بەگاللىق ۋە ھىندىستانلىق مۇسۇلمان قەرىنداشلارغا ئوچۇق خەت

ھورمەتلىك، بەگاللىق ۋە ھىندىستانلىق مۇسۇلمان قەرىنداشلىرىم،
13- ۋە 14-كۇنى خەلقىمىزگە ھەسدھاشلىق ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۇرۇپ ئوتكۇزگەن نامايىشىڭلار، شەرقى تۇركىستان ئىچى-سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتكە مەلھەم بولدى. بىز،مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ بىر مىليون قەرىندىشىمىزنى لاگىرغا سولىۋەلىشىدىن ھەيران قالمىدۇق، چۇنكى خىتاينىڭ خەلقىمىزنى مىللەت سۇپىتىدە يوق قىلىۋەتىش ۋە بۇ گوھەر زىمىنىمىز ئەبەدىي ئوزىنىڭ قىلىۋەلىش مەقسىتى بىزگە سىر ئەمەس ئىدى، ئۇ ۋەتىنىمىزنى تولۇق ئىشغال قىلىۋالغان 1949-يىلىدىن باشلاپ بىزگە ئايان ئىدى ۋە ئۇ مەقسىتىنى ئوخشىمىغان شەكىللىرىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قەتىمقى لاگىر جازاسى شۇ يوقۇتۇش مەقسىتىنىڭ يالىڭاچ ۋە تەققاززالىق بىلەن ئىجرا قىلىنىشىدىن ئىبارەت ، خالاس. بىزنى ئۇمىدسىزلەندۇرگىنى مانا مۇشۇنداق بىر ۋەھشىي ئىجرائاتقا دۇنيانىڭ سۇكۇت قىلىشى ئىدى. بولۇپمۇ لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كەيىنمۇ دىنىي قەرىنداشلىرىمىز بولغان ئىسلام ئەللىرىدىن بىر سادا چىقماسلىقى ئىدى.
مەن بۇ يىلنىڭ بەشىدا بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋەلىش لاگىرىغا سولۇۋەلىنغانلىقى ھەققىدە غەرپ دولەتلىرى ۋە ئىسلام ئەللىرى بولۇپ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىتى بولغان ۋە تەسىر كورسىتىش ئەھتىمالى بولغان 52 دولەت پارلامەنتىغا دوكىلات ۋە تەلەپ سۇندۇم، تەلىپىم خىتاينىجازالش يولى بىلەن لاگىرلارنى تاقىتىش، بۇنىنغا كۇچى يەتمىسە، خىتايغا بۇ قىلمىشىنىڭ ئوزلىرى ئۇچۇن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى سەمىگە سەلىش، بۇنىڭغىمۇ بولمىسا، 21-ئەسىردە داۋام قىلىۋاتقان بۇنداق بىر ئىجرائاتنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۇرۇپ قويۇش ئىدى. ھازىرغا قەدەر ئامەرىكا دولەت مەجىلىسى ۋە ياۋروپا پارلامەنتىدىن جىدىي ۋە يەتەرلىك بولمىسىمۇ ئىنكاس چىقتى،ئەمما بىرمۇ ئىسلام دولىتى ياكى تەشكىلاتدىن بىر ئەغىز نارازىلىق بايانى چىقمىغان ئىدى، ھەتتا ئىسلام دولەتلىردىكى ئاخبارات ۋاستىرىلىمۇ بىزگە كەلگەندە گاس ۋە گاچىغا ئايلانغان ئىدى.
غەرپ دولەت ۋە تەشكىلاتلىرىغا دەردىمىزنى ئاڭلىتىۋاتقان چاغلىرىمىزدا » ئىسلام ئەللىرى نىمە ئۇچۇن ساداسىنى چىقارمايدۇ ؟» دەسە، زۇۋانىمىز تۇتۇلۇپ كەلىۋاتقان ئىدى.
بەڭال ۋە ھىندىستاندا مىڭلارچە قەرىندىشىمىزنىڭ بىز ئۇچۇن سەپ بولۇپ كوچىلارغا چىققىنىنى كورگىنىمىزدە يۇرىكىمىز يايرىدى، يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى ھەس قىلدۇق؛ ئىسلام ئالىمىدە ھەقسىزلىققە قولىنىڭ كۇچى يەتمىسە، ئەغىزى ، ئەغىزىنىڭ كۇچى يەتمىسە قەلبى بىلەنقارشى تۇرۇشتەك ئەخلاقنىڭ تەخى يوقالمىغانلىقىغا شاھىد بولدۇق، نامرات دولەتنىڭ پۇقرالىرى بولسىمۇ خىتايدىن ئوز دولەتلىرىگە كەلىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە كوز تىكمىگەنلىكىگە، ئىماندىن ئىبارەت چەكسىز ۋە ئالىي بايلىقنىڭ پۇل ۋە قورالدىن ئىبارەت ماددىي بايلىقتىن ئۇستۇن كەلگەنلىكىنىڭ بىر سەھنىسىنى كورگەندەك بولدۇق. ئاللاھنىڭ مەن زالىملارنىڭ ئەمەس، مەزلۇمنىڭ يەنىدا ئىكەنلىگىنىڭ بىر دەلىلىنى كورگەندەك بولدۇق.
بۇگۇن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگىردا، پۇتۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بولۇنۇكلۇك، ئائىلە ئەزالىرى بىر يەرىم يىلدىن بۇيان بىر بىرىنى كورەلمەي، بىر-بىرىنىڭ ھالىنى بىلەلمەي ھەسرەتتە. خەلقىمىز 68 يىلدىن بۇيان مۇشۇنىنغا ئوخشىغان زۇلۇمنى پەقەت ۋە پەقەت ئىماندىن ئىبارەت تەڭداشسىز قورالىغا تايىنىپ تۇرۇپ يەڭىپ كەلدى. شۇڭا خىتاي خەلقىمىزنى يوق قىلىش ئۇچۇن، خەلقىمىزنىڭ شۇ بىردىن بىر ۋە كۇچلۇك قورالى بولغان ئىمانىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، خىتاي ئوچۇق ھالدا دەۋاتقىنىدەك، تەربىيەلەپ ئوزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇسۇلمانلىرىنى خىتاي مىللىتىگە ئوزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىمىز ، بىزنىڭ تاللىشىمىز ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، شۇڭا خىتاينىڭ بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزگە قارىتا «ئوزگەرتىش» ئەلىپ بارماقچى بولىشى، مەڭۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇئى. بىز يوقالمايدىغانلىقىمىزغا ئاخىرەتكە قەدەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بولۇپ بۇ يەر شارىدا ياشايىدغانىقىمىزغا ئىشىنىمىز ۋە مۇشۇنىڭ ئۇچۇن قىلىۋاتقان كۇرىشىمىزنى داۋام قىلىمىز، بۇ سەپىرىمىزدە ، قەرىنداشلىرىمىزدىن -سىلەردىن كۇتىدىغىنىمىز پەقەت ۋە پەقەت زالىمغا يانتاياق بولماسلىق، بىزگە ، خۇددى مۇشۇ نامايىشتا بولغىنىدەك ئەغىزىڭلار بىلەن ۋە قەلبىڭلار بىلەن ھەمدەم بولۇش.

بۇ نامايىشىڭلا بىزنىڭ قەلبىمىزگە مەلھەم بولۇپلا قالماي يەنە، ئىسلام ئالىمىدىكى قەرىنداشلىرىمىزنىڭ ، بۇگۇن شەرقى تۇركىستاندا بىر مىليون مۇسۇلمان قەرىندىشىنىڭ لاگىردا سولۇنۇپ يەتىۋاتقانلىقىنى ئىزدىنىپ بىلىۋەلىشىغا، ئىسلام ئالىمىدىكى سىياسەت ئەربابلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئوزلىرىنى ۋىجدانەن بىر سوراققا تارتىشىغا تۇرتكە بولغۇسى، بۇ نامايشىڭلار يەنە ئاسىيا دولەتلىرىنىڭ، ئۇيغۇر لاگىرلار مەسىلىسىنى بىلىۋەلىغا ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۇگۇن ئۇيغۇرغا سوزۇلغان بۇ قولنىڭ بىر يول بىر بەلباغ پلانى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە ئوزلىرىگىمۇ سوزۇلىدىغانلىقىنى بالدۇرراق تونۇپ يەتىشىگە ۋەسىلە بولۇپ قالغۇسى. قەرىنداشلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن! سىلەرنى مۇشۇ سەپكە تەشكىللىگەن تەشكىلات ۋە يەتەكچىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئوڭ قىلسۇن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*