن سان جەھەتتىنمۇ ، ساپا جەھەتتىنمۇ كوپ ئۇستۇن،ئوزىگە يۇقۇرى تەلەپ قويىدۇ، بىر مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتقىنىدا ئىككىنچى بىر مەسىلىنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىدۇ، ۋە شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرىنىڭ بىردىن بىر ئاچقۇچى بولغان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ داۋامىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرقانداق بىر خاتالىقتىن، مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن, ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ.
لاگىرلار مەسىلىسى شەرقى تۇركىستان مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي بىر پارچىسى ،ئەمما ھەممىسى ئەمەس،لاگىرلار تاقالغاندىن كېيىنمۇ باسىدىغان كوپ قەدەم ، ئاشىدىغان كوپ داۋانلار بار؛ شۇنداق بولغىنى ئۇچۈن قېرىنداشلىرىمىز، خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىش مەنىسىگە كەلگەن بۇ «شىنجاڭ» ۋە «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەن ئاتالغۇ يېزىلغان بىرمۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشنى ئەقلىي ۋە ھىسسىي جەھەتتىن قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ. پائالىيەتچىرىمىزدىكى بۇ سەزگۈرلۈك يىللار ۋە دەۋرلەر بويى ئەلىپ بېرىلغان كۇرەش تارىخىمىزنىڭ تەجرىبە -ساۋاقلىرىغا ئاساسەن شەكىللەنگەن.
ئۇزۇن يىللىق سەپدىشىمىز بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، مۇشۇنچىلىك بىر قىسقا ئىزاھاتتىن كېيىن، ،پائالىيەتچىلەرىمىزدىكى بۇ سەزگۇرلۇكنى توغرا چۇشۇنىشىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
شۇڭا مەن سىزنىڭ مەزكۇر مۇراجىئەتنامىدىكى شۇ ئاتالغۇلارنى تۇزۇتۇپ قايتا چىقىرىشىڭىزنى ؛ ئەگەر بۇنداق قىلىشىڭتېخنىكا جەھەتتىن مۇمكىنچىلىكى

يوق بولىدىغان ئىش بولسا، شۇ مۇراجىئەتنامىدىكى ئاتالغۇ خاتالىقىغا قىسقا بىر ئىزاھات ياكى بايانات بېرىپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن
( بو مۇراجىئەتنامىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن ئاتالغىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ ئالدىغا شەرقى تۈركىستان دېگەن ئاتالغۇنى قېتىش , ھىچ بولمىغاندا شىنجاڭ دېگەن ئاتالغۇنى قوش پەش ئىچىگە ئېلىشمۇ بىر تۇزىتىش بولالايدۇ دەپ قارايمەن )
ھۆرمەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*