رابىيە قادىر : پۈتۈن خەلقىمنىڭ رامازان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، مانا بۈگۈن بىز، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ۋە 12 ئاينىڭ سۇلتانى ھىساپلانغان مۇبارەك رامازان ئەيىنى ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە كۈتىۋالدۇق، ئۇشبۇ مۇبارەك رامازان ئەيىنىڭ يەتىپ كەلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رامزان ئېيىنى يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمەن ۋە خەلقىمىزگە جانابى ئاللاھتىن ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، ئامانلىق، بەخت – سائادەت تىلەيمەن !

ئۇشبۇ مۇبارەك كۈندە، شەرقىي تۈركىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان ئەزىز شېھىدلىرىمىزگە بولغان ئالى ھۆرمىتىمىزنى ۋە چەكسىز سەغىنىشىمىزنى قايتا – قايتا ئىژار قىلىمىز، ئەزىز قۇربانلىرىمىزنىڭ ئايىلە – تاۋاباتلىرىغا بەخت ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن !

ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇستەبىت ۋە فاشىست تۈسنى ئالغان دۆلەت تېررورى قاپلىدى، قانلىق كۆز ياش ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دات – پەريادلىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى لەرزىگە سالدى، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن » دۈشمەن مىللەت» دەپ قارىلىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسى بويىچە خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ ۋە ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا، خورلىشىغا، تۇتقۇن قىلىشىغا، قىينىشىغا ۋە ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قۇيۇپ بېرىلدى، يەنە شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش «دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» دېگەن ساختا شوئار ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئومۇمىي يۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلدى، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقى، تەلۋىلىكى ۋە نىجىسلىقى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشىمۇ چەكلەندى، مەسچىتلەردە ئوقۇلىدىغان ئەزاننى، خۇتبىنى، ئايەتلەرنى ۋە ھەتتا نامازدىن كېيىن قىلىنىدىغان دۇئالارنىمۇ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، خەلقىمىزنى مۇشتۇمزورلۇق بىلەن مۇستەبىت كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيەتكە مەدھىيە ئوقۇغىلى سالدى …

قىسقىسى، زوراۋان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سېلىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىنى ۋە مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزغا قىلىۋاتقان ھاقارەتلىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس !

ئەزىز قېرىنداشلىرىم، ھەر قېتىم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شاتلىققا چۆمدۈرگەن مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ئاي – كۈنلەر يېتىپ كەلگىنىدە، ۋەتەن ئىچىدە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان مىليونلىغان خەلقىمىز، خىتاينىڭ ۋەھشىي زىندانلىرىدا جان تالىشىۋاتقان سانسىزلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز، جازا لاگېرلىرىدا قىيىن – قىستاققا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىز، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە سەرسان – سەرگەردان بولۇپ خورلۇق ئىچىدە ئىڭراپ يۈرگەن بىچارە ئوغۇل – قىزلىرىمىز، مۇستەبىت ۋە زالىم خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەزىز ۋەتىنىنى تېرىك ئەتىپ قېچىپ چىقىپ چەتئەل تۈرمىلىرىدە يورۇقلۇق ۋە ئەركىنلىككە تەشنا بولۇپ ئازاب چېكىپ ياتقان بىگۇناھ مۇساپىلىرىمىز، يەنە شۇنداقلا ۋەتەنسىزلىك دەردىدىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغان ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – يارەنلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن چەكسىز ئازابلىنىمىز !

خۇددى سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ بىرەر كۈنىمۇ خاتىرجەملىك ۋە شاتلىق ئىچىدە ئۆتۈپ باققىنى يوق، خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى قانلىق ياش تۆكۈش ۋە مۇسىبەت ئىچىدە ھەسرەتلىنىش بىلەن ئۆتتى، ئادالەتسىزلىككە قارشى ھەقنى سۆزلىگەننىڭ تىلى كېسىلدى، چىدىغۇسىز زۇلۇمغا قارشى ئىسيان بايرىقى كۆتۈرۈپ چىققاننىڭ بەشى كېسىلدى، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ناماز قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا < مەن مۇسۇلمان> دېگۈچىلەرمۇ خىتاي جاللاتلىرىنىڭ ئالدىدا بىر گۇناھكارغا ئايلىنىپ قالدى !

دىنسىز، شەپقەتسىز، زالىم كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقىمىزنىڭ ھەر قېتىملىق مۇبارەك رامزان ئېيىنى ئازاب – ئوقۇبەت ۋە زۇلۇمغا تولغان جەھەننەم ئېيىغا ئايلاندۇردى !

دېمەك، ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر بىز جاسارەت ۋە كۈرەش بىلەن ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى ۋە ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەش ھوقۇقىمىزنى قولىمىزغا ئالمايدىكەنمىز، بىزگە ئەبەدىيەت تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بەخت – سائادەت يوق ! يەنە شۇنداقلا ئاللاھ ئالدىدىكى مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئازادىلىك ئىچىدە ئادا قىلىشتىنمۇ مەڭگۈ سۆز ئاچالمايمىز !

شۇڭا ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مانا بۇ ئۇلۇغ ئاي ۋە ئۇلۇغ كۈنلەردە، ھەر بىر ئىبادىتىمىزدە ئاللاھتىن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق ۋە خەلقىمىزگە ھۆرلۈك تىلەيلى !

ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەركىنلىكى يولىدا قۇربان بولغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا فاتىھە ئوقۇيلى، ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا سەبىر تىلەيلى، ھەر قېتىملىق ئىپتارىمىزدا ۋە تەراۋىھ نامازلىرىمىزدا جانابى ئاللاھتىن خىتاينىڭ زىندانلىرىدا ئازاب – ئوقۇبەت چېكىۋاتقان سانسىزلىغان باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىشنى تىلەپ دۇئا قىلايلى، كۆز ياشلىرىمىز ھەر زامان ۋەتەن ئىچىدىكى مېھرىبان خەلقىمىزنىڭ قانلىق كۆز ياشلىرى بىلەن بىرگە بولسۇن !

مانا بۇ مۇبارەك ئاينى خۇددى ئاللانىڭ بۇيرۇغىنىدەك خەيرى – ساخاۋەت، دىيانەت، ئېھسان، شەپقەت، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە سۆيگۈ ئېيىغا ئايلاندۇرايلى !

ئۇشبۇ مۇبارەك كۈنلەردە، تايلاند ۋە باشقا ئەللەرنىڭ تۈرمىلىرىدە ۋە لاگېرلىرىدا ئازاب – ئوقۇبەت چېكىۋاتقان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە بولغان تەشنالىقىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلىپ ياتقان جەسۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن كۈچ – قۇۋۋەت ۋە نۇسرەت تىلەيلى، ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى بىر ئىنسانىي، مىللىي، دىنىي ۋە ۋىجدانى بۇرچىمىز دەپ بىلەيلى !

ھەممىمىز ئىلگىرىكى ئۆزئارا ئاداۋەت، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى تامامەن كاللىمىزدىن ساقىت قىلىپ، ۋەتەن ئىچىدە زۇلۇم ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن مىللىي كۈرەش يولىمىزدا بىرلىكتە ئىلگىرىلەيلى !

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىز بۇ مۇبارەك ئاي – كۈنلەردە ھەر زامان ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بىلەن بىر تەن، بىر ۋۇجۇد ۋە بىر نەپەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاق بولايلى، چەتئەلنىڭ راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشىغا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، ۋەتەن ئىچىدە ئاچ – يالىڭاچلىق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى شەرەپ ۋە مەجبۇرىيەت دەپ بىلەيلى !

شۇنىڭغا‘غا ئىشەنچىم كامىلكى، ھەممىگە قادىر ئاللاھىم بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىمگىمۇ ھامان بىر كۈنى ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ۋە بەخت – سائادەت ئىچىدە ياشايدىغان خاسىيەتلىك كۈنلەرنى نېسىپ قىلغۇسى !
پۈتۈن خەلقىمنىڭ رامزان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن !

ئېھتىرام بىلەن:

رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*