لانتوس فوندى جەمئىيتى:بىز ھەگىز توختىمايمىز!

لانتوس فوندى  جەمئىيتى:بىز ھەگىز توختىمايمىز!

ئامېرىكا توم لانتوس ئنسانى ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى جەمئىيتى رەئىسى كاترىنا لەنتوس سېۋىت

تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇرىئان 

ىز بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق ،چۈنكى يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسى ئنسانى ھوقۇقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن  ناھايتى ئىغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا.


توم لانتوس فوندى جەمئىيتى: بىز ھەگىز توختىمايمىز!

بىز بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق ،چۈنكى يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسى ئنسانى ھوقۇقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن

ناھايتى ئىغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا.

بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز،تاراتقۇلىرىمىز،سياسى رەھبەرلىرىمىز ۋە ھەممىمىزنىڭ ئورنىمىزدىن دەس تۇرىدىغان،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا چاقىرىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى،800مىڭدىن بىر مىلىيونغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ  يېغىۋىلىنىپ، ئاتالمىش <<قايتا تەربىيە>>لاگىرلىرىغا سولانغانلىقىغا ئائىت  ئشەنچلىك خەۋەرلەر بار.بۇ سانلار بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا  قامالغان نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلماقتا.

بۇ قەدەر كۆپ ساندىكى بىگۇناھ،تىچلىق سۆيەر شەخسلەرنىڭ قاماققا ئىلىنىشى شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ش ت -ت )دىكى كىشنىڭ چوڭقۇر ئەندىشسنى قوزغاۋاتقان ،كۈنسايىن يامانلىششۋاتقان ئاساسى ھوقۇق مەسللىرىنىڭ  بىر قسمىدىن ئىبارەت.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يەرگە قامالغانلارنىڭ قېين-قستاققا ئىلىنش،ھەممە نەرسدىن مەھرۇم قالدۇرلۇش ،ھەتتا مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن قوغدىلىپ،ئىگىز تاملار ۋە سملار بىلەن قورشالغان بۇ لاگىرلارغا قامالغان كىشلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر بار.

قاماقتا ئۆلۈپ كەتكەنلەردىن بىرى خەلقنىڭ ھۈرمىتى ۋە ئىززىتىگە ئېرىشكەن دىنى ئالىم مۇھەممەد سالىھتۇر.مۇھەممەد سالىھ ئۆلۈپ كېتىشتىن قېرىق كۈن بۇرۇن قېزى بىلەن قاماققا تۇتۇلغان.بىز مۇھەممەد سالىھنىڭ يېغىۋىلىش لاگىرلىرىنىڭ بىرىدە ياكى جۇڭگونىڭ بىرەر مەخپى تۈرمىسنڭ قايسسدا ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيمىز،بىراق جۇڭگونىڭ ئۇنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى،قانداق ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ جەسدىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا بىرىشنى رەت قىلىشى بىزگە بىلمەكچى بولغان ھەممە نەرسنى دەپ بىرىدۇ.

جۇڭگونىڭ زور ساندىكى ئاممىنى قانۇنسز قاماققا ئىلىش قىلمىشىدا ئالاھىدە ھەددىدىن ئاشقان يەنە بىر تەرىپى-ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان تەسر كۈچى بار ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى نشانغا ئىلىشتۇر.

خەلقئارادا تونۇلغان پائالىيەتچىلەر ۋە مۇخبىرلارنى جېمىقتۇرۇش ئۈچۈن دائىرىلەر ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تۇققانلىرىنى رەھىمسزلىك بىلەن قاماققا ئالماقتا ۋە كۆزدىن غايىپ قىلماقتا.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى، بۇگۇن مەن يېنىدا پەخىرلىنىپ تۇرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ 30 دىن كۆپ ئائىلە ئەزاسىنڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بۇ تۈرلۈك كوللىكتىپ جازالاشنىڭ ئاچچىق مسالىدۇر.

ئەركىن ئاسيا رادىئوسدىكى ئالتە مۇخبىرنىڭ تۇققانلىرىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا تۇتقۇن قىلىندى.

سلەر بىر دەقىقە بولسمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئازابىنى ،ئەنسرەشلىرىنى ۋە قورقۇنچىنى تەسەۋۇر قىلىپ بېقىڭلار.ئۇلار جۇڭگونىڭ قىلىمشلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشدىن توسۇش ئۈچۈن،ئۆزىنىڭ سۆيۇملۇك  تۇققانلىرىنىڭ گۆرەگە ئىلىنىپ ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.

بىز بۈگۈن بۇ يەردە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندىكى ئۇيغۇر جەمئىيتى بىلەن ئۇلار تۇققانلىرىغا يازغان خەتنى ئىلىپ جۇڭگو باش ئەلچىسى سۇي تىيەنكەيدىن ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا يەتكۇزۇپ بىرىشنى سوراپ كەلدۇق.بىز بۇگۇن بۇ خەتلەرنى ئىلىپ كىلىش بىلەن،جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمىزكى،ئاشۇ مەھبۇسلارنىڭ غايىپ بولۇشى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ،بىز قاماققا ئىلىنغان تۇققانلارغا شۇنى يەتكۇزمەكچىمىزكى،سلەر يالغۇز ئەمەس،سلەرنىڭ سۆيۇملۇك ۋە پىداكار تۇققانلىرىڭلار سلەرنىڭ ئەركىنلىككە چېقىشىڭلار ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ.

بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو ئشلىرى بىتەرەپ مەمۇرى كومېتىتى مەسئۇللىرىدىن كڭېەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىسنىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى تەررى بىراندستاننى جۇڭگو ھەققىدىكى كىشنى بىئارام قىلىدىغان خەۋەرلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ۋە ئۇيغۇر جەمئىيتىگە قارشى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان مۇشۇ دەپسەندىچىلىكلەرگە مەسئۇل شەخسلەر ھەققىدە پاكىت توپلاشقا چاقىرغانلىقى ئۈچۈن مەدھىيلەيمىز!

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا قارشى <<يەرشارى ماگېنتسكى قانۇنى>>دىن ئىبارەت كۈچلۈك بىر قورالى بار،بىز شنجاڭ (ش ت-ت)دىكى جۇڭگۇ ئەمەلدارلىرىغا قارشى جازالاشنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئشنىمىز.بىز يەنە بىتەرەپ مەمۇرى كومېتىتىنىڭ مەسئۇللىرى،توم لانتوس ئنسانى ھوقۇق كومېتىتىنىڭ مەسئۇللىرى ،پارلامنىت ئەزاسى ماك گاۋىرىن،پارلامنىت ئەزاسى خۇلتىگرىنغا ئۇلارنىڭ بۇ ئشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بىرىۋاتقان ئنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئۈزۈلمەس سەزگۇرلۈكى ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئىيتىمىز.

ئاخىرىدا،مەن مىنىڭ دادام ،پارلامنىت ئەزاسى ،دۆلەت مەجلىسى ئنسانى ھوقۇق ھەيئەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە كەسكىن ئنسانى ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى توم لانتوسنىڭ سۆزىنى ئەسلىتىشنى لايىق كۆرىمەن،

<<مەدەنىيەتنىڭ يۈزى بىر نېپىز قەغەزدۇر،بىز مۇشۇ نېپىز قەغەزنىڭ قوغدىغۇچىلىرىمىز ۋە بىز مەڭگۈ ۋاز كەچمەيمىز >>

بىز يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قانۇنسز قاماقتىن قۇتۇلمىغۇچە،ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى ئۇلارنىڭ بىخەتەر ۋە ئەركىن ئىكەنلىكىنى بىلمىگۇچە ھەرگىز توختىمايمىز !

بىز ھەرگىز توختىمايمىز!

كاترىنا لانتوس سېۋىت 

توم لانتوس ئنسانى ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى جەمئىيتى رەئىسى

   

Leave a Comment

*

*